ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈچىنچى قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش باشلاندى

خاسلاشتۇرۇلغان سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تۈرلىرى كۆپەيتىلدى

2018.05.14 13:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: مەھەللىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى ياقۇپ تۇرسۇن 5- ئاينىڭ 13- كۈنى ئەتىگەندىلا ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، قەشقەر شەھەرلىك 2- سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىگە كەلدى، ياقۇپ تۇرسۇن تېلېفوندا ماڭا مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ ئۈچىنچى يىلى ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىشىم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىزچىل سالامەتلىكىمىزنى ئويلاپ، سالامەتلىك ئەھۋالىمىزنى تېخىمۇ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقىغا رەھمەت.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى يېقىندا جايلاردا ئارقا- ئارقىدىن باشلانغان. بۇ يىل ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئاساستا خاسلاشتۇرۇلغان سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تۈرلىرى قوشۇلغان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى دوختۇرلارنى سالامەتلىك تەكشۈرتىدىغانلارغا كېسەل تارىخىنى سوراپ دىياگنوز قويۇش، ئاڭلاپ دىياگنوز قويۇش، ئۇلارنى تەكشۈرۈپ، ئائىلە كېسەللىك تارىخى، ئىرسىيەت تارىخى، كېسەللىك زىيىنى ئامىلى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى ۋە بەدىنىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاشمايدىغان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن، خاسلاشتۇرۇلغان سالامەتلىك تەكشۈرتۈش مۇلازىمەت مەزمۇنىنى تۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاساسىي قاتلام سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گو ۋېيجياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى بايقاش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىللىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە، 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ كۆكرەك بوشلۇقىنى رېنتىگېندە تەكشۈرۈش تۈرىنى كۆپەيتتۇق، يەرلىكتىكى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلار بايقالغان گۇمانلىق ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى ئاغرىقلىرىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇپ، ئاغرىقلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاش دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ.

  گو ۋېيجياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىكى مەقسەت بىر تەرەپتىن، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەنە بىر تەرەپتىن، كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش. بۇ يىل بىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە بايقالغان نۇقتىلىق كىشىلەرگە يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىمىز. سالامەتلىكنى تەكشۈرگەن دوختۇر سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، گۇمانلىق تۇغما كەمتۈكلۈك كېسىلى، كۆز قارىچۇقىغا ئاق چۈشۈش، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىك ئالامىتى بارلارنى مۇناسىپ داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، ئېنىق دىياگنوز قويدۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەم يۆتكەيدۇ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار جامائەت پاراۋانلىقى فوندى تۈرى، يورۇقلۇق ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى يولغا قويغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئالدىن يۆتكىلىپ، ھەقسىز داۋالىنىدۇ.

  بۇ يىللىق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە، نامرات ئاھالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى قاراتمىلىق تەكشۈرۈلۈپ، ئۇلارغا يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش، دوختۇرخانىدا يېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىنىپ، «ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ كېسىلىنى ئېنىقلاپ تىزىملاش جەدۋىلى» يېڭىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  ئۇقۇشىمچە، 2016- يىلى9- ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون مىقياسىدا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ئاساسىي قاتلامدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىدا خادىملار كەمچىل بولۇش، ئۈسكۈنە يېتىشمەسلىك ۋە ئىقتىدارى ئاجىز بولۇشتىن ئىبارەت « ئۈچ قىيىن مەسىلە»نى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، 1700 دىن ئارتۇق سالامەتلىك تەكشۈرۈش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، 42 مىڭ تېببىي خادىم ئاجرىتىپ، 18 مىليون 844 مىڭ 800 ھەر مىللەت ئاممىغا سالامەتلىك تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى قىلىپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر ئالدىنى ئېلىش، بالدۇر داۋالاش»قا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل