ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

(2018- يىلى 1- ئاينىڭ 13- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2018.01.14 13:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13- يانۋار تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنى 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 133 ئەزاسى قاتناشتى، 177 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 2018- يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يولداش جاۋ لېجىنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرەيلى» دېگەن تېمىدىكى خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: سۆزدە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە چوڭقۇر شەرھلەندى، بەش يىلدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەجرىبىلىرى يەنىمۇ يەكۈنلەندى، پارتىيە دۇچ كەلگەن خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىس ئىلمىي تەھلىل قىلىندى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورۇنداشتا چوقۇم پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە تايىنىش، پارتىيە چوقۇم يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىش، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەكىتلەندى. بۇ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆزلىگەن، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ- خەتەرنى ئويلىغان، مەزمۇنى مول، مۇھىم نۇقتا تۇتۇلغان سۆز بولۇپ، قەتئىي غايە- ئېتىقاد، روشەن خەلقچىل مەيدان، قەيسەر ئىرادە ۋە پەزىلەت، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەت نامايان قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، ئىرادىسىدىن يانماي، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان سىياسىي خىسلىتى ۋە ئىنقىلابىي روھى شەرھلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىدىن زور ئۈمىد كۈتۈپ، يېڭى تەلەپ قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، ئۇنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى بىرمۇ بىر ئەمەلىي ۋە ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشتا؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى ئاڭلىق قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشتە. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشى كېرەككى، ھازىرقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان غەيرەت ۋە جاسارەت بىلەن «قاتتىق بولۇش»نى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، بىردەك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، خاتا ئىدىيەنىڭ كاشىلىسىنى تۈگىتىپ، بوشاشماي، توختاپ قالماي، قايتا سەپەرگە ئاتلىنىپ، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تىرىشىپ تېخىمۇ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2018- يىلى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئالدىنقىسى بىلەن كېينكىسىنى باغلايدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت زور. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداشنى، پارتىيەنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ساداقەتمەن، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى قوشۇنىنى قۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  بىرىنچى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ئەھۋالىنى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «يەتتە بولۇش» مەسىلىسىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، پارتىيەگە ساداقەتسىزلىك، سەمىمىيەتسىزلىك قىلىدىغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىككى يۈزلىمىچىلەر، ئىككى يۈزلىمىچىلىكنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. دىققەتنى سىياسىي مەيدان، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە سىياسىي ئىنتىزامغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئادەم تاللاش- ئىشلىتىشتە سىياسىي ئۆتكەل، پاكلىق ئۆتكىلى، ئوبراز ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئومۇميۈزلۈك ساپلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مەمۇرىي تەپتىش قىلىشنىڭ جامائەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولغان مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈش بىلەن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى بىلەن سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى، قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنىنىڭ خىزمىتىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىستىلىنى ياخشىلاپ، دائىم ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ، پەرقنى تېپىپ چىقىپ، ئۆزى باشلامچى بولۇش، يۇقىرى ئارقىلىق تۆۋەننى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «باشلامچى ياۋا غاز ئۈنۈمى»نى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. مىخ قېقىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىرمۇ بىر چىڭ تۇرۇپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ يېڭى ئىپادىسى، يېڭى يۈزلىنىشىگە دىققەت قىلىش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇشقا تېخىمۇ كۈچەپ، ئىپادە بىلدۈرۈشى كۆپ، مۇقام توۋلىشى كۈچلۈك، ھەرىكىتى ئاز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ناچارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز خاھىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئاممىغا رىشتە باغلاپ، ئۆزىنى قاتتىق تىزگىنلەش، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىنى چىڭىتىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

  تۆتىنچى، كۆزىتىش ئۆتكۈر شەمشىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ نامايان قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى پىلانىنى تۈزۈپ، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇش ئارقىلىق سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، مۇنتىزىم كۆزىتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەخسۇس كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرىكەتچان كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش نەتىجىسىدىن ھەرتەرەپلىمە پايدىلىنىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تولۇق قاپلاشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆزىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۆزىتىش، چارلاشتا يۇقىرى- تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان نازارەتچىلىك تورىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  بەشىنچى، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. دائىملىق ئىنتىزام تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلغار تىپلار ئارقىلىق يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە سەلبىي تىپلار ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى چوڭقۇر تەتبىقلاپ، دائىملىق ئىنتىزام ئىجراسى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قاراتمىلىق ھالدا قائىدە- تۈزۈم ئورنىتىپ، تۈزۈم قەپىزىنى تېخىمۇ چىڭىتىش كېرەك.

  ئالتىنچى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا، قاتتىق توسۇش، كۈچلۈك يۇقىرى بېسىم ئىشلىتىش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشتە، پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەرنى تەڭ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قىلچە تەۋرەنمەي، دەل جايىدا، تەرتىپلىك بولۇپ، دىققەتنى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان رەھبىرىي كادىرلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ مەنپەئەت گۇرۇھى شەكىللەندۈرگەن چىرىكلىشىش دېلولىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئادەم تاللاش- ئىشلىتىش، تەستىقلاش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، بايلىق ئېچىش، پۇل مۇئامىلە، كىرېدىت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە مۇھىم ھالقىلاردىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزمنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  يەتتىنچى، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى چۆرىدەپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى چىرىكلىكنى جازالاش بىلەن قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، قارا كۈچلەرگە چېتىلىدىغان «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دىققەتنى ئامما ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك تۈزەش بىلەن تەكشۈرۈش، بېجىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە كېڭەيتىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تەۋەلىكىدىكى رايون ۋە تارماقلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆتكۈر قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە جەزمەن قاتتىق بولۇش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ خادىم ئەۋەتىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى، قاتلاممۇ قاتلام يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە بارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى باشتىن- ئاخىر قەتئىي سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، پاك- دىيانەتلىك بولۇپ، باشتىن- ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالىيجاناب خىسلەتنى ساقلاپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئۆز خىزمىتىگە سادىق بولۇش، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇشى كېرەك. تىنچ شارائىتتا خەۋپ- خەتەرنى ئويلايدىغان كۈلپەت ئېڭى، پارتىيە، دۆلەتكە بارلىقىنى بېغىشلايدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىش ۋە ئۆزىنى ئۆزى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئىرادە كۈچى، بەرداشلىق بېرىش كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى، خىزمەت، سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى، ئالدىن كۆرەرلىكىنى ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچنى ئەستايىدىل ياخشى ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلەتمەي، رەزىللىكنى جازالاپ، ياخشىلىققا مەدەت بېرىدىغان ئۈتكۈر شەمشەرگە مەڭگۈ داغ تەگكۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شەخسىيەتسىز، قورقماس، جاسارەتلىك- ياراملىق بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر