ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۈزۈمنىڭ پەسىللىك پەرۋىشى

2018.04.18 11:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  1. ئەتىيازلىق پەرۋىشى: ئۈزۈم تېلىنى 3- ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ توپىدىن ئېچىپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە سۇغىرىش كېرەك. ئاق توزان كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش ئۈچۈن، ترىئادىمېفون (粉锈宁)، ئاچ ئازولون (三唑酮)، ھاك- گۈڭگۈرت بىرىكمىسى قاتارلىقلارنى چېچىش كېرەك. ئاچ ئازولوننى ھەر مو يەرگە 40- 50 مىللىگىرامدىن 10- 20 كىلوگىرام سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈزۈم تېلى بىخلىنىشتىن بۇرۇن تەكشى چېچىش كېرەك.

  2. يازلىق پەرۋىشى: ئۈزۈم چېچەكلەشتىن ئىككى- ئۈچ كۈن بۇرۇن، ھەر مو يەرگە بىر گىرام 920 دېھقانچىلىق دورىسىنى 20 گىرام %95 لىك ئىسپىرتتا ئېرىتىۋېلىپ، سەككىز- ئون كىلوگىرام سۇغا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، گۈل تىزمىسىغا تەكشى چېچىش ياكى چىلاش كېرەك. ئادەتتە ئۈزۈم تېلى چېچەكلەش مەزگىلىدە دورا چاچماسلىق، سۇغارماسلىق، ئوت- چۆپنى يوقاتماسلىق كېرەك، بولمىسا ئۈزۈمنىڭ چېچەكلەپ مېۋىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. ئۈزۈم چېچەكلىگەندىن كېيىنكى ئون كۈن ئىچىدە ۋە چېچەكلەش مەزگىلى ئاخىرلىشىپ مېۋە ساپىقى شەكىللەنگەن مەزگىلدە، 920 دېھقانچىلىق دورىسىنى يەنە يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئىسپىرتتا ئېرىتىۋېلىپ، 10- 12 كىلوگىرام سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، مېۋە ساپاقلىرىغا تەكشى چېچىش كېرەك. ئۈزۈم تېلىنى يازلىق پۇتاشتا، غول شاخلارنىڭ يەر يۈزىدىن 50- 60 سانتىمېتىر يۇقىرىسىدىكى شاخلارنى 15- 25 سانتىمېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ پۇتاش كېرەك. مېۋە شاخلىرى سەككىز- ئون تال يوپۇرماق چىقارغاندا مېۋە ساپىقى ئۈستىدىن بەش- ئالتە تال يوپۇرماق قالدۇرۇپ ئۇچىنى ئۈزۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن 10- 15 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قايتا ئۆسۈپ چىققان يېڭى نوتىلار ئۈچ تالدىن بەش تالغىچە يوپۇرماق چىقارغاندا، ئىككى- ئۈچ تال يوپۇرماق قالدۇرۇپ ئۇچىنى ئۈزۈش كېرەك. مېۋە يوغىناش مەزگىلىدە قوشۇمچە ئوغۇتلاش كېرەك. ئۈچ- تۆت يىللىق ئۈزۈم تېلىغا ئاممونىي سۇلفات (硫酸铵)، ئاممونىي نىترات (硝酸铵)، ئورىيا (尿素) قاتارلىق ئوغۇتلارنى ھەر مو يەرگە 10- 15 كىلوگىرامدىن، ھەر بىر تۈپكە 100- 150 گىرامدىن توغرىلاپ، ئۈزۈم تۈپىدىن 30- 40 سانتىمېتىر يىراقلىقتا، ئون سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئورەك كولاپ كۆمۈش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا خىمىيەۋى ئوغۇتلار تېز ئۈنۈم بېرىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، ئۈزۈم تېلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

  3. كۈزلۈك پەرۋىشى: (1) ئۈزۈم مېۋىسىنى ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاساسىي ئوغۇت بىلەن يېتەرلىك ئوغۇتلاپ توڭ ياتقۇزۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مو يەرگە 3000- 4000 كىلوگىرام ئورگانىك ئوغۇتقا يانتاق، بۇيا قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈزۈم تۈپىدىن 40- 50 سانتىمېتىر يىراقلىقتا، 40- 50 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا ھالقىسىمان ئورەك كولاپ كۆمۈش كېرەك؛ (2) كۈزدە ئۈزۈم تېلىنى چاتاپ، يورۇقلۇق، ھاۋا شارائىتىنى ياخشىلاپ، كېلەر يىللىق ھوسۇلغا ياخشى ئاساس سالغىلى بولىدۇ. شۇڭا شۇ يىللىق مېۋە بەرگەن بىر يىللىق، قويۇق ئۆسكەن شاخلارنى ئىككى- ئۈچ بوغۇم قالدۇرۇپ كېسىۋېتىش كېرەك. شالاڭ ئۆسكەن، تولۇق يېتىلمىگەن شاخلارنى بىر- ئىككى بوغۇم قالدۇرۇپ كېسىۋېتىش كېرەك. (3) ئۈزۈم تېلىنى قىشتىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، 10- ئاينىڭ ئاخىرىلىرى توڭ ياتقۇزۇش ھەم ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ، بىرىنچى قېتىمدا 10- 15 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا، ئىككىنچى قېتىمدا 30- 40 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا توپا بىلەن كۆمۈش كېرەك.

  ئابدۇرېھىم ئەسەيدىن، شاكىرجان مەمەت تەييارلىغان
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر