ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۈزۈم ساپىقى ئۇچى قۇرۇشنىڭ سەۋەبى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى

2018.05.03 12:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  1. ئۈزۈم ساپىقى ئۇچى قۇرۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى: (1) ئۈزۈم تېلىنى سۇ ۋە ئوغۇت ساقلاش ئىقتىدارى ناچار بولغان قۇمساڭ تۇپراقلاردا ئۆستۈرسە ھەم تەلەپ بويىچە پەرۋىش قىلمىسا، مېۋىلىگەندىن كېيىن ئۈزۈم ساپىقى ئۇچى قۇرۇپ، ھوسۇلى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؛ (2) ئۈزۈم تېلىنى سۈپەتلىك مەھەللىۋى ئوغۇتلار بىلەن ئوغۇتلىمىسا، چېچەكلەپ مېۋىلەش مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، ساپاق ئۇچى قۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؛ (3) ئۈزۈم تۈپلىرىدە كالىي، فوسفور ئېلېمېنتى يېتىشمىسە، ساپاق ئۇچىدا قۇرۇش ئالامەتلىرى بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ؛ (4) ئۈزۈم تېلى چېچەكلەپ مېۋىلەش مەزگىلىدە قۇرغاق ئىسسىق شامال تەسىرىگە ئۇچرىسا، ساپاق ئۇچىدا قۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؛ (5) ئۈزۈم پىشىش مەزگىلىدە كۆپ سۇغارسا، ساپاق ئۇچىدا قۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

  2. ئۈزۈم ساپىقى ئۇچى قۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى: (1) باغ پەرۋىشىنى ۋاقتىدا ئىشلەش لازىم. 5- ئاينىڭ باشلىرىدىن ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۈزۈم تېلىنىڭ گۈل رېتى ئېنىق كۆرۈنگەندە، قارىغۇ بىخ، قوش بىخ، ئاجىز بىخلارنى يىمىرىۋېتىش بىلەن بىللە، چېچەكلەشتىن بۇرۇن مېۋە شاخ، ئوزۇقلۇق شاخلارنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈش كېرەك؛ (2) كۈزدە ئاساسىي ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش، ئەتىيازدا خىمىيەلىك ئوغۇت بىلەن قوشۇمچە ئوغۇتلاش لازىم. چېچەكلەشتىن بۇرۇن ۋە چېچەكلىگەندىن كېيىن، ھەر مو يەرنى 30- 35 كىلوگىرام ئەتراپىدا بىرىكمە ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش كېرەك؛ (3) ئەتىيازدا ئۈزۈم تېلى بىخلىنىشتىن بۇرۇن بومى بەش گىرادۇسلۇق ھاك- گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنى چېچىش ياكى %40لىك ئاسومات (福美砷)نىڭ 100 ھەسسىلىك سۇيۇقلۇقىنى چېچىپ، قىشتىن ئۆتكەن كېسەل مىكروبىنى يوقىتىش كېرەك؛ (4) 7- ئاينىڭ باشلىرىدىن 8- ئاينىڭ باشلىرىغىچە كالىي دىھىدرو فوسفات (磷酸二氢钾)نىڭ 500- 800 ھەسسىلىك سۇيۇقلۇقىنى يوپۇرماق يۈزىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم تەكشى چاچسا، ئۈزۈم ساپاق ئۇچى قۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم ھوسۇلىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ (5) 8- ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۈزۈم تېلىنى سۇغىرىش ۋاقىت ئارىلىقىنى ئۇزارتىش لازىم. شۇنداق قىلغاندا ئۈزۈم ساپىقى ئۇچى قۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۈزۈم تېلى بەك كۆپ سۇغىرىلسا، نەملىك ئېشىپ كېتىپ، ئۈزۈم ساپىقىنىڭ ئۇچى قۇرۇشنى تېزلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا كېيىنكى مەزگىلدە يېنىك سۇغىرىش لازىم.

  گۈلزار ئابلىمىت تەييارلىغان
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر