ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات

−2018- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىغا بېرىلگەن

2018.03.24 14:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ
  
   ۋەكىللەر:

  ھازىر، مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ئۆتكەن بەش يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن، بۇ يىللىق خىزمەت توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

  1. ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت ئەسلىمىسى

  12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدىن بۇيانقى بەش يىل دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە بەش يىل بولدى. ئىنتايىن چىگىش، مۇرەككەپ ئىچكى- تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭكەش ئالغا سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تارىخىي ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىنى تۈزدى، بۇ زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار ۋە تارماقلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 12- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى غەلىبىلىك ئورۇنداپ، 13- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تارىخىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي ئۆزگىرىش ياسىدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادىي كۈچىمىز يېڭى پەللىگە چىقتى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 54 تىرىليون يۈەندىن كۆپىيىپ، 82 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.1 ئاشتى، دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن سالمىقى %11.4تىن تەخمىنەن %15كە كۆتۈرۈلدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %30 تىن ئېشىپ كەتتى. مالىيە كىرىمى 11 تىرىليون 700 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ، 17 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يەتتى. ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئۆرلەش نىسبىتى %1.9 بولدى، بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيە ساقلاندى. شەھەر- بازارلاردا 66 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتتە بىرقەدەر تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەمەلگە ئاشتى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. ئىستېمالنىڭ تۆھپە نىسبىتى %54.9 تىن %58.8 كە، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ سالمىقى %45.3 تىن %51.6 كە كۆتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ قالدى. يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %11.7 ئاشتى. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 تىرىليون 200 مىليارد جىڭغا يەتتى. شەھەر- بازارلىشىش نىسبىتى %52.6 تىن %58.5 كە كۆتۈرۈلدى، 80 مىليوندىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە نوپۇسى شەھەر- بازار ئاھالىسىگە ئايلاندى.

  بەش يىلدىن بۇيان، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا تۈرتكە قىلىشتا مول نەتىجە قولغا كەلدى. پۈتكۈل جەمئىيەت بويىچە تەتقىق قىلىپ يارىتىش سېلىنمىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %11 ئېشىپ، كۆلەم جەھەتتە دۇنيا بويىچە 2- ئورۇنغا ئۆتتى. پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە نىسبىتى %52.2 تىن %57.5كە كۆتۈرۈلدى. ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، چوڭقۇر دېڭىزنى تەكشۈرۈش، كىۋانتلىق ئالاقىلىشىش، چوڭ ئايروپىلان قاتارلىق زور ئىجادىي نەتىجىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، كۆچمە چىقىم، ھەمبەھرىلىك ئىقتىساد قاتارلىقلار دۇنيا ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. «ئالاقە تورى + » ھەرقايسى ساھەلەرگە كەڭ كۆلەمدە كىردى. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان كارخانا 5000 نەچچە يۈزدىن ئېشىپ، 16 مىڭدىن كۆپرەككە يەتتى. تېز يۈكسىلىۋاتقان يېڭى قۇۋۋەت ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش- تۇرمۇش ئۇسۇلىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش ياساپ، جۇڭگو ئىجادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى بەلگىسى بولۇپ قالدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا زور قەدەم تاشلاندى. ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك كۈچ بەردى، كۆپ نۇقتىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر ئالغا سىلجىدى، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە قولغا كەلدى. ئاساسىي ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي رامكىسى ئاساسەن بەرپا قىلىندى. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلار ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى روشەن ئۈنۈم بەردى، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسى ياخشىلىنىپ، كۆلىمى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مۇقىم تۇردى.

  بەش يىلدىن بۇيان، خەلق تۇرمۇشى ئىزچىل ياخشىلاندى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجە قولغا كەلدى، 68 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە ئازايدى. 8 مىليون 300 مىڭ نامرات كۆچۈرۈپ يۆلەندى، نامراتلىشىش نىسبىتى %10.2 تىن %3.1 كە چۈشتى، ئاھالە كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.4 كۆپىيىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپى شەكىللەندى. چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلغانلار 83 مىليون ئادەم)قېتىم(دىن كۆپىيىپ 130 نەچچە مىليون ئادەم (قېتىم) گە يەتتى. مائارىپ ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى. ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 900 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى قاپلىدى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 350 مىليون ئادەمنى قاپلىدى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تورى شەكىللەندى. ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 76.7 ياشقا يەتتى. كەپە ئۆي رايونىدا 26 مىليون يۈرۈشتىن ئارتۇق تۇرالغۇ ئۆي ئۆزگەرتىلدى، يېزىلاردا 17 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيى ئۆزگەرتىلدى، 100 مىليونلىغان ئادەم يېڭى ئۆيگە خۇشاللىق بىلەن كۆچۈپ كىردى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى پەيدىنپەي ياخشىلاندى. ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنىڭ ئۈچ «10 ماددىسى» تۈزۈلۈپ، پۇختا ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بىرلىك ئېنېرگىيە سەرپىياتى، سۇ سەرپىياتى %20 تىن ئارتۇق تۆۋەنلىدى، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى ئىزچىل تۆۋەنلىدى، نۇقتىلىق شەھەرلەردە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان كۈن سانىنىڭ يېرىمى ئازايدى، ئورمان كۆلىمى 163 مىليون مو كۆپەيدى، قۇملاشقان يەر كۆلىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېقىن ئازايدى. يېشىل تەرەققىياتتا خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2017- يىلدا ئىقتىسادىي- ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشان- ۋەزىپىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندالدى ھەمدە كۆزلىمىدىن ياخشى بولدى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6.9 ئاشتى، ئاھالىنىڭ كىرىمى %7.3 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن تېز بولدى؛ شەھەر- بازارلاردا 13 مىليون 510 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئىشسىزلىق نىسبىتى كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى؛ سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى قايتا ئۆرلىدى، كارخانا پايدىسى %21 ئاشتى؛ مالىيە كىرىمى %7.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ قېلىش ھالىتى ئۆزگەرتىلدى؛ ئىمپورت- ئېكسپورت %14.2 ئاشتى، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 136مىليارد 300 مىليون دوللارغا يېتىپ، تارىختا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئېشىش بىلەن سۈپەت، قۇرۇلما، ئۈنۈم بىر- بىرىگە تۈرتكە بولىدىغان ياخشى ھالەت بارلىققا كەلدى. بۇ بەش يىلدىن بۇيانقى بىرقاتار زور سىياسەتلەرنىڭ جۇغلانما تەسىرى، ھەر جەھەتتە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇزاقتىن بۇيان سىڭدۈرگەن ئەجىرنىڭ نەتىجىسىدۇر.

  ئۆتكەن بەش يىلدا قولغا كەلگەن ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈز بەرگەن چوڭقۇر قاتلاملىق تۈپ ئۆزگىرىشلەر يەنە بىر قېتىم پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى ۋە پەخىرلەندۈردى.

  بەش يىلدىن بۇيان، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسەن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.

  (1) مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەشنى كۈچەپ يېڭىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. مۇشۇ بىرنەچچە يىلدا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاجىزلاپ كەتتى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرى بىر ئۆرلەپ، بىر پەسىيىۋاتىدۇ، قورۇقچىلىق روشەن باش كۆتۈرۈپ قالدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر گەۋدىلىنىپ قالدى، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى داۋاملىق كۈچەيدى، ئىككىدىن بىرنى، كۆپتىن بىرنى تاللايدىغان بىرمۇنچە قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. بۇنداق ئەھۋالدا، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، «باستۇرۇپ سۇغىرىش» پەدىسىدە كۈچلۈك غىدىقلايدىغان ئىشنى قەتئىي قىلماي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورماللىقىغا لايىقلىشىپ، ئۇنى ئىگىلەپ ۋە يېتەكلەپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەشنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق ئارىلىقتا تەڭشەش- تىزگىنلەش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، نىشانلىق تەڭشەش- تىزگىنلەش، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش- تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەڭشەش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتتۇق. ئىقتىسادىي ھەرىكەت مۇۋاپىق ئارىلىقتا داۋاملىشىدىغان، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار كۆپىيىدىغان، كىرىم كۆپىيىدىغان، مۇھىت ياخشىلىنىدىغانلا بولسا، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوچۇق تەكىتلىدۇق. ھازىرقىغا پايدىلىق، يىراق كەلگۈسىگە تېخىمۇ پايدىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى لايىقىدا ئاشۇرۇپ، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق. جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، «قوپال ئىزغا چۈشۈش»تىن ساقلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، قۇرۇلمىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق، ئىقتىساد ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىدىغان ئاساسىي تەرەپ ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى.

  ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇردۇق. مالىيە كىرىم- چىقىمىدىكى زىددىيەت بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، دۆلىتىمىز تەرەققىياتقا پايدىلىق شارائىت يارىتىش، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، باشلامچىلىق بىلەن باج- ھەقنى زور دەرىجىدە ئازايتتى. تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى قەدەممۇقەدەم ئومۇميۈزلۈك ئالغا سۈرۈپ، 66 يىل داۋام قىلغان تىجارەت بېجى ئېلىش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، جەمئىي 2 تىرىليون يۈەندىن ئارتۇق باجنى ئازايتتۇق، بۇنىڭدىن باشقا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا باج ئېلىشتا ئېتىبار بېرىش، ھەر خىل ھەقنى ئېنىقلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ 3 تىرىليون يۈەندىن ئارتۇق سېلىقىنى يەڭگىللەتتۇق. يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ساقلانما قەرزىنى ئالماشتۇرۇش يولىنى تۇتۇپ، ئۆسۈم سېلىقىنى 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن تۆۋەنلەتتۇق. مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، تىنما مەبلەغنى جانلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ۋە نۇقتىلىق تۈرلەرنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. مالىيە قىزىل رەقىمىنى ئىزچىل %3 ئىچىدە تىزگىنلەپ تۇردۇق. پۇل سىياسىتىدە پۇختا، نېيترال بولۇش يولىنى تۇتتۇق، كەڭ مەنىدىكى پۇل M2 نىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەش ھالىتىدە تۇردى، كىرېدىت ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى مۇۋاپىق ئاشتى. تەييارلىق فوندىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش، مەخسۇس قايتا قەرز بېرىش قاتارلىق پەرقلىق سىياسەت قوللىنىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەدەت بېرىشنى كۈچەيتتۇق، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىلگەن قەرزنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۈرلۈك قەرزنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولدى. پېرېۋوت نىسبىتىنى بازار ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلدۇق ۋە مۇكەممەللەشتۈردۇق، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئازىيىش ئەھۋالى ئۆزگەرتىلىپ، كۆپىيىشكە باشلىدى. پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى «پۇل قىسلىقى» قاتارلىق بىنورمال داۋالغۇشقا ئوبدان تاقابىل تۇردۇق، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىپ، سىستېمىلىق خەۋپ- خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغدىدۇق.

  (2) تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ياخشىلىنىپ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىنى تېزلەتتۇق. ئىسلاھاتقا چىڭ تايىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە قۇرۇلما تەڭپۇڭسىزلىقىدىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق.

  «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق. بەش يىلدىن بۇيان، سېمونت، تاختا ئەينەك قاتارلىق قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋېتىش ئاساسىدا، پولات- تۆمۈر، كۆمۈر قاتارلىق ساھەلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەركەز مالىيەسىدىن 100 مىليارد يۈەن مەخسۇس مۇكاپات تولۇقلىما مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەدەت بېرىشكە ئىشلەتتۇق. 170 مىليون توننىدىن ئارتۇق پولات- تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، 800 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چېكىندۈردۇق، تارقاقلاشتۇرۇلغان 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى- خىزمەتچىنى ئورۇنلاشتۇردۇق. شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، تۈر بويىچە يېتەكچىلىك قىلدۇق، 3 -، 4- قاتاردىكى شەھەرلەردە تاۋار تۇرالغۇ قالدۇقىنى تۈگىتىشتە روشەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، جەلپكار شەھەرلەردە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تىزگىنلەندى. پىشاڭسىزلاشتۇرۇش ئاكتىپلىق، سالماقلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، قەرزدارلىق كۆلىمى تىزگىنلەندى، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى ئاشۇرۇلدى، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك قەرز نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، ماكرو پىشاڭ نىسبىتىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش دائىرىسى روشەن تارىيىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىشىشقا يۈزلەندى. كۆپ خىل تەدبىرلەر تەڭ ئىشقا سېلىنىپ، تەننەرخ تۆۋەنلىتىلدى، ھۆكۈمەت فوندى تۈرى %30 ئازايتىلدى، مەركىزىي ھۆكۈمەت قاتلىمىدا تەسىس قىلىنىدىغان، كارخانىلارغا تاقىلىدىغان ھەق ئېلىش تۈرى %60 تىن كۆپرەك ئازايتىلدى، «بەش سۇغۇرتا، بىر فوند»نىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىلدى، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، ئەشيا ئوبوروتى، تېلېگراف قاتارلىقلاردا تەننەرخنىڭ تۆۋەنلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقى ئاشۇرۇلدى.

  كونا تەرەققىيات قۇۋۋىتى بىلەن يېڭى تەرەققىيات قۇۋۋىتىنىڭ داۋاملاشما ئالمىشىشى تېزلىتىلدى. «ئالاقە تورى + » ھەرىكىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، كەڭ قورساقلىق، ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى، بۈيۈك مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، ئەشيا ئالاقە تورىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشى ئالغا سۈرۈلدى، گۈللەنمە كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر يېڭىباشتىن چوڭقۇر بەرپا قىلىندى. «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» يولغا قويۇلۇپ، سانائەت ئاساسىنى كۈچەيتىش، ئاقىل ياسىمىچىلىق، يېشىل ياسىمىچىلىق قاتارلىق زور قۇرۇلۇشلار ئالغا سىلجىتىلدى، ئىلغار ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلدى. زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلىرى بىردىنلا قەد كۆتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى، تېرىقچىلىقتا مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىك سالمىقى %30 تىن ئېشىپ، %40تىن كۆپرەككە يەتتى. تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلدى، ئەنئەنىۋى ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئىلگىرى سۈرۈلدى، گۈللەنمە ئىستېمال تېز ئەۋج ئالدى، توردا پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %30 تىن كۆپرەك ئاشتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %11.3 ئاشتى. سېلىنما قۇرۇلمىسى ياخشىلاندى، ئەلئارا سېلىنمىغا ئىلھام بېرىلدى، ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ پىشاڭلىق رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنىڭ ئۇلنى چىڭىتىش، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ساھەسىگە سېلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىندى. يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ 9000كىلومېتىردىن ئارتۇق تىجارەتلىك تىرانسپورت مۇساپىسى 25 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، دۇنيادىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تىجارەتلىك تىرانسپورت مۇساپىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 96 مىڭ كىلومېتىردىن 136 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، 1 مىليون 270 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسالدى ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالدى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئايرودۇرۇمىدىن 46 سى يېڭىدىن ياسالدى، چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ 122 تۈرىدە ئىش باشلاندى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئورۇندالدى، يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ كۆچمە كەڭ بەلباغلىق تور بەرپا قىلىندى. بەش يىلدىن بۇيان، يېڭى قۇۋۋەت تېز تەرەققىي قىلىپ زورايدى، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئاساسەن سېلىنمىنىڭ، ئېكسپورتنىڭ تۈرتكىسىگە تايىنىشتىن ئىستېمال، سېلىنما، ئېكسپورتنىڭ ماسلاشما تۈرتكىسىگە تايىنىشقا بۇرالدى، ئاساسەن 2- كەسىپنىڭ تۈرتكىسىگە تايىنىشتىن ئۈچ كەسىپنىڭ ئورتاق تۈرتكىسىگە تايىنىشقا بۇرالدى. بۇ − بىز كۆپ يىللاردىن بۇيان ئەمەلگە ئاشۇرىمىز، دەپ ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلگەن زور قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىش.

  تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش توسالغۇسىنى تۈگىتىپ، تۈزۈملۈك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش شەرت. بىز ئۇزاقتىن بېرى ساقلىنىپ كەلگەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا سەل قاراش، مۇلازىمەت ئاجىز بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى تېز ئۆزگەرتىپ، مىكرو باشقۇرۇش ۋە بىۋاسىتە ئارىلىشىشنى ئازايتىپ، ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەشكە، بازار ئارقىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ۋە جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەردۇق. بەش يىلدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى %44 ئازايتتى، مەمۇرىي ئىجازەتكە ياتمايدىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈزۈل- كېسىل ئاخىرلاشتۇرۇلدى، كارخانا سېلىنمىسىنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت قاتلىمىدا تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدىغان تۈرى %90 ئازايتىلدى، مەمۇرىي تەستىق ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى %74 ئازايتىلدى، كەسپىي سالاھىيەتكە ئىجازەت بېرىش ۋە ئۇنى بېكىتىش زور دەرىجىدە ئازايتىلدى. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش تۈرلىرى %80، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش تۈرلىرى %50 تىن ئارتۇق ئازايتىلدى. سودا- سانائەت بويىچە تىزىملاش، كاپىتالنى رويخەتكە ئېلىش قاتارلىق سودا تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىندى، كارخانا قۇرۇشقا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكى قىسقارتىلدى. ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش يېڭىلاندى ۋە كۈچەيتىلدى، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش»نى يولغا قويۇپ، تەكشۈرگۈچى خادىملار ۋە تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىنى ئىختىيارىي تاللاپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ۋە ئادىللىقىنى ئۆستۈردۇق. «ئالاقە تورى + مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى» يولغا قويۇلۇپ، بىر جايدا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلدى. سودا مۇھىتى روشەن ياخشىلاندى، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى روشەن ئاشتى، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى روشەن قولايلاشتى.

  (3) يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىجادكارلىقنى كۈچەپ قوزغاپ، ئومۇمىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق. يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا تۈرتكە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاپ، كۆپ سۇبيېكتلار ھەمكارلىشىدىغان، ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى شەكىللەندى. پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقاتىدا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى زورايتىپ، پەن تەتقىقات تۈرلىرى ۋە خىراجىتىنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىگە دائىر ھوقۇق- مەنپەئەتنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش سىنىقى ئالغا سىلجىتىلدى، بېيجىڭ، شاڭخەينىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشىنى قوللاپ، دۆلەتنىڭ 14 يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىنى يېڭىدىن تەسىس قىلىپ، بىر تۈركۈم رايونلۇق يېڭىلىق يارىتىش يۇقىرى پەللىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدۇق. كارخانىنى سۇبيېكت قىلىپ، تېخنىكا يېڭىلاش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە خەلقئارا رىقابەت ئىقتىدارىغا ئىگە بىر تۈركۈم ئىجادكار كارخانىلار ۋە يېڭىچە تەتقىقات ئاپپاراتلىرى مەيدانغا كەلدى. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئاساسىدا مەدەت بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يېتىلدۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ھەر خىل بازار سۇبيېكتى 98 مىليوندىن ئېشىپ، بەش يىلدا %70 تىن ئارتۇق كۆپەيدى. مەملىكەت ئىچىدە ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنتىنىڭ مىقدارى ئىككى ھەسسە ئاشتى، تېخنىكا سودا سوممىسى بىر قاتلاندى. دۆلىتىمىز پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئەگىشىپ مېڭىشنى ئاساس قىلىشتىن تېخىمۇ كۆپ ساھەدە ياندىشىپ مېڭىش، باشلامچى بولۇپ مېڭىشقا بۇرالدى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشتە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان جەلپكار زېمىن بولۇپ قالدى.

  (4) ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىللەتلىرىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، شىركەت تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدۇق، قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللەش، قاتلامنى ئازايتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا روشەن نەتىجە قولغا كەلدى. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، بۇلتۇر پايدىسى 23.5% ئاشتى. ئېنېرگىيە، تۆمۈريول، تۇزچىلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىكنىڭ بازار ئىجازىتى كەڭ قويۇۋېتىلدى. كۆچمەس مۈلۈكنى بىرتۇتاش تىزىملاش تۈزۈمى ئورنىتىلدى. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. مالىيە، باج ئىسلاھاتىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى، مالىيە خامچوتى، نەق چوتىنى ئاشكارىلاش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، مەركەز بىلەن جايلار تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان باج ئاساس قىلىنغان كىرىم تەقسىمات ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى، مەركەز مالىيەسى بىلەن يەرلىك مالىيەنىڭ ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم جاۋابكارلىقىنى ئايرىش ئىسلاھاتى باشلاندى، مەركەزنىڭ جايلارغا قاراتقان ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمىنىڭ كۆلىمى زور دەرىجىدە ئاشتى، مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم تۈرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئازايتىلدى، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تىزگىنى ئاساسىي جەھەتتىن قويۇپ بېرىلدى، ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلدى، چوڭ، ئوتتۇرا سودا بانكىلىرىدا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى كەسپىي بۆلۈملىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى، سىياسەت خاراكتېرلىك، ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى كۈچەيتىلدى. مائارىپنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. شەھەر- يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىندى. شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلاش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تېببىي دورىگەرلىكنىڭ ھەمتۈرتكە ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سۈرۈلدى، ئۇزاق مۇددەت يولغا قويۇلۇپ كەلگەن دورىغا ئۈلۈش قوشۇش سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، دورىنى، داۋالاش ئەسۋاب- ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. يېزا ھۆددە يېرىنىڭ «ئۈچ ھوقۇقى»نى ئايرىش ئىسلاھاتى ئالغا سىلجىتىلدى، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش دائىرىسى %80 تىن ئېشىپ كەتتى، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىش- ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىندى. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى نەتىجىسىنى باھالاش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىلدى، دەريا باشلىقى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىنى تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھات سىنىقى قانات يايدۇرۇلدى. ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتى چوڭقۇرلىشىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

  (5) ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە بەرپا قىلىشقا تەشەببۇسچى ۋە تۈرتكە بولدۇق، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇپ، يىپەك يولى فوندىنى تەسىس قىلىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇش بويىچە بىر تۈركۈم مۇھىم تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. شاڭخەي قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردە 11 ئەركىن سودا سىناق رايونىنى تەسىس قىلىپ، بىر تۈركۈم ئىسلاھات سىنىقىنىڭ نەتىجىلىرىنى مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇردۇق. ئېكسپورت قايتۇرما بېجىنى ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلدۇق، ئاشقان قايتۇرما باجنىڭ ھەممىسىنى مەركەز مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدىغان بولدى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىدىن 13 نى تەسىس قىلدۇق، خەلقئارا سودىدا «بىرلا كۆزنەكتە رەسمىيەت ئۆتەش» چارىسى پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملىشىپ، مالنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېرىمدىن كۆپرەك قىسقىراپ، ئىمپورت- ئېكسپورت تۇراقلىشىش ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ سېلىنمىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى پاسسىپ تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىپ، چەكلىمىلىك تەدبىرلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئازايتتۇق. چەت ئەل سودىگەرلىرى سېلىنمىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى بىر ھەسسە ئۆستۈردۇق. ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگوغا كېلىپ ئىشلەيدىغان چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرىنى %40 كۆپەيتتۇق. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق. خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتتۇق، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، يادرو ئېلېكتىر قاتارلىق جابدۇقلىرىمىز دۇنياغا يۈزلەندى. سەككىز ئەركىن سودا كېلىشىمىنى يېڭىدىن ئىمزالىدۇق ۋە يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈردۇق. شاڭخەي- شياڭگاڭ ئاكسىيە بىرژىسى، شېنجېن- شياڭگاڭ ئاكسىيە بىرژىسى ۋە زايوم بازىرى ئارقا- ئارقىدىن تۇتاشتۇرۇلدى، خەلق پۇلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى غەللىسىگە قوشۇلۇپ، خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا مۇھىم قەدەم تاشلىدۇق. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشى بارغانسېرى كېڭىيىپ، ئۆز تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، دۇنياغا زور پۇرسەت يارىتىپ بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】  كېيىنكى بەت