ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

بەش خىل ناچار ئادەت مېڭىگە قان چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

2018.05.07 12:22 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مېڭىگە قان چۈشۈش كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىدىغان، ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى كېسەل بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا تۇرمۇشتا تۆۋەندىكى ئادەتلەردىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  ھاراقنى كۆپ ئىچىش. ھاراقنى كۆپ ئىچىش يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۇئاگولىننىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، مېڭىگە قان چۈشۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. تەتقىقاتتا ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ھاراق ئىچكەن كىشىلەردە مېڭىگە قان چۈشۈش يېشىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن بولىدىغانلىقى، ئوتتۇرىچە كېسەل قوزغىلىش يېشىنىڭ 60 ياش بولىدىغانلىقى، بىراق ھاراق خۇمارى يوق كىشىلەرنىڭ 74 ياش بولىدىغانلىقى، ناۋادا كېسەل قوزغالسا، ھاراقنى كۆپ ئىچكەنلەرنىڭ داۋالىنىش نەتىجىسىنىڭ نىسبەتەن ناچار بولىدىغانلىقى بايقالغان.

  تاماكىنى كۆپ چېكىش. ھاراق بىلەن تاماكا قان تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشى، يۈرەك سوقۇشىنىڭ تېزلىشىشى، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماكىنى قانچە كۆپ چەكسە، مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ خەۋپى شۇنچە زور بولىدۇ. تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، جەمەتىدە دىيابېت كېسەللىك تارىخى بولۇش قاتارلىق ئامىللارنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر كۈنى 30 تالدىن ئارتۇق تاماكا چەككەن كىشىنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ 2.84 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. تاماكىنى تاشلىغان ۋاقتى بەش يىلدىن ئاشقاندا مېڭىگە قان چۈشۈش خەۋپى %59 تۆۋەنلەيدۇ.

  ھاياجانلىنىش. كەيپىياتنى تەڭشەپ خۇشال- خۇرام ۋە ئوچۇق- يورۇق بولۇپ زىيادە ھاياجانلىنىش، زىيادە غەزەپلىنىشتىن ساقلىنىش ناھايىتى مۇھىم. بولۇپمۇ قان بېسىمىنى ئۇزاق مۇددەت كونترول قىلالمايۋاتقان كىشىلەردە غەزەپلىنىش قاتارلىق كەيپىياتى ئۆزگىرىش، جىددىي ھەرىكەت قىلىش، قەۋزىيەت قاتارلىق ئەھۋاللار ساقلانسا، يۇقىرى قان بېسىمى خاراكتېرلىك مېڭىگە قان چۈشۈش ناھايىتى ئاسان يۈز بېرىدۇ.

  تۈنەش. ياشانغانلاردا فىزىيولوگىيەلىك تەڭشەش ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارى چېكىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، تۇرمۇشى تەرتىپسىز بولسا، بولۇپمۇ كېچىسى دائىم تۈنىسە، ماددا ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىپ مېڭىگە قان چۈشىدۇ، شۇڭا ياشانغانلار ئۆز ۋاقتىدا ئارام ئېلىپ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسىنى قالايمىقان ئىچىش. يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە دورىنى ئۇزاق مۇددەت ئۆز ۋاقتىدا ئىچىشى كېرەك. بەزى ئاغرىقلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچمەي، دورىنىڭ تۈرى ۋە مىقدارىنى ئۈزى بىلگەنچە كۆپەيتىدۇ ياكى كېمەيتىدۇ، نەتىجىدە قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇش دەرىجىسى زورىيىپ قان تومۇرلارنىڭ تەكرار تارتىشىپ قېلىشى، سۇلۇق ئىششىقنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مېڭىگە قان چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ياشانغانلار مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، يۇقىرىقىدەك ئادەتلەرنى تۈزەتكەندىن سىرت، تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، يېمەك- ئىچمەكنى تەڭشەش. يېمەك- ئىچمەكتە ماي، تۇز، قەنتنى تۆۋەنلىتىپ، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئاز ئىستېمال قىلىپ، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، يېڭى كۆكتات، مېۋە- چېۋىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، ئورۇق گۆش، بېلىق ۋە تۇخۇمنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ھاۋا رايى ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش. ياشانغانلارنىڭ ھاۋا رايى ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا، ھاۋانىڭ زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق بولۇشى قان تومۇرلارنىڭ جىددىي قىسقىرىشى ياكى قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنىڭ ئېشىشىنى پەيدا قىلىپ، مېڭىگە قان چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش. قەۋزىيەت بولغاندا چوڭ تەرەت قىيىنلىشىپ قورساقنىڭ بېسىمى، قان بېسىمى ۋە باش سۆڭىكىنىڭ بېسىمى بىرلا ۋاقىتتا ئۆرلەپ، ئاجىز، كىچىك قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشى نەتىجىسىدە مېڭىگە قان چۈشىدۇ. ياشانغانلار قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا گۈمبەمەدەك تۈرى، كەرەپشە، كۈدە قاتارلىق مول ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەر ۋە ھەسەل سۈيى، كۈنجۈت، تاتلىق ياڭيۇ، كۆممىقوناق قاتارلىق ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

  مەمەت تۇراپ تەرجىمىسى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر