ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

پارنىك كۆكتاتلىرىدىكى كېسەل ۋە زىيانداشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى

2018.05.03 12:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  1. دورا چېچىلغان ئورۇن توغرا بولۇش لازىم. پارنىكتىكى كۆكتاتلارنىڭ يوپۇرمىقىدا بولىدىغان كېسەللەرنى يوقىتىشتا، دورىنى يوپۇرماقنىڭ ئالدى ۋە كەينىگە تەكشى چېچىش لازىم. يوپۇرماق ۋە مېۋىدە بولىدىغان كېسەللەرنى يوقىتىشتا، دورىنى يوپۇرماق بىلەن مېۋىگە مۇۋاپىق پەيتتە چېچىش لازىم. يىلتىزدىكى كېسەللەرنى يوقىتىشتا، دورىنى ئەڭ ياخشىسى يىلتىزىدىن سۇغىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ چېچىش لازىم.

  2. پارنىكتىكى كۆكتاتلار كۆپىنچە سوغۇقراق مەزگىللەردە ئۆستۈرۈلىدىغان بولغاچقا، دورىنى ئادەتتە يوپۇرماقتىكى سۇ تامچىلىرى قۇرۇغاندىن كېيىن تەكشى چېچىش لازىم. شۇنداقلا پارنىكنى ھاۋا ئۇدا تۇتۇق چاغلارغا ماس كېلىدىغان ئىسلاش دورىلىرى بىلەن كەچتە ئىسلىسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

  3. دورىنىڭ مىقدارى توغرا بولۇشى لازىم. دورىنىڭ قويۇقلۇقى بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇپ قالسا، كۆكتاتلاردا دورىنىڭ زىيىنى ئېنىق كۆرۈلمىگەن تەقدىردىمۇ، كېسەل ۋە زىيانداشلارنىڭ زىيىنىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا دورىنى چوقۇم ئۈنۈملۈك مىقدار بويىچە توغرا ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش لازىم.

  4. دائىملىق دورىلارنى تېخنىكا تەلىپى بويىچە ئىشلىتىش دائىرىسىنى ئېنىق بىلىش لازىم. مىكروبلۇق كېسەللەر يۈز بەرگەندە زەمبۇرۇغ ئۆلتۈرگۈچى دورىلار ئىشلىتىلسە، ئالدىنى ئېلىش- يوقىتىش ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. باكتېرىيەلىك كېسەللەرنى باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش دورىلىرى بىلەن، زەمبۇرۇغلۇق كېسەللەرنى زەمبۇرۇغ ئۆلتۈرگۈچى دورىلار بىلەن يوقىتىش لازىم.

  5. دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش پىرىنسىپىنى بىلىش لازىم. ئالدىنى ئېلىش- يوقىتىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئەمەلىيەت جەريانىدا كۆپىنچە ئىككى خىلدىن ئارتۇق دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىلمىي ئاساستا ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش، ھەرگىز دېھقانچىلىق دورىلىرىنى قالايمىقان ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

  6. دېھقانچىلىق دورىلىرىنى كۆپ مىقدارلىق ئىشلىتىشنى ئاز مىقدارلىق ئىشلىتىشكە ئۆزگەرتىش لازىم. ئاز مىقدارلىق پۈركۈش تېخنىكىسى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ يىغىلىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەيدۇ.

  7. كۆكتات سورتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، مۇۋاپىق مىقداردا يېپىشتۇرغۇچى قوشۇپ ئىشلىتىش لازىم، مەسىلەن: غولپىياز يوپۇرمىقى، كۆكمۇچ يوپۇرماقلىرىنىڭ يۈزى بىر قەدەر سىلىق بولغانلىقتىن، دورا سۇيۇقلۇقى ئاسانلىقچە يوپۇرماق يۈزىدە يىغىلىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ- دە، ئالدىنى ئېلىش- يوقىتىش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا چاچماقچى بولغان دورىغا مۇۋاپىق مىقداردا يېپىشتۇرغۇچىلارنى قوشۇپ چاچقاندا، ئالدىنى ئېلىش- يوقىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  باھارگۈل ئەشرەپ، نۇرىمانگۈل ياسىن تەييارلىغان
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر