ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ھاردۇقنى يېمەك- ئىچمەك بىلەنمۇ چىقارغىلى بولىدۇ

2018.05.07 12:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ھارغىنلىق كىشىلەر ئەڭ چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. كىشىلەر تولۇق دەم ئالسىمۇ، يەنىلا ھاردۇق يەتكەندەك، چارچىغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەتىگەندە ۋاقتىدا ئويغىنالمايدۇ، دائىم ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىدۇ، كەچتە تېلېۋىزور كۆرۈۋېتىپ كىرېسلودىلا ئۇخلاپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق «ئىككىلەمچى ساغلاملىق» ھالىتىدىكى چارچاشنى يېمەك- ئىچمەكنى تەڭشەش ئارقىلىقمۇ تۈگەتكىلى بولىدۇ.

  1. كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەكتە ئىشقارلىق يېمەكلىك كەم بولسا بولمايدۇ. مەسىلەن، يېڭى كۆكتات، قىسمەن يەل- يېمىش، سۈت قاتارلىقلار. ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىنىڭ ئىقتىدارىنى ماسلاشتۇرۇپ ھاردۇقنى چىقىرىدۇ.

  2. كالتسىي بېسىمنى ئازايتىدۇ. كالتسىي كەم كىشىلەرگە ئاسانلا ھاردۇق يېتىدۇ، چارچايدۇ، نېرۋىسى ئاسانلا جىددىيلىشىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھاردۇقىنى چىقارمىقى تەس. كالا سۈتىدە ياسالغان يېمەكلىك، پۇرچاق سۈتىدە ياسالغان يېمەكلىك، خەيدەي قاتارلىقلار كالتسىي تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

  3. تەركىبىدە ئومېگا- 3 ياغ كىسلاتاسى مول بېلىقلارنى، مەسىلەن، تۇننۇس بېلىقى قاتارلىق چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. بۇنداق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ، ھاردۇق يەتكەن چوڭ مېڭىنى ۋاقتىدا ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

  4. ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B6 ۋە ۋىتامىن B12 قاتارلىق ۋىتامىن B تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان، نېرۋىدىكى زەھەرنى تازىلايدىغان تەبىئىي يېمەكلىك بولۇپ، ھاردۇق چىقىرىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ۋىتامىن Bنى مۇۋاپىق تولۇقلاپ تۇرۇش ئاستا خاراكتېرلىك چارچاش يىغىندى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە ئەڭ پايدىلىق.

  5. ۋاقتى- ۋاقتىدا، مۇۋاپىق سۇ ئىچىپ تۇرۇش كېرەك. قايناقسۇ ئىچىش ئەڭ مۇۋاپىق. سۇنى كۆپ ئىچىش بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىدۇ، جىگەر ۋە ئۈچەي يوللىرىدىكى زەھەرنى ھەيدەيدۇ، ھاردۇق چىقىرىدۇ، جىددىيلىك پەسىيىدۇ. ئەمما كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش كېرەك.

  «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى»دىن ئېلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر