ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى

2018.05.16 13:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى(مەمۇرىي مەھكىمە)، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۆلۈم، كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، ئاپتونوم رايوندىكى چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى:
  «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى، ھازىر سىلەرگە بېسىپ تارقاتتۇق، ئەمەلىيىتىڭلارغا بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشىڭلارنى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىڭلارنى سورايمىز.

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى
  2018- يىلى 4- ئاينىڭ 18- كۈنى


  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى»نىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلدى.

  1. ئومۇمىي تەلەپ

  (1) يېتەكچى ئىدىيە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، «سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسىغا مايىللىشىپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى، ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشى، ئېكولوگىيەسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» تەلىپى بويىچە، ياشاشقا باب كېلىدىغان گۈزەل كەنت قۇرۇشنى يېتەكچى، يېزىلاردىكى ئەخلەت، يۇندىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ھەر تەرەپنىڭ كۈچىنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر خىل بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىدىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكنى تېزدىن تولۇقلاپ، شەھەر- بازار ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يېزىلارغا كېڭەيتىشنى، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ يېزىلارنى قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشكە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

   (2) ئاساسىي پىرىنسىپ
  
  − شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش. شەھەر- يېزىلارنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئۇل ئەسلىھە، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەدرىجىي باراۋەرلەشتۈرۈش تەلىپى بويىچە، جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى مەۋقە قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئۆزىگە خوجا بولۇشى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز رايونىنىڭ تۈزەشكە دائىر كونكرېت نىشانى، مۇھىم نۇقتىسى، ئۇسۇلى ۋە ئۆلچىمىنى ئىلمىي بېكىتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى پاكىز، رەتلىك، تەرتىپلىك قىلىش كېرەك. شارائىتى ھازىرلانغان جايلار ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرسە بولىدۇ، شارائىتى ھازىرلانمىغان جايلار ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە سىجىل ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ، ئۆز پېتى ئۆلۈك ھالدا ئىشلىتىش ۋە بىر تاياقتا ھەيدەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كۆچۈرۈپ يۆلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇش بېكىتىلگەن كەنتلەر ۋە تەڭشىمەكچى بولۇۋاتقان كاۋاك كەنت قاتارلىقلار تۈزەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىسىمۇ بولىدۇ.

  − ئالدىن پىلانلاپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش. يىرىك پىلاننىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، كەنتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ مەنزىرىسىنى قوغداش ۋە مۇھىتىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئېتىز، ئۆستەڭ، يول، ئورمان ۋە كەنت قىياپىتىنى ئۇنىۋېرسال ياخشىلاپ، يېزىلارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى قوغداپ، يېزىلارنىڭ ئۆزگىچە قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ھەم يېزا مەنزىرىسى، سەھرا پۇرىقىنى ساقلاپ قالغان، ھەم يەرلىك مەدەنىيەت، كەسىپ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلالايدىغان ئىناق، مۇقىم، گۈزەل يېزا - كەنتلەرنى قۇرۇپ چىقىپ، كىشىلەر بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى، كەنت قىياپىتى بىلەن تەبىئىي مۇھىتنىڭ بىر- بىرىگە ماس كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  − مادارىغا بېقىپ ئىش كۆرۈش، تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكى، ئالدىرايدىغانلىرى بىلەن ئالدىرىمايدىغانلىرىنى ئايرىپ، ئاساسىي تۇرمۇش شارائىتىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، تۈرگە ئايرىپ مۇھىم نۇقتىنى بېكىتىپ، باسقۇچقا بۆلۈپ چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇش كېرەك. ئاساسىي تۇرمۇش شارائىتى تېخى مۇكەممەللەشمىگەن كەنتلەر سۇ، توك، يول، گاز، ئۆي قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىشى، ئاساسىي تۇرمۇش شارائىتى مۇكەممەلرەك كەنتلەر مۇھىتنى تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە چېقىش، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، ھە- ھۈ بىلەنلا باشلىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئېغىزدىلا دەپ قويماسلىق، شەكىلۋازلىق قىلماسلىق كېرەك.

  − كەنت ئاھالىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىش. كەنت ئاھالىسىنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ھۆرمەتلەپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت، كەنت كوللېكتىپى، كەنت ئاھالىسى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق پىلانلاش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق باشقۇرۇش، ئورتاق باھالاش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كەنت ئاھالىسىنى گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇشقا ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنى قولايلىقلاشتۇرۇش بىلەن ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئەمگەك كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەجبۇرىي ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا سېلىق سېلىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرماسلىق كېرەك. كەنت قائىدىسى، پۇقرالار ئەھدىنامىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ مۇھىت تازىلىقى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشكە قاتنىشىش ئاڭلىقلىقى، ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  − قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئاۋۋال مېخانىزم ئورنىتىپ، ئاندىن قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى ۋە ئايلىنىشنى باشقۇرۇش، قوغداش شەكلىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە- مېخانىزمى ۋە قۇرۇشنى باشقۇرۇش- قوغداش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆلەملەشكەن، كەسىپلەشكەن، ئىجتىمائىيلاشقان باشقۇرۇش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەر خىل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يەرلىك سېلىنمىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نازارەت قىلىش، باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، تارماقلار ھەمكارلىشىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك.

  (3) ھەرىكەت نىشانى. 2020- يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، كەنت مۇھىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن پاكىز، رەتلىك، تەرتىپلىك قىلىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ مۇھىت ۋە ساغلاملىق ئېڭىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە تىرىشىش.

  ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق ئاساسى بار، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلاردا ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ، %80 يېزا- بازار، مەمۇرىي كەنتتە تۇرمۇش ئەخلەتلىرى بىر تەرەپ قىلىنىپ، يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇش نىسبىتى %65 ئەتراپىغا يەتكۈزۈلۈپ، ھاجەتخانىلارنىڭ گەندە ۋە بۇلغىمىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بىرتەرەپ قىلىنىدۇ، يېزىلاردىكى تۇرمۇش يۇندىلىرىنى تۈزەش نىسبىتى ئاشۇرۇلىدۇ ۋە كەنت قىياپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ، باشقۇرۇش- قوغداش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىدۇ.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق ئاساسى ياخشىراق، شارائىتى ئاساسەن ھازىرلانغان جايلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىت سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ، %70 ئەتراپىدىكى يېزا- بازار، مەمۇرىي كەنتتە تۇرمۇش ئەخلەتلىرى بىرتەرەپ قىلىنىدۇ، يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇش نىسبىتى %55 ئەتراپىغا يەتكۈزۈلىدۇ، تۇرمۇش يۇندىلىرىنى قالايمىقان تۆكۈش ۋە چىقىرىش باشقۇرۇلىدۇ ۋە تىزگىنلىنىدۇ، كەنتلەرنىڭ يول قاتناش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست قاتارلىق جايلاردا دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش شارائىتىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى پاكىز، رەتلىك بولۇش ئاساسىي تەلىپى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  2. نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر

  (1) يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىرتەرەپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى(2015- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)»غا ئاساسەن، يىلدا %20 يېزا- بازار، مەمۇرىي كەنت(150 يېزا- بازار، 1700 مەمۇرىي كەنت)تە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش، يىغىپ توشۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تۈر قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى»(شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئۆلچىمى 005- نومۇر، 2017- يىلى)نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تاشلاندۇقلاردىن پايدىلىنىش، ئۇلارنى بىرتەرەپ قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئويلىشىپ، «قۇرالايدىغان، ئەسقاتىدىغان، مەشغۇلات قىلىش ئاسان، ئۇزاققىچە باشقۇرالايدىغان» بولۇش خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، «ئائىلىلەر توپلاش، كەنت يىغىش، يېزا- بازار يۆتكەپ توشۇش، ناھىيە- شەھەر بىر تەرەپ قىلىش»، «ئائىلىلەر توپلاش، كەنت يىغىش، يېزا- بازار بىر تەرەپ قىلىش»، «ئائىلىلەر توپلاش، كەنت يىغىش، يېقىن ئەتراپتا بىر تەرەپ قىلىش» قاتارلىق شەكلى ھەرخىل، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شارائىتى بار جايلارنى يېزىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئەخلەتلەرنى ئۆز جايىدا تۈرگە ئايرىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئورگانىك تاشلاندۇقلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شاخ- شۇمبا «يىغىش، ساقلاش، توشۇش» سىستېمىسى ۋە ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ئەندىزىسى ئورنىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېزىلارنىڭ شاخ- شۇمبا كۆيدۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن تۈر كىرگۈزۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئېتىزلاردىكى كېرەكسىز، كونا يوپۇق ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئورالما قاپلىرىنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى تۇپراقنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنى ئازايتىش كېرەك. قېلىپلاشمىغان ئەخلەت تۆكۈش نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، تەرتىپكە سېلىپ، ئەخلەت دۆۋىلىرىنى، ئەخلەت ئىچىدە قالغان كەنتلەرنى، ئەخلەت ئىچىدە قالغان ئۆستەڭلەرنى ۋە سانائەت بۇلغىنىشىنىڭ تاغلارغا، يېزىلارغا يامرىشىنى نۇقتىلىق تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ يېزا مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تۈرى مەبلىغىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، يەرلىك مالىيەدىن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ قوللاپ، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىش، يۆتكەپ توشۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىسىنى پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، 2020- يىلىغىچە تىرىشىپ ئاپتونوم رايون بويىچە %70 ئەتراپىدىكى يېزا- بازار، مەمۇرىي كەنتتە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك (تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، مۇھىت ئاسراش نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، سۇچىلىق نازارىتى، دېھقانچىلىق نازارىتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇل بولىدۇ).

  (2)ھاجەتخانا گەندىسىنى بىرتەرەپ قىلىشنى قانات يايدۇرۇش. ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش ئەندىزىسىنى مۇۋاپىق تاللاپ، يېزىلارنىڭ ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كۆپ خىل ئۈنۈملۈك تەشۋىق- تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلارنى تۇرمۇش قارىشىنى ئۆزگەرتىش، ساغلام تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە پائال يېتەكلەپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان يېزا ئەمىن ئۆيلىرىدىكى ھاجەتخانىلارنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى يېزا- بازار، مەمۇرىي كەنتلەردە سۇ بىلەن تازىلىنىدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانا ۋە دېھقان ئائىلىلىرىدە پاكىز ھاجەتخانا قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاجەتخانىدىكى گەندە بىلەن بۇلغىنىشنى بىرتەرەپ قىلىشنى ماس قەدەمدە يولغا قويۇشى كېرەك. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلار قوبۇل قىلالايدىغان، ئەرزان- قولايلىق، ئاسراش ئاسان، جامائەت سۇ سىستېمىسىنى بۇلغىمايدىغان بولۇش خىزمەت تەلىپى بويىچە، يېزا- بازار، مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ سۇ بىلەن تازىلىنىدىغان پاكىز ئاممىۋى ھاجەتخانا قۇرۇش سۈرئىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان سەۋىيەدىكى ئائىلىۋى پاكىز ھاجەتخانىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش بىلەن تۇرمۇش يۇندىلىرىنى بىرتەرەپ قىلىشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئېغىر نامرات 22 ناھىيەدە يېڭىدىن سېلىنىدىغان يېزا ئەمىن ئۆيلىرىگە پىرىنسىپ جەھەتتىن زىيانسىز، پاكىز ھاجەتخانا ياساش، يېزىلارنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە يۇندى ئېقىتىشقا ئالاقىدار يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەم ئۇنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، شارائىتى بار دېھقان- چارۋىچىلارنى ھازىرقى يەرلىك ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىشكە پائال يېتەكلەش كېرەك. كىشىلەر بىر قەدەر مەركەزلەشكەن، ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرمەيدىغان يېزا- بازار، مەمۇرىي كەنتلەردە يۈرۈشلەشكەن سۇ بىلەن تازىلىنىدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانا قۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا بولىدۇ. ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، سەھرا ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ۋە يېزا- بازار مەدەنىيەت مەيدانى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرى، يولۇچىلار مۇلازىمەت مەركىزى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا تازىلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېزا- بازار، مەمۇرىي كەنتلەردىكى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش كېرەك. 2020- يىلىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى تىرىشىپ %60 كە يەتكۈزۈش كېرەك. جايلارنى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھاجەتخانا گەندىلىرى، باقمىچىلىق تاشلاندۇقلىرىنى تەڭ بىر تەرەپ قىلىشقا ھەم ئۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، چارۋا، قۇش باقمىچىلىق تاشلاندۇقلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، چارۋا، قۇش باقمىچىلىق تاشلاندۇقلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، مەھەللىۋى ئوغۇت يىغىش ۋە پاتقاق گازى قالدۇقى ھەم سۇيۇقلۇقىدىن پايدىلىنىشنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىشنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، گەندە، شاخ- شۇمبا ماتېرىيالى توپلاش، ساقلاش ۋە ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى، دۈملەپ ئېچىتىش سىستېمىسى، پاتقاق گازىدىن پايدىلىنىش سىستېمىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاشنى زورايتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىش كېرەك (ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، مۇھىت ئاسراش نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتى، دېھقانچىلىق نازارىتى، چارۋىچىلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت - تەرەققىيات كومىتېتى، پەن- تېخنىكا نازارىتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇل بولىدۇ).

  (3) يېزىلاردا تۇرمۇش يۇندىلىرىنى بىرتەرەپ قىلىشنى تەدرىجىي يولغا قويۇش. يېزىلارنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ۋە نوپۇسنىڭ زىچلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ توپلاش بىلەن تارقاقلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تۇرمۇش يۇندىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى مۇھىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونى ۋە قوغداش دائىرىسىنى بېكىتىش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بېقىش مەنئى قىلىنغان رايون، بېقىشقا چەك قويۇلغان رايونلاردىكى كۆلەملىك باقمىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ «تاقاش، كۆچۈرۈش» خىزمىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى ئەتراپىدىكى تۇرمۇش يۇندىلىرى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى، چارۋا، قۇش باقمىچىلىقى ۋە يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنى ئالدىن تىزگىنلەش كېرەك. شەھەر- بازار ئەتراپىدىكى كەنتلەرنىڭ تۇرمۇش يۇندىلىرىنى شەھەر- بازارلارنىڭ يۇندى بىر تەرەپ قىلىش تۇرۇبا تورىنىڭ يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش؛ شەھەر- بازارلارغا يىراق، توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنتلەردە يۇندى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى ۋە يۈرۈشلەشكەن تۇرۇبا تورىنى بىر تۇتاش يېڭىدىن قۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش؛ يەر شەكلى مۇرەككەپ، نىسبەتەن تارقاق ئولتۇراقلاشقان كەنتلەردە رايونلارغا ئايرىپ، چوڭ- كىچىك دائىرىدە مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن تارقاقلاشتۇرۇش بىرلەشكەن جانلىق ئۇسۇلنى قوللىنىپ، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. قۇرۇلۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كېيىنكى باشقۇرۇش- قوغداش خىزمەت مىقدارىنى ئازايتىش ئۈچۈن، پىرىنسىپ جەھەتتىن مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدىغانلىرىنى تارقاقلاشتۇرماسلىق، كەڭ دائىرىدە مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدىغانلىرىنى كىچىك دائىرىدە مەركەزلەشتۈرۈۋالماسلىق، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى بىخەتەر، تېجەشلىك، سىجىل، ساغلام ئايلاندۇرۇش كېرەك. تەننەرخى تۆۋەن، ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن، ئاسراش قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۇندى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنى پائال كېڭەيتىش كېرەك. كەنت ئاھالىسىنى سۇ تېجەش ئېڭى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، تۇرمۇش يۇندىلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئازايتىش ھەم كېرەكسىز سۇنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ يۇندى بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ ئاندىن چىقىرىۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا - كەنتلەردىكى ئۆيلەرنىڭ ئالدى- كەينىدىكى غول ئۆستەڭ، تارماق ئۆستەڭ، ئوق ئېرىق، شاخچە ئېرىق، زەيكەشلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ تازىلاپ ۋە راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يېزىلاردىكى سېسىق سۇلارنى تەدرىجىي تۈگىتىش كېرەك. يېزىلارنىڭ سۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، تەستىقلاتماي تۇرۇپ، دەريا، كۆل قىرغىقى ئاساسىي سىزىقىنى بۇزۇش، ئىگىلىۋېلىش، قانۇنسىز سۇ ئېلىش، دەريا، كۆللەرنى بۇلغاش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك (مۇھىت ئاسراش نازارىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، دېھقانچىلىق نازارىتى، چارۋىچىلىق نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتى، زېمىن بايلىقى نازارىتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇل بولىدۇ).

  (4) كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش. يېزا - كەنتلەرگە تۇتىشىدىغان قاراماي(سېمونت) يول ۋە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول قۇرۇلۇشىنى تېز يولغا قويۇپ، شارائىتى بار مەمۇرىي كەنتلەردە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يولنى كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇش كېرەك. ناھىيە، يېزا- كەنتلەردىكى 4 -، 5- تۈردىكى خەتەرلىك كۆۋرۈكلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە يېزا تاشيول بىخەتەرلىكى ھاياتلىق مۇھاپىزەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا تاشيولىنى ياخشى ياساش، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئاسراش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ قاتناش- تىرانسپورتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەنت يوللىرىنى يورۇتۇش قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن جامائەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا - كەنتلەردىكى ئاممىۋى سورۇنلار ۋە ھويلا- ئارانلارنىڭ مۇھىتىنى تۈزەپ، ئۆز ئالدىغا قالايمىقان ئۆي سېلىۋېلىش، قالايمىقان نەرسە- كېرەك دۆۋىلەش، قالايمىقان نەرسە قويۇش ئەھۋاللىرىنى تۈگىتىپ، «بىر كەنتتە بىر يارقىن نۇقتا بولۇش، بىر كەنتتە بىر كوچا بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى چېقىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلارنى يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان خەتەرلىك ئۆيلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېقىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، «بىر يېڭى ئۆي سېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، بىر يۈرۈش يېڭى ئۆي سېلىپ، بىر يېڭى كەنت قۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئۆيلىرىنىڭ خاس قىياپىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن سېلىنغان، ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ سېلىنغان ۋە ئۆزگەرتىپ مۇستەھكەملەنگەن يېزا ئۆيلىرىدە دەۋر روھى، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەتراپتىكى تەبىئىي مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. يېزىلاردىكى ئېكولوگىيەلىك جامائەت قەبرىستانلىقىنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بويىچە دەپنە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەنت تۇرالغۇلىرى ۋە مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت كەنتلىرى، بازارلىرى، قەدىمىي، داڭلىق دەرەخلەرنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم بوستانلىق مەدەنىيىتى كەنتلىرىنى بەرپا قىلىپ، سەھرا مەنزىرىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزىلاردىكى «تۆت ئەتراپ»(كەنت ئەتراپى، تۇرالغۇ ئەتراپى، يول ئەتراپى، سۇ ئەتراپى)نى كۆكەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆكەرتىش سۈيىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزىلارنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنى كۆكەرتىش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ھەم ئورمان بىنا قىلىش كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېشىل ئېكولوگىيەلىك كەنت بەرپا قىلىش كېرەك. ئېتىز- ئېرىقلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، چېكىنىپ كەتكەن ئىھاتە ئورمانلىرىنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش ۋە كېمىيىپ كەتكەنلىرىنى تولۇقلاپ تىكىش خىزمىتىنى تەدرىجىي كۈچەيتىپ، ئېتىز- ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يېرى ۋە ئېكولوگىيەلىك ئورنى مۇھىم دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئەتراپىدىكى كەنت(مەھەللە)لەردە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇھىتنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى كۆپ مەنبەلىك ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئىستىراھەت ساياھىتى، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئائىلە ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، ھويلا- ئاراندا بىكار تۇرىدىغان يەردىن پايدىلىنىپ پارنىك، خاس تېرىقچىلىق، باغ، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى قاتارلىق ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇرت- ماكاننى گۈزەللەشتۈرۈش، كۆكەرتىش كېرەك. يېزىلارنىڭ پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار بولۇشىنى تۈزەش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر- يېزا مۇھىتى تازىلىقىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى داۋاملىق تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر يىلى 4- ئايدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ، مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش خىزمىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، پاكىز ناھىيە بازىرى، پاكىز يېزا- بازار، پاكىز كەنت، پاكىز ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى قاتارلىق بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك (تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دېھقانچىلىق نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئورمانچىلىق نازارىتى، مەدەنىيەت نازارىتى، مۇھىت ئاسراش نازارىتى، چارۋىچىلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت - تەرەققىيات كومىتېتى، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار مەسئۇل بولىدۇ).

  (5) كەنتلەرنى پىلانلاش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش. ناھىيە (شەھەر) تەۋەسىدىكى يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ بولغان سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا شەھىرى، شىخو شەھىرى، تېكەس ناھىيەسى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىرىك پىلانغا قاتتىق رىئايە قىلغان ئاساستا يولغا قويۇشى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق ئاساسى بار، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلار قارىمىقىدىكى ناھىيەلىك(شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەپ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە، زېمىن بايلىقى، قاتناش- تىرانسپورت، مۇھىت ئاسراش، سۇچىلىق، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق قاتارلىق تارماقلار قاتنىشىپ، ناھىيە(شەھەر) لەرنىڭ يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ 2019- يىلىغىچە تۈزۈپ بولۇش ۋە يولغا قويۇشقا تىرىشىش؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ناھىيە(شەھەر) لەرنىڭ يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى پائال تاماملاپ، ناھىيە، يېزا يەرلىرىدىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىش يىرىك پىلانى، كەنت يەرلىرىدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى، يېزا مەھەللە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى قاتارلىقلارنى تولۇق جىپسىلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل پىلاننى بىرىكتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. ناھىيە (شەھەر)، كەنتلەرنىڭ يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى نىشانىنى مۇۋاپىق بېكىتىش ھەم يېزا - كەنت سىستېمىسى، يەر ئىشلىتىش، مۇھىم ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كەنت قىياپىتى، كەنتلەرنى تۈزەش قاتارلىقلارنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى يېتەكچى قىلىپ، كەنتنىڭ ھازىرقى يىرىك پىلانىنى باھالاپ يولغا قويۇش ئاساسىدا، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى، كەنتلەرنى تۈزەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرلىرىنى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىپ، قوللىنىشچان كەنت يىرىك پىلانىنى تۈزۈش (ئۆزگەرتىش) ۋە يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت يىرىك پىلانى بويىچە باشقۇرۇش بىلەن يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك قاپلاش كېرەك. يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش ئاساسىدا، ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەنت يېرىدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، كەنتلەرنىڭ يەر ئىشلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇشى كېرەك. يېزا- بازارلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەپ رەھبەرلىك قىلىدىغان، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىدىغان، كەنت ئاھالە كومىتېتى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان، تېخنىكا ئورۇنلىرى يېتەكچىلىك قىلىدىغان كەنت يىرىك پىلانىنى تۈزۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش ۋە كەنت يىرىك پىلانىدىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى كەنت قائىدىسى، پۇقرالار ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. كەنت يىرىك پىلانى دائىرىسىدە قۇرۇلۇش قىلغاندا چوقۇم قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىش، يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسىنى تەستىقلاپ تارقىتىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى(پىلان) تارماقلىرى ۋە يېزا- بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا- كەنت يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، قانۇنسىز قۇرۇلۇشلارنى دائىملىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە ئامما پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنسىز قۇرۇلۇشلارنى ۋاقتىدا توسۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كەنت يىرىك پىلانىنىڭ قاتتىق ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك (تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، زېمىن بايلىقى نازارىتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇل بولىدۇ).

  
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل
【1】 【2】  كېيىنكى بەت