ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭدا دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدىن يەنە بەشى كۆپەيدى

دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى 52گە يەتتى

2018.01.08 12:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4- يانۋار تېلېگراممىسى. دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى بىلەن، شىنجاڭدا يەنە بەش سۇلۇق يەر باغچىسى رەسمىي دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىغا ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى 52گە يەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭىدىن كۆپەيگەن بۇ بەش سۇلۇق يەر باغچىسى: شىنجاڭ باغراش كۆلى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، ئۇلۇڭگۈر كۆلى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، نىيە دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، ساۋەن مىڭبۇلاق كۆلى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، پوسكام يەكەن دەرياسى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدىن ئىبارەت ئىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، باغراش كۆلى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى 1573.71 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يەنجى ئويمانلىقىدىكى «يېشىل بۆرەك»، «يېشىل ئۆپكە» ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇلۇڭگۈر كۆلى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى ئۇلۇڭگۈر كۆلى ۋە جىلى كۆلىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان، ئومۇمىي كۆلىمى 127 مىڭ 155 گېكتار بولۇپ، ئۇلۇڭگۈر كۆلى شىمالىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ مەڭگۈلۈك تاتلىق سۇ كۆلى ھېسابلىنىدۇ.

  ھازىرغىچە، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك سۇلۇق يەر ئومۇمىي كۆلىمى 3 مىليون 940 مىڭ گېكتاردىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، كۆلىمى 100 گېكتاردىن ئاشىدىغان سۇلۇق يەردىن 435ى بولۇپ، ئاساسلىقى، تەڭرىتاغ، ئالتاي تېغى، قاراقۇرۇم تېغىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاغ سىستېمىسى ۋە تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقىغا تارقالغان.

  ئاپتونوم رايونلىق ئورمانچىلىق نازارىتى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە سۇلۇق يەر باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ خادىمى مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭدىكى سۇلۇق يەر باغچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن، بىر قىسىم سۇلۇق يەر باغچىلىرى شۇ جايدىكى مەنزىرىلىك رايونلارغا قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مۇۋاپىق ئىشىك بېلىتى باھاسى بېكىتىپ، ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر