ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىغا بايراق بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىغا بايراق بەردى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى

2018.01.11 11:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىغا بايراق بېرىش مۇراسىمى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى بېيجىڭدىكى «1- ئاۋغۇست» بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىغا بايراق بەردى ۋە نۇتۇق سۆزلىدى.
    سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمغا بايراق بەرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- يانۋار تېلېگراممىسى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىغا بايراق بېرىش مۇراسىمى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى بېيجىڭ «1- ئاۋغۇست» بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىغا بايراق بەردى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى.

  بايراق بېرىش مۇراسىمى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا باشلاندى، كوماندىر- جەڭچىلەر رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ياڭراق ئاۋازدا دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ بايرىقىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ھۆرمەت قەدىمى بىلەن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ قوماندانى ۋاڭ نىڭ، سىياسىي كومىسسارى جۇ شېڭلىڭغا تەنتەنىلىك ھالدا بايراقنى بەردى. ۋاڭ نىڭ بىلەن جۇ شېڭلىڭ جەڭگىۋار قىياپەتتە شى جىنپىڭغا چاس بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ قولىدىن قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ بايرىقىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بايراقنى كۆتۈرۈپ ھۆرمەتتە تۇردى. قوراللىق ساقچى قىسىم كوماندىر- جەڭچىلىرى بايراققا ھۆرمەت بىلەن چاس بەردى.

  بايراق بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن شى جىنپىڭ نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ رەھبەرلىك، قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنى تەڭشەشنى قارار قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قوراللىق ساقچى قىسىمىغا مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قوراللىق ساقچى قىسىم ھەربىي قىسىم رەھبەرلىك، قوماندانلىق قىلىش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا چىقارغان زور سىياسىي قارارى، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قوراللىق ساقچى قىسىم پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى قوغداشتا زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، سىياسىي بىخەتەرلىك، بولۇپمۇ ھاكىمىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى، تۈزۈم بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. قۇرۇلۇش، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆپ خىل ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشكەن، مۇقىملىقنى ئۈنۈملۈك قوغدايدىغان بولۇش ئىستراتېگىيەلىك تەلىپى بويىچە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىغا سىڭىشىشنى، ئارمىيە بىلەن يەرلىك ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، سۈپەت، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان قوراللىق ساقچى قىسىمىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. كۈچنى ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان يېڭى دەۋردىكى بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇندىشى كېرەك. قانۇن بويىچە قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاشنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، زور ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ شەرەپلىك تارىخىدا تىرىشىپ يېڭى دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈشى لازىم.

  جۇ شېڭلىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنىدىغانلىقى، كۈچنى ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى قەتئىي ئاقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىدىكى شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  بايراق بېرىش مۇراسىمىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىغا بايراق بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا بايراق بېرىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن مۇراسىمغا قاتناشتى. ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلار، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە قىسىمدىكى كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بايراق بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر