ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى(2)

(2017- يىل 9- ئاينىڭ 27- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2018.05.03 12:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  23- ماددا بىراك قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يىغىش تىجارىتى قىلىدىغان كارخانىلاردا، مۇناسىپ كەسپىي تېخنىكلار ۋە باشقۇرغۇچىلار، مەخسۇس چۇۋۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەسى بولۇشى كېرەك. ئۇلار دۆلەت بەلگىلىگەن مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك ھەمدە شۇ جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ، شەرتكە توشىدىغانلىرىنى يىغىۋېلىشقا، بىراك قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

  24- ماددا بىراك قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يىغىش تىجارىتى قىلىدىغان كارخانىلار بەلگىلىمە بويىچە، يىغىۋېلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى پارچىلىۋېتىشى ياكى يانجىۋېتىشى ھەمدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  بىراك قىلىنىپ يىغىۋېلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق دېتاللىرىنى يېڭىلاشقا، سېتىشقا بولمايدۇ، بىراك قىلىنىپ چۇۋۇۋېتىلگەن زاپچاسلاردىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى قۇراشتۇرۇۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  25- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ سۈپىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىش، نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى، رېمونت سۈپىتى، مەشغۇلات سۈپىتى ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت جەھەتلەردىكى ئەرزلەرنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى ھەمدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى؛ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ باشقۇرۇشىغا تەئەللۇق ئىشلارنى شۇلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

  26- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەرز قىلىش ئەھۋالىغا ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئىشلىتىلىۋاتقان مۇئەييەن تۈردىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياراملىقلىقى، بىخەتەرلىكى، ئىشەنچلىكلىكى ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىشى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

  27- ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ياراملىقلىقى، ئىشەنچلىكلىكى، بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەي تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كېڭەيتىش باھانامىسى ئالغان بولسا، ئەسلىي باھانامە بەرگەن ئاپپارات بىكار قىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ مەھسۇلات كېڭەيتىشنى قوللاش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولسا، ئالاقىدار تارماق ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

    4- باب ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت

  28- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈچۈن كۆپ خىل تەشكىلىي ئەندىزە، تىجارەت شەكلى ۋە مۇلازىمەت مەزمۇنىدىكى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت قىلىدىغان تەشكىلاتلارنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلىشى ۋە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىش، ئۇنىۋېرسال تىجارەت قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دېھقان- چارۋىچىلار ۋە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش، پەن- تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىش، رېمونت قىلىش، ئۇچۇر مەسلىھەتى بېرىش، ۋاسىتىچىلىك قىلىش جەھەتلەردە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

  29- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئۇچۇر مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، رەتلەش ۋە ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقان- چارۋىچىلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت تەشكىلاتلىرى ھەمدە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش تەلىپى، مەشغۇلات بازىرى ئېھتىياجى، يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى تېخنىكىنى كېڭەيتىش، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش جەھەتلەردە ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

  30- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىشقا تەشكىللىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى، ئۇلارغا ئالاقىدار تېخنىكا ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىشى ھەمدە بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كېرەك.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش- تىرانسپورت، مېتېئورولوگىيە تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلغۇچىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

  31- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار، رېمونت قىلغۇچىلار ۋە مەشغۇلات قىلغۇچىلارنى قانۇن بويىچە ساھە جەمئىيىتى قۇرۇپ، ساھە تەلەپچانلىقىنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.

  ساھە جەمئىيەتلىرى ئەزالىرىغا مۇلازىمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

  32- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساتىدىغان، رېمونت قىلىدىغان، بىراك قىلىنغاننى يىغىۋالىدىغان كارخانىلارنىڭ تىجارەت، مۇلازىمەتتە لەۋزىدە تۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت قىلغان كارخانىلارنى لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى ھەمدە سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنى خەۋەرلەندۈرۈپ، ئۇنى كارخانىنىڭ ئىناۋەت ئارخىپىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

    5- باب يۆلەش تەدبىرى

  33- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۆۋەندىكى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى مەبلەغ جەھەتتىن يۆلىشى كېرەك:

  (1) يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش بويىچە تەتقىق قىلىش، يارىتىش؛

  (2) يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، كېڭەيتىش؛

  (3) يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش كەسىپكارلىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش؛

  (4) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى ۋە مەشغۇلات ياردەم پۇلى بېرىش؛

  (5) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى ياردەم پۇلى ۋە بىراك قىلىش- يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش؛

  (6) يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش جامائەت مۇلازىمىتى ۋە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش؛

  (7) يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قىلىش؛

  (8) يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كېتىدىغان باشقا مەبلەغلەر.

  34- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياردەم مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياردەم مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، قىسىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ساختا مەلۇم قىلىش، باشقىلارنىڭ نامىدا ئېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياردەم مەبلىغىنى ئېلىۋېلىشىغا، ئالداپ ئېلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  35- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز، ئىناۋەتلىك قەرزگە كېپىل بولۇش ئاپپاراتى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ دېھقان- چارۋىچىلار ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىغا ئىناۋەتلىك قەرز مۇلازىمىتى قىلىشىنى قوللىسا بولىدۇ.

  پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ئىناۋەتلىك قەرز كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاش ۋە يانداش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

  36- ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان، يارىتىدىغان، ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساتىدىغان، رېمونت قىلىدىغان ۋە مەشغۇلات قىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  37- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا ئالاقىدار سۇغۇرتىلارنى يېزا ئىگىلىكىگە دائىر سىياسەت خاراكتېرلىك سۇغۇرتا دائىرىسىگە تەدرىجىي كىرگۈزىدۇ.

  تۈرلۈك سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان سۇغۇرتا مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  38- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يېزىلارنىڭ بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىش بازىرى، سەپلەش- يەتكۈزۈش مەركىزى، بىرتۇتاش ئېلېكتىرونلۇق راسچوت قىلىش، ئۇچۇر توپلاش- تارقىتىش ۋە ئەشيا ئوبوروت زاپىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللىشى كېرەك.

  39- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېرىقچىلىق ماشىنىلىرى يولى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ساقلاش مەيدانى، ئامبىرى، لاپىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى ھەمدە ئۇنى يېزىلاردىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى تۈرى بىلەن تەڭ يولغا قويۇشى، ناھىيە، يېزا يولى ياساش مەبلىغىنى ھەر يىلى مەلۇم نىسبەتتە تېرىقچىلىق ماشىنىلىرى يولىنى ياساش ۋە رېمونت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

  40- ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ساقلاش مەيدانى، ئامبىرى، لاپىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە يېرى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ۋە شەھەر- يېزا يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى، قانۇن بويىچە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك يېرىنى تەستىقلىتىش رەسمىيىتى بېجىرىلىشى، يېزا ئىگىلىك يېرى بويىچە باشقۇرۇلۇشى كېرەك.

  يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىشتە، ئاساسىي ئېتىزنى ئىگىلەشكە، ئۇنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

    6- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  41- ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى، باشقا ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئۇلارنىڭ مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

  (1) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەمۇرىي ئىجازەت بەرگەنلەر؛

  (2) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتىنى كېڭەيتىشتە ساختا باھالاش دوكلاتى چىقىرىپ بەرگەنلەر؛

  (3) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياردەم مەبلىغىنى تارقىتىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغان ياكى ئۇنى ئىگىلىۋالغان، قىسىۋالغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛

  (4) دېھقان- چارۋىچىلار، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى بەلگىلەنگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىغان ياكى باشقىچە يول بىلەن مەجبۇرلىغانلار؛

  (5) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

  42- ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىدىغان تىجارەتچىلەردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 20- ماددىسىنىڭ (2)، (3) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ رېمونت تېخنىكا لاياقەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.

  مۇشۇ نىزامنىڭ 20- ماددىسىنىڭ (1)، (4)، (5)، (6) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا گوۋۇيۈەننىڭ «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  43- ماددا بىراك قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يىغىش كەسپىنى ئۈستىگە ئالغان تىجارەتچىلەردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

  (1) دېھقان- چارۋىچىلارغا چۇۋۇۋېتىش، يىغىش ھەققىدە ساختا ئىسپات چىقىرىپ بەرگەنلەر؛

  (2) بىراك قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يىغىش تىجارىتى شەرتىنى ھازىرلىمىغانلار؛

  (3) يىغىۋېلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى چۇۋۇۋېتىش ياكى يانجىۋېتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

  (4) يىغىۋېلىنغان بىراك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يېڭىلىغان، ساتقانلار؛

  (5) بىراك قىلىنىپ چۇۋۇۋېتىلگەن دېتاللاردىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى قۇراشتۇرغانلار.

  44- ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 34- ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساختا مەلۇم قىلىش، باشقىلارنىڭ نامىدا ئېلىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياردەم مەبلىغىنى ئېلىۋالغان، ئالداپ ئېلىۋالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە قايتۇرغۇزىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ ياردەم پۇلى ئېلىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  45- ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغان باشقا قىلمىشلارغا ئالاقىدار قانۇن- نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

    7- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  46- ماددا بۇ نىزام 2017- يىل 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1995- يىل 8- ئاينىڭ 4- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16- يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004- يىل 11- ئاينىڭ 26- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13- يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن- نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر
ئالدىنقى بەت   【1】 【2】