ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جىئىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2018.01.12 12:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- يانۋار تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 11- كۈنى كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جىئىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى يېقىندا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو- كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زور رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈردى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى. جۇڭگو جۇڭگو- كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقىدىن مەمنۇن. يېڭى بىر يىلدا جۇڭگو كورېيە بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازۇك مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشنى خالايدۇ. جۇڭگو كورېيەنىڭ پيوڭچاڭ قىشلىق ئو ت م نى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ ھەم پيوڭچاڭ قىشلىق ئو ت م نىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.

  مۇن جىئىن جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ يېقىندىكى زىيارىتىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتتى، كورېيە- جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلاشنى ھەم يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. جۇڭگونىڭ پيوڭچاڭ قىشلىق ئو ت م نى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

  مۇن جىئىن يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن كورىيە- چاۋشيەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دېدى: كورېيە جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ جەنۇب- شىمال سۆھبىتىنى قوللىغانلىقىغا، مەسىلىنى سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولغانلىقىغا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، كورېيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە مەسىلىنى سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كورېيە بىلەن چاۋشيەننىڭ مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشى، يارىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. بىز ئىككى تەرەپنىڭ جەنۇب- شىمال سۆھبىتى ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قەدىمىنى تەدرىجىي تېزلىتىشىنى قوللايمىز. ھازىر چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىدە خىرىس بىلەن پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت. پيوڭچاڭ قىشلىق ئو ت م نىڭ كورېيە- چاۋشيەن سۆھبىتىگە پۇرسەت ئېلىپ كېلىپلا قالماي، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو كورېيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ ياخشى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر