ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ھۆججەت مۇھاكىمە قىلىندى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.01.14 13:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- يانۋار تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى يىغىن ئېچىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى مۇھاكىمە قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنىنى 1- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ» ئارگىنالىغا پارتىيە ئىچى- سىرتىدا مۇئەييەن دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇھاكىمە قىلىنغان پىكىر ئاساسىدا تۈزەتكەندىن كېيىن، ھۆججەت ئارگىنالىنى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تارىخىي مۇساپىسىدە پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېلىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن دۆلەت ئەھۋالىغا، ئەمەلىيەتكە، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياخشى ئاساسىي قانۇن.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىز ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى شەكلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئۇلۇغ كۈرىشى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ئاساسىي نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى- دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىن ئىبارەت ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى تۇرغۇزدى، دۆلەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، رەھبەرلىك يادروسى، يېتەكچى ئىدىيەسى، تەرەققىيات يولى، كۈرەش نىشانىنى بېكىتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنى، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش پىرىنسىپى، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپى، ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش پىرىنسىپى قاتارلىقلارنى بەلگىلەپ، دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە تۈپ مەنپەئىتىنى ئەكس ئەتتۈردى. دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بىر قاتار تۈزۈم، پىرىنسىپ ۋە قائىدىلەر، بېكىتىلگەن بىر قاتار زور سىياسەت- فاڭجېنلار روشەن ئەۋزەللىككە، پۇختا ئاساسقا، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، چوقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان زور قارار، شۇنداقلا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىر. ئاساسىي قانۇننىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئەمەلىيەت جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش زور نەتىجىلىرىنى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە كىرگۈزۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىن پايدىلىنىپ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىشنى قارار قىلىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى نەتىجە، يېڭى تەجرىبە، يېڭى تەلەپلەرنى نامايان قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مۇكەممەل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە چوقۇم تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت: پارتىيە رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش شەرت؛ قانۇن بويىچە تەرتىپكە ئاساسەن قاتتىق يۈرگۈزۈش شەرت؛ دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش شەرت؛ ئاساسىي قانۇنغا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈش، چوڭ ئۆزگەرتىش قىلماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ھەم ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى، نوپۇزىنى ساقلاش شەرت.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇھاكىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر