ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ «ئىشتات سىرتىدىكى ئەزاسى»

مۇخبىرىمىز زوۋ يى خەۋىرى، فوتوسى

2018.04.16 11:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    سۇ لىسەي(سولدىن 2- كىشى) كەنت كادىرلىرى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىللە ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىشىگە ياردەملەشمەكتە.
  چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاغىستاي يېزىسى تۆۋەنكى جاغىستاي كەنتىدىكى 73 ياشلىق سۇ لىسەي ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئاممىغا خالىس ياردەم بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  سۇ لىسەي 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا شەندۇڭدىن دادىسىغا ئەگىشىپ تۆۋەنكى جاغىستاي كەنتىگە كەلگەن. ئۇ ئەينى چاغدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ: شۇ چاغدا تۇرمۇشىمىز قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى، كەنتتىكى ئۇيغۇر يۇرتداشلار بىزگە كۆپ ياردەم قىلغان، دېدى.

  كەنت ئاھالىسى ئاسىيە سەيدىئەخمەت مۇنداق دېدى: 1982- يىلى 11- ئايدا، سۇ ئاكام كىچىك تىراكتورىدا مېنى ۋاقتىدائېلىپ ماڭمىغان بولسا، بەلكىم پالەچ بولۇپ قالغان بولاتتىم. شۇ كۈنى قېلىن قار يېغىپ، قاتتىق شىۋىرغان چىقىۋاتقانىدى، سۇ ئاكام ئېرىم ئىككىمىزنى چوڭ يولغا ئاپىرىپ ئاپتوموبىلغا چىقىرىپ قويغاچقا، غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ۋاقتىدا بېرىۋالدۇق. سۇ ئاكام شۇ كۈنى قايتىۋاتقاندا ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپتۇ، ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاران ئەسلىگە كەلدى، سۇ ئاكامغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

  سۇ لىسەينىڭ 30 نەچچە يىللىق كونا قوشنىسى ئىمەرجان توختاخۇن مۇنداق دېدى: سۇ لىسەي ئۇيغۇرچىنى ناھايىتى راۋان سۆزلەيدۇ، ئۇ باقمىچىلىق، ئۇلاقچىلىق تېخنىكىلىرىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىساق، سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرىدۇ؛ ھەر يىلى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلانغاندا، ئۇرۇقلۇق، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ئۆتنە ئېلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تۆۋەنكى جاغىستاي كەنتىگە كەلگەندىن بۇيان، سۇ لىسەي خىزمەت ئەترىتىگە پائال ياردەملىشىپ، يول باشلىغۇچى ھەم تەرجىمان بولۇپ، خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك ئىشلەشتە مۇھىم رول ئوينىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى پاڭ جيەنمىن: ئۇ خىزمەت ئەترىتىمىزنىڭ «ئىشتات سىرتىدىكى ئەزاسى»، دېدى.

  سۇ لىسەي مۇنداق دېدى: ياشىنىپ قالدىم، بۇ كەنتتە ياشاۋاتقىنىمغا 60 يىلدىن ئاشتى، پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۈچۈمنىڭ بارىچە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، كەنتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشىلاپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياخشى ياردەمچىسى بولىمەن.
    سۇ لىسەي ئۆيىدە كەنت ئاھالىلىرىگە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلماقتا.
    ئاسىيە سەيدىئەخمەت چاغاندا سۇ لىسەينى يوقلاپ كېلىپ، سۇ ئاكىنىڭ ئۆزىگە ياردەم بەرگەن ھېكايىسىنى ئەسلەپ، كۆزىگە ئىختىيارسىز ياش ئالدى.
    سۇ لىسەي كەنت ئاھالىسى ئېلىئەمەت ئەخمەتكە مېۋە كۆچىتىنى ئۇلاش تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر