ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنى 2018- يىللىق 2- قېتىملىق ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تولۇق قوراللىنىپ قايتا ئاتلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

2018.01.14 13:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 1- ئاينىڭ 12- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2018- يىللىق 2- قېتىملىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە چوڭقۇر شەرھلىنىپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەجرىبىلىرى يەنىمۇ يەكۈنلىنىپ، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلار چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ باش تەلىپى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە ۋە قاراتمىلىققا ئىگە، تولۇق قوراللىنىپ قايتا ئاتلىنىش كۈچلۈك سىگنالى ياڭرىتىلدى، بۇ مەركەزنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ تولۇق قوراللىنىپ قايتا ئاتلىنىش، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنى بەلگىلەپ بەردى. تولۇق قوراللىنىپ قايتا ئاتلىنىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنى، داھىيلىق نوپۇزىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، ئىدىيە جەھەتتە يۈكسەك تونۇش، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي ھىمايە قىلىش، تەشكىلىي جەھەتتە ئاڭلىق بويسۇنۇش، ھەرىكەت جەھەتتە زىچ ئەگىشىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى بىلەن خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەش، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەربىيەسى ۋە ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قائىدە- تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇشى ۋە پارتىيەنى ئىدارە قىلىشى كېرەك؛ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېتىقاد، سىياسىي، مەسئۇلىيەت، ئىقتىدار، ئىستىل جەھەتتە باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر