ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇر يولغا قويىدۇ

بۇ يىل شەھەر- بازارلاردا 460 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىلاردىكى 2 مىليون 700 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچى(قېتىم)نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

2018.01.09 11:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش − خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئىش. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونىمىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2018- يىلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شەھەر- بازارلاردا 460 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر- بازارلاردا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئەتراپىدا كونترول قىلىشنى؛ يېزىلاردىكى 2 مىليون 700 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچى(قېتىم)نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى؛ بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى%88 تىن ئاشۇرۇشنى؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار 40 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىدىكىلەرنى داۋاملىق 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەت ھالىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى؛ تۈرلۈك خادىملاردىن 1 مىليون 100 مىڭنى تەربىيەلەشنى پىلانلىدى.

  مۇخبىرنىڭ 1- ئاينىڭ 8- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق رايوننى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى نەتىجە- ئۈنۈمنى باھالاشتا تۇتقا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان يۆتكىلىشىگە ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ۋە راۋانلاشتۇرۇپ، باراۋەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىگە ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ مۇقىم ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىشىگە مەدەت بېرىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۈچ يىللىق پىلانى (2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە) نى تۈزۈپ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ۋە لايىھەسىگە تايىنىپ، ئۇنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا كېڭەيتىپ، 22 ئېغىر نامرات ناھىيە (شەھەر)دىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلاردىن ئەمگەك ئىقتىدارى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بارلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ئىچىدە رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش، بىڭتۈەنگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇ جاي، شۇ ئەتراپتىكى كارخانا، سانائەت رايونى، «ھەمراھ زاۋۇت»، «يېزا- بازار ئىش مەيدانى»لىرىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىچىك، مىكرو ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللاپ، ئۈچ يىلدا 100 مىڭ نامراتنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، 2018- يىلى 40 مىڭ نامراتنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، نامرات ئائىلىلەردىن ئاز دېگەندە بىر ئەمگەكچىگە بىر ماھارەت ئۆگىتىپ، يېزىلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق نامرات ئائىلىلەردىن ئاز دېگەندە بىر ئەمگەكچىنى مۇقىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش، ئاساسىي قاتلامدا يېتىلدۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى كۆپ يول، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامغا، كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەيدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ؛ تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنى ئاساسىي تېخنىكا- ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ يېڭى تەكلىپ قىلغان خادىملارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تېخنىكا- ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىش ئورنىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى تېخنىكا- ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىلىملىك، ماھارەتلىك، ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەر قوشۇنىنى بەرپا قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر