ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى

(2017- يىل 9- ئاينىڭ 27- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2018.05.03 12:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
          (50- نومۇرلۇق)
  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» 2017- يىل 9- ئاينىڭ 27- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32- يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2017- يىل 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
  شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە ئېلان چىقاردۇق.


    1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1- ماددا بۇ نىزام يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

  2- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىش، كېڭەيتىش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت قىلىش شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا يار- يۆلەك بولۇش پائالىيەتلىرىدە، مۇشۇ نىزامغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

  3- ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش دېگىنىمىز دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىقنى ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت شارائىتىنى ياخشىلاپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.

  بۇ نىزامدا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دېگىنىمىز دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش قاتارلىق ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا، ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

  4- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپ سىياسىتىنى تۈزۈپ، دېھقان- چارۋىچىلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام بېرىشى ۋە ئۇنى قوللىشى كېرەك.

  يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېھقان- چارۋىچىلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا قىلىدىغان مۇلازىمەت ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى، ئۇلارنى ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.

  5- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىخەتەرلىكىنى ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

  6- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەرەققىيات- ئىسلاھات، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، مالىيە، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

  7- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنى بويىچە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئەمەلىي تېخنىكىسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرى ۋە قانۇن- نىزاملار ھەققىدە تەشۋىق- تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرى جەھەتتىكى تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

    2- باب تەتقىق قىلىش، كېڭەيتىش

  8- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ھەمدە پەن- تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۇللۇق، ئاچقۇچلۇق، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىش، يارىتىش ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى؛ ئىلغار، ياراملىق، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى مەھسۇلاتى ۋە يېڭى تېخنولوگىيەسىنى كىرگۈزۈش، كېڭەيتىش ۋە ئىشلىتىشىنى قوللىشى كېرەك.

  تەتقىق قىلىش، يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مەبلەغ قىلىپ سېلىش، پاي قىلىپ قوشۇش قاتارلىق ھەمكارلىق شەكىللىرى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھام بېرىلىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كەشپىيات- ئىجادىيەت ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ؛ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى، ئۈلگە كۆرسىتىش يىغىنلىرىنى ئېچىپ، ئىچكى- تاشقى تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھام بېرىلىدۇ.

  9- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش تۈرلىرى پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە يولغا قويۇشى كېرەك.

  يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشتا نۇقتىلىق كېڭەيتىدىغان تۈرلەرنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈش، مالىيە، پەن- تېخنىكا تارمىقى قاتارلىق تارماقلار مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈر تەشكىللەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە مۇكاپاتلاش جەھەتتە قوللىشى كېرەك.

  10- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كەشىپ قىلىشىغا، ئىلغار تېخنىكا، ئىلغار تېخنولوگىيە ۋە ئىلغار ماتېرىيال ئىشلىتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىگە، يۈرۈشلەشكەن، ئۆلچەملەشكەن، كۆپ ئىقتىدارلىق ۋە ئەلا سۈپەتلىك، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان، باھاسى مۇۋاپىق بولغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

  11- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشتا ئۈلگە بازىسى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈش ۋە سىناق قىلىشنى تېزلىتىشى، ئەۋزەل كەسىپنى مۇھىم نۇقتا قىلغان يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش بويىچە تېخنىكا كېڭەيتىش، ئۈلگە رايونى قۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سىناق قىلىش، ئۈلگە بازىسىغا تايىنىپ، دېھقان- چارۋىچىلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، تەربىيەلەش جەھەتلەردە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

  12- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلار، كارخانا- كەسپىي ئورۇنلارنى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ۋە دېھقانچىلىق تېخنولوگىيەسى بىرلەشتۈرۈلگەن مېخانىزم ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات قائىدىسى ۋە دېھقانچىلىق تېخنولوگىيە قائىدىسى تۈزۈشكە تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يېزا ئىگىلىكتە سورت يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش ئەندىزىسى قاتارلىقلارغا ماسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  13- ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يېڭى تېخنىكىسى ۋە يېڭى ماشىنا- سايمانلارنى كېڭەيتىشتە، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، دېھقان- چارۋىچىلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، تەجرىبە قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، تەربىيەلەش، كېڭەيتىش قاتارلىق تەرتىپلەر بويىچە ئىش قىلىش كېرەك.

  14- ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سىناق قىلىش، باھالاش ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، ئۇلارنىڭ بېكىتىلگەن تىپ بويىچە ئىشلەپچىقارغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ياراملىقلىقى، بىخەتەرلىكلىكى، ئىشەنچلىكلىكىنى تەكشۈرۈشى، تېخنىكا جەھەتتىن باھالىشى ھەمدە باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، دېھقان- چارۋىچىلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىشىغا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

  15- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېڭىچە كەسپىي دېھقان- چارۋىچىلار ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلىشى ھەمدە ئالاقىدار تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەر، مەشغۇلات قىلغۇچىلار، رېمونت قىلغۇچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلارنى كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ ئەمەلىي تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، كۆپ قاتلاملىق يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئوقۇش تارىخى مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش كەسپى ئىختىساسلىقلىرى ۋە تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

    3- باب سۈپەت كاپالىتى

  16- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتى، رېمونت سۈپىتى ۋە مەشغۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  17- ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، رېمونت قىلىش ۋە مەشغۇلات قىلىشتا، دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش كېرەك. دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمى بولمىغانلىرىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى، رېمونت سۈپىتى ۋە مەشغۇلات سۈپىتىگە دائىر يەرلىك ئۆلچىمىنى تۈزۈش كېرەك. جىسمانىي بىخەتەرلىككە، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ۋە مۇھىت ئاسراشقا مۇناسىۋەتلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىدا، دۆلەت بەلگىلىگەن مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تېخنىكا قائىدىسىنى ئىجرا قىلىش كېرەك.

  18- ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار سۈپەت كاپالىتى كونترول سىستېمىسىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، زاۋۇتتىن چىققان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىغا زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت قۇرۇلمىسى، ئاگاھ بەلگىسى ۋە خەنزۇچە ئاگاھ چۈشەندۈرمىسى ئورنىتىشى ھەمدە كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا ئىشلەپچىقارغان كارخانىنىڭ نامى ۋە ئادرېسىنى، مەھسۇلاتنىڭ نامى ۋە تىپىنى، زاۋۇتتىن چىقىش نومۇرى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، ئىجرا قىلىنغان ئۆلچىمى قاتارلىق ئۇچۇرلار بېسىلغان مەڭگۈلۈك نامتاختا ئورنىتىشى كېرەك.

  19- ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ساتقۇچىلار مال كىرگۈزۈشتە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى، مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى مەھسۇلات ئىسپاتى بېرىلگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتىنى سېتىشى، مۇناسىپ ئىسپات ھۆججىتى ياكى بەلگىلىرىنىمۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى كېرەك.

  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتىنى سېتىشتا، بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت قۇرۇلمىسى، ئاگاھ بەلگىسى ۋە خەنزۇچە ئاگاھ چۈشەندۈرمىسى، شۇنىڭدەك ماشىنا- سايمانلارنىڭ نامتاختىسى قاتارلىقلارنى مۇكەممەل ساقلاش ھەمدە سېتىۋالغۇچىغا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات قائىدىسى ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ، قانۇن بويىچە تالون كېسىپ بېرىشى كېرەك.

  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ساتقۇچىلارنىڭ سېتىۋالغۇچىلارغا شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەت قوللىنىدىغان تىل- يېزىقتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات چۈشەندۈرمىسىنى بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

  20- ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولسا بولمايدۇ:

  (1) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش تېخنىكا لاياقەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ رېمونت قىلىش كەسپىنى قىلىش؛

  (2) رۇخسەت قىلىنغان رېمونتچىلىق دەرىجىسىدىن ياكى دائىرىسىدىن ھالقىپ رېمونت تۈرىنى قوبۇل قىلىش؛

  (3) دۆلەت ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش تېخنىكا ئۆلچىمى، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تېخنىكا قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش؛

  (4) بىر پۈتۈن يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى قۇراشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش؛

  (5) لاياقەتسىز دېتال ئىشلىتىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش؛

  (6) بىراك قىلىش شەرتىگە توشقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش؛

  21- ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتىدا، دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى ياكى ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن مەشغۇلات سۈپىتى ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش كېرەك؛ مەشغۇلات سۈپىتى ئۆلچىمى بولمىغانلىرىدا، ئالاقىدار ئىككى تەرەپ تەۋسىيەلىك سۈپەت ئۆلچىمى ۋە دېھقانچىلىق تېخنولوگىيە قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە ئادىل، مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، مەشغۇلات ئۆلچىمىنى پۈتۈشسە بولىدۇ.

  22- ماددا دۆلەت ئېنىق بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ياكى بىراك قىلىش شەرتىگە توشقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىشنى توختىتىش ھەمدە قانۇن بويىچە يىغىۋېلىش كېرەك. شاللىۋېتىلگەن، بىراك قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقىنىڭ بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تىزىمدىن ئۆچۈرۈپ، نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى يىغىۋالىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر
【1】 【2】  كېيىنكى بەت