ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

يېنىك كېسەللەر يېزىدىن، ئېغىر كېسەللەر ناھىيەدىن چىقمايلا داۋالىنىدىغان بولدى

داۋالاش بىرلەشمىسى گەۋدىسىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش مۇلازىمىتى ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى چۆرىدەپ «ئايلىنىدىغان» بولدى

مۇخبىرىمىز چاۋجىن

2018.05.20 15:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  −ئىلگىرى دائىم ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتەتتۇق، دورا سېتىۋالاتتۇق، جىق چىقىمدار بولغاندىن سىرت، بەكلا چارچاپ كېتەتتۇق. ھازىر ياخشى بولدى، يېزا- بازارلىق شىپاخانىلاردىكى دوختۇرلارنىڭ سەۋىيەسى ئۆستى، ناھىيەلىك دوختۇرخانىدىن ھەر ھەپتىسى دوختۇرلار كېلىپ كېسەل كۆرىدىغان بولدى، پۇقرالار كېسەل كۆرسىتىشتە ئەمدى يىراققا قاترىمايدىغان بولدۇق، دېدى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى چاغانچېكە يېزىلىق شىپاخانىسىدا كېسەل كۆرسىتىۋاتقان گاۋ لىچىن. ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش بىرلەشمىسى گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلغانىدى.

  گاۋ لىچىننىڭ يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بار ئىدى، ئۇ ئۇزاقتىن بۇيان قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورا يەۋاتقانىدى، قان بېسىمىنى دورا ئارقىلىق كونترول قىلىش كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى يېزىلىق شىپاخانىغا ئەكەلگەنىدى، تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ قان بېسىمى 110دا 180 چىقتى. ئىلگىرى چاغلاردا قان بېسىمى بۇنداق يۇقىرىلاپ كەتسە، يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ داۋالىتىشقا توغرا كېلەتتى، لېكىن شۇ كۈنى يەنجى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللەر 1- بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مېھرىبان مەمەت يېزىلىق شىپاخانىدا كېسەل كۆرۈۋاتاتتى، ئۇ گاۋ لىچىننىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن داۋالاش لايىھەسىنى تەڭشىدى. گاۋ لىچىن دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە، يېزىلىق شىپاخانىدىكى دوختۇرلار مېھرىبان مەمەت بىلەن يىراقتىن دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالاقىلەشتى، نەتىجىدە گاۋ لىچىننىڭ قان بېسىمى ناھايىتى تېزلا مۇقىملاشتى. گاۋ لىچىن ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن ھېسابلاپ كۆرۈپ، بۇ قېتىمقى كېسەلخانىدا يېتىش ھەققىنىڭ ئىلگىرى ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا ياتقاندىكىدىن 1000 يۈەن ئەرزان بولغانلىقىنى بىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «يېنىك كېسەللەرنى يېزىدىن، ئېغىر كېسەللەرنى ناھىيەدىن چىقارماي داۋالاش»، «ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى تەس، داۋالىنىشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا قىلىپ بەرگەن مۇھىم ئەمەلىي ئىشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  يەنجى ناھىيەلىك سەھىيە- پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى داۋالاش مەمۇرىيىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ شياۋلى مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ھازىر «بىر ئائىلە كىشىلىرى»گە ئايلاندۇق، ئۆمەك تەشكىللەپ ياردەم بېرىش، تايانچلارنى تاللاپ يېزىلارغا كېسەل كۆرۈشكە ئەۋەتىش، يېزىلىق شىپاخانىدىكى دوختۇرلارنى يېتەكلەپ كېسەلخانىلارنى ئارىلاش، يېزىلىق شىپاخانىدىكى دوختۇرلارنىڭ رېتسىپېنى باھالاش، كېسەل تارىخىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ مۇھىم خىزمىتىگە ئايلاندى.

  يەنجى ناھىيەسى 2014- يىلى 10- ئايدا ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش- ساقلىق ساقلاش بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، سەككىز يېزا- بازارلىق شىپاخانا، 47 كەنت داۋالاش ئۆيىنىڭ خادىملىرى، مالىيەسى، ئۈسكۈنىلىرىنى ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈۋېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تەڭ زىممىگە ئالىدىغان، پايدىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان ناھىيەلىك داۋالاش مۇلازىمىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇردى. 2017- يىلى، ناھىيەدىكى ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسەتكەنلەر ناھىيەنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسەتكەنلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، كېسەللەرنى ناھىيە تەۋەسىدە داۋالاش نىسبىتى %90كە يەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى داۋالاش مەمۇرىيىتى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شياڭ مۇنداق دېدى: دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمى ئورنىتىشنى داۋالاش بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش، ئاساسىي داۋالىنىش- سەھىيە مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى دېسەك، داۋالاش بىرلەشمىسى گەۋدىسى قۇرۇشنى «ئاۋامنىڭ مۇلازىمەتنى قوغلىشىشى»نى «مۇلازىمەتنىڭ ئاۋامنى چۆرىدەپ ئايلىنىشى»غا ئۆزگەرتىشتىكى ئۈنۈملۈك ئىسلاھات تەدبىرى دېيىشكە بولىدۇ.

  ليۇ شياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش بىرلەشمىسى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم نۇقتا ناھىيە تەۋەسىدە داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ھەممە ناھىيەدە بۇ يىل داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلىدۇ، 22 ئېغىر نامرات ناھىيە يېقىندىن ھەمكارلىشىش تىپىدىكى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرىدۇ. يېزىلار ئاساسىي قاتلام داۋالىنىش مۇلازىمىتى سىستېمىسىدىكى ئاجىز نۇقتا بولغاچقا، ناھىيەلىك دوختۇرخانىلار يېزا- بازارلىق شىپاخانا، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، باشقۇرۇش ئورتاق گەۋدىسى، مەسئۇلىيەت ئورتاق گەۋدىسى، مۇلازىمەت ئورتاق گەۋدىسى، مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى قۇرىدۇ. چوڭ- كىچىك دوختۇرخانىلار «بىر ئائىلە كىشىلىرى»گە ئايلانسىلا، ئاغرىقلار ئەڭ ئىلمىي، ئەڭ مۇۋاپىق داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، «ئاز ھەق تۆلەش، ئاز قاتراش، كېسەلنى ياخشى داۋالىتىش» مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز «ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش بىرلەشمىسى گەۋدىسى قۇرۇش خىزمەت لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش، مۇلازىمەت قىلىش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلغان. ئارقىدىن «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇشنى پىلانلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، داۋالاش بىرلەشمىسى گەۋدىسى قۇرۇشنى تەشكىللەش، داۋالاش بىرلەشمىسى گەۋدىسى قۇرۇشنىڭ تەرتىپى، باشقۇرۇلۇشى، ئۇنىڭغا نام بېرىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرغان. «ئاپتونوم رايوندىكى دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى داۋالايدىغان كېسەل تۈرلىرى مۇندەرىجىسى (پايدىلانما)» ئېلان قىلىنىپ، دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامدا كېسەل كۆرسىتىش، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ داۋالاشتىن ئىبارەت داۋالاش تەرتىپى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلگەن.

  ليۇ شياڭ مۇنداق دېدى: داۋالاش بىرلەشمىسى گەۋدىسى قۇرۇش يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ تۆۋەنگە يۈزلىنىشىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئاۋامنىڭ ساغلاملىقىنى چۆرىدەپ «ئايلىنىدىغان» قىلىدۇ، بۇ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ داۋالاش بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن دوختۇرلارنىڭ رولىنى ۋىلايەت، ئوبلاست ھالقىپ جارى قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، داۋالاش بىرلەشمىسى گەۋدىسى قۇرۇلۇشى قەدەممۇقەدەم ئاممىنى ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا كۆرەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان ساغلاملىق بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل