ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017- يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىدە يىللىق نىشان %106 ئورۇندالدى

يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەردىن 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم(قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2018.01.10 11:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا، پىراكتىكانت خەن شيانىڭ 1- ئاينىڭ 8- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2017- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەردىن 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم(قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان %106 ئورۇندالغان.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت. ئاپتونوم رايونىمىز 2017- يىلى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، پائال ئىزدىنىپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتتى، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، «مىكرو زاۋۇت»، «پۇقراۋى ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىسى»غا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يولغا قويدى، يېزا ئەمگەك ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا ياردەم بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشىنى قوللاپ، كەسىپلەر (سانائەت) رايونلىرىغا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى قىسقا مۇددەتلىك، پەسىل خاراكتېرلىك ئىشلەشكە تەشكىللىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلار ئومۇمىي سانى، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار سانى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار سانى زور دەرىجىدە ئاشتى.

  2017- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ تارماقنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بىر يىلدا 40 مىڭ ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ئاشۇرۇپ ئورۇندىلىپ، 47 مىڭ ئادەم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدىنىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش ئاساس قىلىنغان تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، تۈزۈم ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، باشقۇرۇش- مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار سانىنى مۇقىم ئاشۇردى. 2017- يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارغا 20 مىڭ 859 كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان- ۋەزىپە %104 ئورۇندالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارغا تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە رايون ئاتلاپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ يول ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر