ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق قوغدايمەن

بۇرچىن ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر جاناربېك سايتېرقان

2018.04.15 13:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقاتتى، ئۇلار مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ھازىر شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن- ئاخىر سىياسىي جەھەتتە سەگەك، مۇستەھكەم بولۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، ھەر خىل خاتا ئىدىيەنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىماي، تار مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىدىن ساقلىنىپ، كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل مەقسىتىنى ئېنىق تونۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقى ۋە سۇيىقەستىنى پاش قىلىمەن.

  مەن باشتىن- ئاخىر سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەيمەن. مېنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىم مەڭگۈ كومپارتىيە ئەزاسى، بىرىنچى مەسئۇلىيىتىم مەڭگۈ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش. بۇ مەيدان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي كۈرىشىدە، مەن سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى باشتىن- ئاخىر قەتئىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى چۆرىدەپ «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ» ۋە بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق ھالدا زىممەمگە ئېلىپ، قەلبىمگە پۈكۈپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  مەن باشتىن- ئاخىر سىياسىي ئىنتىزامنى شەرتسىز ئىجرا قىلىشنى، سىياسىي قائىدىگە ئەمەل قىلىشتا بىپەرۋالىق قىلماسلىقنى، سىياسىي تۆۋەن چەكتىن ھالقىپ كەتمەسلىكنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمەن. «سادىق بولۇش، پاك بولۇش، زىممىگە ئالالايدىغان بولۇش» سىياسىي تەلىپى بويىچە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشتىن- ئاخىر مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىمەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سەپسەتىلىرىنى دادىل پاش قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىمەن، ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق ئەتراپىمدىكى ئاممىغا ياخشى كۈنلەرنىڭ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى داغدۇغىلىق ھالدا دادىل چۈشەندۈرىمەن، ئاممىنى چىن كۆڭلىدىن پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇشقا، پارتىيەنىڭ گېپىنى قەتئىي ئاڭلاشقا، بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

  مەن شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىمەن. شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. مەن جاپالىق ھەم مۇرەككەپ كۈرەش داۋامىدا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئاڭلىق قوغداشنى باشتىن- ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر