ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، دەل جايىدا كۈچەپ، كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە دەل جايىدا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2018.04.15 13:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 4- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2017- يىللىق ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش خىزمىتى ئۈنۈمىنى باھالاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى»نى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ باھالاش جەريانىدا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمىنى ئەڭ قاتتىق باھالاشنى يولغا قويۇش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، نامرات ئاممىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە ھەقىقىي تېگىش قىلىپ، «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»تا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە ۋە تېخىمۇ زور سالماق بىلەن دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دەل جايىدا بولۇش تەلىپىنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي ئىسىم- فامىلە تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دەل جايىدا بولۇشنى تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، ھەرقايسى جەھەتلەردە نامايان قىلىش كېرەك. ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى تۈرلىرى ۋە سىياسەت، تەدبىرلەرنى رەتلەپ، ھەقىقىي ئىسىم- فامىلە تىزىملىكىنى بىرمۇ بىر تۈزۈپ، «ھەقىقىي ئىسىم- فامىلە تۈزۈمى»نى كونكرېت ئادەمگىچە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشان بىلەن تەدبىرنى جىپسىلاشتۇرۇش، ۋەزىپە بىلەن تىزىملىكنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەقىقىي ئىسىم- فامىلە تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، كەنتكىچە تۈزىتىشكە تېگىشلىكىنى كەنتكىچە تۈزىتىپ، ئائىلىگىچە تۈزىتىشكە تېگىشلىكىنى ئائىلىگىچە تۈزىتىپ، ئادەمگىچە تۈزىتىشكە تېگىشلىكىنى ئادەمگىچە تۈزىتىپ، نىشانلىق ئىش قىلىپ، نىشانلىق تۈزىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەقىقىي تېگىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان ئىرادە ئارقىلىق تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزەش كېرەك؛ نىشان، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدە غەمدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»، «بىرگە يېقىنلىشىش»تىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ تۈزىتىش كېرەك؛ «يەتتە بىر تۈركۈم، ئۈچ سالماقنى ئاشۇرۇش»نى چۆرىدەپ، نامراتلارنى كۆزلەپ، شارائىتقا، كەنتكە، ئائىلىگە قاراپ تۈزىتىش كېرەك؛ جانلىق دەل جايىدا باشقۇرۇپ، «قايتا قاراش»، «قايتا تەكشۈرۈش»، «قايتا ياردەم بېرىش»نى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتتە باشتىن- ئاخىر جانلىق دەل جايىدا بولۇش، ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىستىل مەسىلىسىنى قاتتىق جازالاپ، قاتتىق تۈزىتىپ، ئىستىلى ئەمەلىي بولماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ دۈشمەننى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى سۈپەت ۋە سانغا كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەخسۇس گۇرۇپپىلار ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تۈزىتىش دەپتىرى تۇتۇپ، يۇقىرىدىكىلەر ئۈلگە بولۇپ، تۆۋەندىكىلەر ئۈنۈم يارىتىپ، قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىي يېتەكلەپ، تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى 6- ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇرۇن دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر