ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى(2)

2018.05.16 13:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  (6) قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش- قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىنىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا- بازارلارنى پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە خادىملارنى تولۇقلاپ، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرى، گەندە، تۇرمۇش يۇندىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق كەسىپلەشكەن ئاسراش، قېلىپلاشقان باشقۇرۇش، ئىنچىكىلەشكەن مۇلازىمەتكە تۈرتكە بولۇپ، باشقۇرۇش- قوغداش بويىچە تەربىيەلىك تەشكىللەشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈزۈم، ئۆلچەم، قوشۇن، خىراجەت، نازارەتچىلىك بار بولغان كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى باشقۇرۇش- قوغداشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تەدرىجىي ئورنىتىش كېرەك. كەسىپلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈش- باشقۇرۇش - قوغداشقا ئىلھام بېرىپ، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلاردا شەھەر- يېزىلاردىكى ئەخلەت ۋە يۇندىلارنى بىرتەرەپ قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش، بىر تۇتاش قۇرۇش، بىر تۇتاش ئايلاندۇرۇش، بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. شارائىتى بار جايلارنى يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلىتى، تۇرمۇش يۇندىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بويىچە دېھقانلار ھەق تۆلەش تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، مالىيە تولۇقلىمىسى ۋە دېھقانلار تاپشۇرىدىغان ھەقنى مۇۋاپىق ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلات، يېزا «ھۈنەرۋەن» باشلامچىسى ۋە قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، جامائەت پاراۋانلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىڭ كەنت مۇھىتىنى تۈزەش، كەنت يوللىرىنى ياساش، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كىچىك تىپتىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللاش كېرەك. مەمۇرىي كەنتلەردىكى دېھقان- چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسى، ناھىيە، شەھەرلەردىكى كەسپىي مەكتەپ ۋە تەربىيەلەش بازىسى قاتارلىق تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ھەم ئوقۇتقۇچى كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەسىپلەشكەن تەربىيەنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇپ، يەرلىك كەنت ئاھالىسىنى تەربىيەلەشنى كەنت جامائەت پاراۋانلىقى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىنى قوغدايدىغان ۋە جامائەت پاراۋانلىقى ئورمىنىنى باشقۇرۇپ قوغدايدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى تەستىقلاش ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك (ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مۇھىت ئاسراش نازارىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، مالىيە نازارىتى، دېھقانچىلىق نازارىتى، ئورمانچىلىق نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇل بولىدۇ).

  3. سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش

  (1) ھەر دەرىجىلىك مالىيە سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش. مەركەز مالىيەسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزىشىگە مەدەت بېرىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايون مالىيەسى تولۇقلىما بېرىدىغان، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر ياردەم بېرىدىغان، ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر) ۋە ناھىيە(شەھەر، رايون)لەر يانداش مەبلەغ چىقىرىدىغان، يېزا- بازار ۋە مەمۇرىي كەنتلەر ئۆزى مەبلەغ توپلايدىغان يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش سېلىنما سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەر- يېزىلاردىكى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى كۆپەيتىش ۋە ئازايتىشنى ئۆزئارا باغلاش ئارقىلىق ئېرىشكەن يەرنىڭ قوشۇلما قىممەت پايدىسىنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىش كېرەك. كەنتلەر تېرىلغۇ يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىپ ۋە كۆپەيتىپ ئىگىدارچىلىق قىلغان يەر ۋە تولۇقلانغان يەرلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچى پايدىسىنى چىقىم خامچوتى ئارقىلىق بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ يەردىكى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشكە ئىشلىتىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ قوللاش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى پىشاڭلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش، بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ، يېزا - كەنت يولى، ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ياخشىلاش، پار بىلەن تەمىنلەش، يۇندى چىقىرىۋېتىش، يەرنى رەتلەش، سۇ تېجەپ سۇغىرىش قاتارلىق تۈر مەبلەغلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ بىرىكتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى مەبلەغ كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  (2) پۇل مۇئامىلە كىرېدىتى بىلەن قوللاشنى كۈچەيتىش. پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، پەرقلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى مەھسۇلاتلىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، پوچتا ئامانەت بانكىسى، يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ ئالاقىدار تۈرلىرىگە پائال قاتنىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. يېزا يېشىل پۇل مۇئامىلىسىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردىكى «ئۈچ كېرەكسىز»نى بىر تەرەپ قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئايلانما ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك.

  (3) ئىجتىمائىي كۈچلەرنى كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش. تارماقلار، ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ھەر دەرىجىلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر تەرەپنىڭ كۈچىنى توپلاپ، پۇل- مال ئىئانە قىلىش، قوشماقلىشىپ يۆلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى يۈرۈشتۈرۈش - باشقۇرۇش- قوغداش، كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاش، مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك. يېزا مۇھىتىنى تۈزەشنى بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىگە سېلىنىشىنى قوللاپ ۋە جەلپ قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش تۈر قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە قوللاپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىشىش (PPP) ئەندىزىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي كاپىتالنى يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلىتىنى مەخسۇس بىر تەرەپ قىلىش ۋە يېزىلاردىكى ئەخلەت، يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش تۈر قۇرۇلۇشى، ئاسراش، باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. شارائىتى بار جايلارنى يېزا مۇھىتى ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى ۋە ئالاھىدە كەسىپ، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، سەھرا ساياھىتى قاتارلىقلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، يېزىلاردىكى كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بىلەن ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  (4) تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى كۈچەيتىش. ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، لايىھەلەش ئورۇنلىرى، كارخانىلارنى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەيدىغان ئاچقۇچلۇق تېخنىكا، ھۈنەر- سەنئەت ۋە جابدۇق تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوخشاش بولمىغان جايلارنىڭ كىلىمات، مۇھىت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، يېزىلاردىكى ئەخلەت ۋە يۇندىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش- قوغداش ئۆلچىمى، تېخنىكا كۆرسەتمىسىنى تۈر ۋە دەرىجىگە ئايرىپ بېكىتىپ، كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاش تېخنىكا يېتەكچى قائىدىسى قاتارلىقلارنى تۈزۈش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى تۈر قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈشىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنى تېخنىكىلىق تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك يېزا- كەنتلەرنى پىلانلاش- لايىھەلەش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىنى تېز يېتىشتۈرۈش كېرەك. پىلانلاش - لايىھەلەش جەھەتتىكى كەسىپ - تېخنىكا خادىملىرىنى تاللاپ، كەنتتە تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىپ، كارخانىلارنى ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا- بازار، مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ يېزا مۇھىت ئاسراش ئەمەلىي تېخنىكىسى ۋە ئالاقىدار ئەسلىھە ئېھتىياجى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشقا تەشكىللەش ھەم قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  4. پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش

  (1) يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈش. ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر ئاساس ساننى ئېنىقلاپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، ھازىرقى خىزمەتلەر بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆز جايىنىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ چىقىشى، يولغا قويۇش لايىھەسىدە ناھىيە(شەھەر، رايون)لەرنىڭ نىشان- ۋەزىپىسى، مەسئۇل تارماق، مەبلەغ توپلاش لايىھەسى، دېھقان- چارۋىچىلار قاتنىشىش مېخانىزمى قاتارلىق مەزمۇنلار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. بولۇپمۇ، بۇ لايىھەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ۋە ئالتە چوڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىگە سېلىشتۇرۇپ، ناھىيە (شەھەر، رايون)نى بىرلىك قىلىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، كونكرېت نىشان ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى رايونلار بويىچە يىلغا بۆلۈپ پىلانلاش كېرەك. تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى تەييارلىق خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى يېتەكلەش، مېخانىزم ئورنىتىش، مەبلەغ توپلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر 2018- يىلى 5- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى تاماملاپ بولۇشى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىغا مەلۇم قىلىپ، ئەنگە ئالدۇرۇپ تەستىقلىتىشى كېرەك.

  (2) تىپ ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇش. ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر جېجياڭنىڭ «1000 كەنت ئۈلگە كۆرسىتىش، 10مىڭ كەنتنى تۈزەش» قاتارلىق تەجرىبىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇھىتنى تۈزەش تېخنىكىسى، چارىسى ۋە كۆپەيتكىلى بولىدىغان، ئومۇملاشتۇرۇش ئاسان بولغان قۇرۇش ھەم يۈرۈشتۈرۈش- باشقۇرۇش- قوغداش مېخانىزمىنى يەكۈنلىشى ھەم بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جايلارنى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاشتا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كەنت قۇرۇشقا يېتەكلەپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  (3) باسقۇچقا بۆلۈپ، تەرتىپلىك يولغا قويۇش. 2018- يىلى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون)لەر ئۆز رايونىدىكى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى مەخسۇس تۈزەشنى تەكشۈرۈپ، ئاساسىي ئەھۋالنى ئىگىلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، تىپىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ھەر بىر ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر) بىردىن ئىككىگىچە ئىقتىسادىي شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولى بار ناھىيە(شەھەر، رايون)نى كۆرسىتىپ نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان مۇھىت تۈزەش چارىسى، تېخنىكا لۇشيەنى، شۇنداقلا كۆپەيتكىلى بولىدىغان، ئومۇملاشتۇرۇش ئاسان بولغان قۇرۇش- باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

  2019- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش نىشان- ۋەزىپىسىنىڭ %60 ىنى تاماملىشى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئاۋۋال ئاسان مەسىلىلەرنى، ئاندىن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇشى كېرەك.

  2020- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش نىشان- ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىشى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات 22 ناھىيە ئاساسىي تۇرمۇش شارائىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ پاكىز، رەتلىك بولۇش ئاساسىي تەلىپىگە يېتىشى كېرەك.

  5. كاپالەت تەدبىرىنى كۈچەيتىش

  (1) تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش. ئاپتونوم رايون ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولىدىغان، ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ناھىيە(شەھەر، رايون)لەر چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، يېزا- بازارلار كونكرېت يولغا قويىدىغان خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىدە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدە تەسىس قىلىندى. بۇ ئىشخانا تەشكىلىي ۋە سىياسەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۆلچەم سىستېمىسى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مەسئۇل بولىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار فۇنكسىيەسى بويىچە ئىش تەقسىملەپ، تارماقنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەت، مەبلەغ، تۈرنى بىرلەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ئالغا سىلجىتىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى(مەمۇرىي مەھكىمە) بىۋاسىتە مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، يۇقىرى- تۆۋەننى جىپسىلاشتۇرۇش، رايون ئىچىدە ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەبلەغ ئىشلىتىش، يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يولغا قويۇش ئۈنۈمىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. يېزا- بازارلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتكەن خىزمەت نىشانىغا ئاساسەن، كونكرېت تەشكىللەپ يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. جايلار نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالاقىدار تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرگەندە، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئويلىشىپ، ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  (2) يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش. ھەر دەرىجىلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى، كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم نەمۇنىچىلار، پېشقەدەم ھەربىيلەرنى پائال سەپەرۋەر قىلىپ، تەشۋىق- تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلارنى ئىدىيە- كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە، مۇھىت تازىلىقى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە، ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. كەنت ئاھالىسى ئاپتونومىيە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر ئىشنى بىر مۇزاكىرە قىلىش»تەك دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش تۈرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ كوللېكتىپ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرى، بوش قالغان دېھقان ئۆيلىرى ۋە تۇرالغۇ يېرىنى قانۇن بويىچە جانلاندۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار بىلەن مەبلەغ توپلاپ، ئۇنى يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشكە ئىشلىتىپ، پاكىز، تەرتىپلىك، ساغلام، ياشاشقا باب كېلىدىغان تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  (3) كەنت ئاھالىسىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشكە ئالاقىدار تەلەپلەرنى كەنت قائىدىسى، پۇقرالار ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزۈپ، ئامما باھالاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يېزا، كەنتلەردىكى يېڭى كەيپىياتنى مەدھىيەلەپ، ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلارنى ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەش، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش، ئۆزىنى ئۆزى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ كەنت ئاھالىسى كېڭىشى، كەنت ئاھالىسىنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى نازارەت قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئاممىۋى مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئالغانلىقى، ھويلا- ئاران ۋە ئۆيلەرنىڭ ئالدى- كەينى مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشكە پائال قاتناشقانلىقىنى نازارەت قىلىش كېرەك. كەنتتىكى ئاممىۋى سورۇنلارنى تۈزەشتە كەنت ئاپتونومىيە تەشكىلاتى ياكى كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنى ئاساس قىلىش، دېھقانلار ۋە كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنى كەنت مۇھىتىنى تۈزەش پىلانى، قۇرۇلۇشى، يۈرۈشۈشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشقا تولۇق قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. يېزا مەدەنىيلىكى ساغلاملىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى مەنبەدىن تۈرگە ئايرىش قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىنى ئىچىدىغان سۇنى، ھاجەتخانىنى، سۇپىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، ئاممىنى تازىلىققا رىئايە قىلىش، يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇش، كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش، ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىشكە ۋە قالايمىقان نەرسە- كېرەك تاشلاش، قالايمىقان تۈكۈرۈش، قالايمىقان چاپلاش قاتارلىق مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارنى چۆرۈپ تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيلىك، تازىلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئىناق، مەدەنىي ئىجتىمائىي يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، گۈزەل تۇرمۇش مۇھىتى، مەدەنىي تۇرمۇش شەكلىنى ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئاڭلىق تەلىپىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  (4) قاتتىق باھالاپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلەرنىڭ نىشان- ۋەزىپىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ناھىيە(شەھەر، رايون)، يېزا- بازارلاردىكى مۇناسىۋەتلىك كادىرلارنىڭ نەتىجىسىنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بۇ يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئاساس قىلىپ، ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيەت تەقسىماتى، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، باھالاپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆلچىمى ۋە چارىسىنى تۈزۈپ، ناھىيە(شەھەر، رايون)نى بىرلىك قىلغان ئاساستا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك. ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز- ئۆزىنى تەكشۈرۈپ باھالاش ھەم ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى(مەمۇرىي مەھكىمىسى) ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى باشچىلىقىدا، تەشكىلىي رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار جايلارنىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا ھەيدەكچىلىك قىلىپ باھالاپ ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ، خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلىشى تېز، تەدبىرى كۈچلۈك، ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىغان ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر) ۋە ناھىيە(شەھەر، رايون)لەرنى مۇكاپاتلىشى، خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئاستا، ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىمىغان ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر) ۋە ناھىيە(شەھەر، رايون)لەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشى ھەم ۋاقتىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىپ، مۇۋاپىق شەكىلدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

  (5) ياخشى كەيپىيات يارىتىش. يېزىلاردا گۈزەل ھويلا- ئارانلارنى باھالاش، مۇھىت تازىلىقى شەرەپ تاختىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى قوغداشتىكى شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. گېزىت- ژۇرنال، رادىيو- تېلېۋىزىيە قاتارلىق تاراتقۇلار ۋە تور يېڭى تاراتقۇلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، جايلاردىكى ياخشى تىپ، ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى تەشۋىق قىلىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەت يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشكە كۆڭۈل بۆلىدىغان، قوللايدىغان ياخشى كەيپىياتنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل
ئالدىنقى بەت   【1】 【2】