ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭدا ئېغىر كېسەللەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ «كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش» يۈكى يېنىكلىتىلدى

2018.05.02 11:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 29- ئاپرېل تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون يېزىلاردىكى ئېغىر كېسەل، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان نامرات ئاھالىلەرنى ھەرتەرەپلىمە كاپالەتلەندۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىشتىكى خىراجەت يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىدىكەن.

  ئاپتونوم رايون 4- ئاينىڭ 28- كۈنى ئېلان قىلغان «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە ئېغىر كېسەل، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەر (ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر ۋە يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەر، نامرات مېيىپلەرنى كۆرسىتىدۇ)گە قارىتا، «بىر تۈركۈم ئېغىر كېسەللەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش» ھەرىكىتى پىلانى يولغا قويۇلۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى قاتارلىق ھەرتەرەپلىمە تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ، ھەمتۈرتكە كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش خىراجەت يۈكى يېنىكلىتىلىپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىنىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلار ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى قاتارلىق كاپالەت تەدبىرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى ساغلاملىق ئارقىلىق يۆلەشتە كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىدىكەن. شىنجاڭ مالىيەدىن بىر تۇتاش مەبلەغ ئاجرىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەسىدىكى 1 مىليون 620 مىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنى ئېغىر نامرات ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش تولۇقلىما سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرىدىكەن، داۋالىنىش خىراجىتى شەكىللەنگەندە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى سىياسىتى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان قىسمىنى سۇغۇرتا ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر پېڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭ نامرات رايونلاردا يەنە شۇ جاينىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كونكرېت تەپسىلىي داۋالاش لايىھەسى ۋە كىلىنىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى تۈزۈپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، باھاسى مۇۋاپىق داۋالاش تېخنىكىسى، دورا ۋە خورىما ماتېرىيالنى ئالدىن تاللاپ، خىراجەتنى قاتتىق تىزگىنلىدى ھەم نۇقتىلىق دوختۇرخانىدا ئېغىر كېسەللەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ قۇتقۇزۇپ داۋالاپ، داۋالاش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈشنى كۈتۈش ۋاقتىنى قىسقارتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر