ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

85 مىليارد يۈەنلىك باغۋەنچىلىك مەھسۇلات قىممىتى «شىنجاڭنىڭ ئىسىم كارتىسى»غا قانداق ئايلاندى؟

مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي

2018.01.06 15:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    ئارا تۈرۈك ناھىيەسى دېھقانلارنى ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى.
    سۈرەتتە: ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ تۇخۇلۇ يېزىسى چوڭتاش كەنتىدىكى باغۋەنلەر ئالما ئۈزمەكتە. (ئەن خۇڭشيا فوتوسى)
  ئۈچ كۈنلۈك توختام تۈزۈش سوممىسى 1 مىليارد 352 مىليون يۈەن بولدى، 2017- يىللىق «شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى(گۇاڭجۇ) يەرمەنكىسى» ئاياغلاشتى. ئەمما، شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىكى توغرىسىدىكى مۇھاكىمە تېخى ئاياغلاشقىنى يوق. ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، تېخنىكلار، كارخانىچىلار، باغۋەنلەر، سېتىش دىرېكتورلىرى قاتارلىق ھەر ساھەدىكى كىشىلەر شىنجاڭنىڭ 22 مىليون مولۇق مېۋىلىك باغلىرى ئارقىلىق بىر- بىرىگە باغلاندى.

    سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش شىنجاڭ باغۋەنچىلىكىنىڭ مۇقەررەر تاللىشى

  يۈ شىنجۈەن بۇ يىللىق پىلان ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. قەشقەر «شىنجىيۈەن» يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ مەسئۇلىنىڭ كەيپىياتى 2017- يىلى ئىزچىل ياخشى بولدى. يۈ شىنجۈەن مۇنداق دېدى: بىز شىركەت ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشىدۇق، دەسلەپكى مەھسۇلاتقىلا كۆڭۈل بۆلمەي، بەلكى قەشقەرنىڭ يەرلىك باغۋەنچىلىك خام ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ، ئۆزىمىزگە تەۋە كۇرسلۇق مەھسۇلات ياراتتۇق. ئۈچ كۈنلۈك كۆرگەزمىدە پىششىقلانغان قارا ئالقاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 700 كىلوگىرام مالنى پۈتۈنلەي سېتىپ بولدۇق، يەنە نۇرغۇن زاكاز قوبۇل قىلدۇق.

  ئون نەچچە يىللىق تىجارەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىنمۇ، شىنجاڭلىقلار پەخىرلىنىدىغان باغۋەنچىلىك كەسپىدىكى سانلىق مەلۇماتنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا «مىقدار» دائىرىسىگىلا مەنسۇپ بولۇپ قالدى. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭنىڭ مېۋىلىك باغ كۆلىمى 22 مىليون موغا يېتىپ، مېۋە- چېۋە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 10 مىليون توننىدىن ئاشتى، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 85 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە باغۋەنچىلىك كىرىمى 2200 يۈەن بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ %25ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. بۇ سان ئاساسلىق باغۋەنچىلىك رايونلىرىدا 40%تىن ئاشقان. بىراق كېيىنكى بىر گۇرۇپپا ساننىڭ ئۇدا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن شىنجاڭ باغۋەنچىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش تولىمۇ زۆرۈردۇر.

  ئەمەلىيەتتە 2010- يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك بازىرىنىڭ تىجارەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، باغۋەنچىلىكنىڭ ماركا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇش، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش، باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاپەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئەمەلىي تېخنىكىلارنى توپلاشتۇرۇش ۋە پەن- تېخنىكا تەتقىقات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك زۆرۈر خىزمەتلەر.

  دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭغا بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەشكىلىي شەكلى چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتىسى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەشكىلىي شەكلى باغۋەنلەرنى باغ- ئورمان ئۆستۈرۈشتىن ئايرىۋەتتى، ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە تىجارەت ھوقۇقى بىر ئادەمگە مەركەزلەشمىگەن بۇنداق ئەھۋالدا، بايلىق تەقسىملەش ۋە بىلىم يەتكۈزۈش شەكلى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىشىدۇ.

  بىر تۇتاش باشقۇرۇلسا، باغۋەنچىلىك كەسپى بىلىملىرىنى يېڭىلاش يولىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. سىرتتىن كەلگەن كارخانىلار بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى يەرلىكتىكى چوڭ سودىگەرلەر قۇرغان بولۇپ، ئۇ، باغۋەن بىلەن بازارنى باغلاپ تۇرىدىغان ئەڭ پۇختا ھالقىغا ئايلاندى. بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 30 باغۋەنچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتناشقان بولۇپ، يەرمەنكىگە قاتناشقان بارلىق ئورۇنلارنىڭ تەخمىنەن %15ىنى ئىگىلىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 13 ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۈر ئىمزالىدى ۋە ياكى توختام ئىمزالىماقچى بولدى.

    «تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز»

  گۇاڭدۇڭ «جېڭدى» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرىنىڭ تۈر دىرېكتورى فۇ چۇاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى دىققىتى چىرا ناھىيەسىگە مەركەزلىشىدۇ. چىرا ناھىيەلىك چىلانچىلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ جيافېڭ ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىغا تولۇق ئىشەنچ باغلىدى. تاڭ جيافېڭ مۇنداق دېدى: بىز يىلىغا 1000 توننا مەھسۇلات سېتىپ چىقىرىدىغان، قىممىتى 15 مىليون يۈەنلىك سېتىش توختامى تۈزدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مىقدار تېخىمۇ ئاشىدۇ.

  نۇرغۇن سودا توختامىنىڭ ماھىيىتى ئوخشايدۇ. «بىزنىڭ مۇكەممەللەشكەن سېتىش يوللىرىمىز ۋە تورىمىز بار، مەسىلە سىزنىڭ يېتەرلىك مال بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان ياكى تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقىڭىزدا» تاڭ جيافېڭ فۇ چۇاڭنىڭ بۇ سوئالىغا پاكىت بىلەن جاۋاب بېرىشى كېرەك.

  چىرا ناھىيەسى چىلانچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پۈتۈن سەپ بويىچە قوللاپ، تاڭ جيافېڭغا يېتەرلىك ئىشەنچ ئاتا قىلدى. تاڭ جيافېڭ مۇنداق دېدى: يەرنى رېتسىپلىق ئوغۇتلاشتىن، باغۋەنچىلىكنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرىغىچە سىياسەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۇق، ناھىيەلىك ئورمانچىلىق تېخنىكا ئومۇملاشتۇرۇش پونكىتى، ھەتتا ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار پەن تەتقىقات يۇرتلىرى، ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىمىز قويۇق.

  چىرا ناھىيەسىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى ئاپتونوم رايونىمىز باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ ئىخچام كارتىنىسىدۇر. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى باغۋەنچىلىكنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋ دىڭگۈي مۇنداق دېدى: باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىلگىرى سۈرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز. ساۋ دىڭگۈي يەنە مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ، بازار باشقۇرۇشنى بازارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. بازار مەسىلىسىنى باغۋەنلەرگە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا، باغۋەنچىلىق جەمئىيەتلىرى ۋە كارخانىلارغا تايىنىپ بىرلىكتە ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

  فۇ چۇاڭ مۇنداق دېدى: ھەقىقىي باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى، چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىكى كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى شۇ مەھسۇلات چىققان جايدا بارلىققا كەلگەن، سۈپەت سېتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئاساس. بىزدە دورا دۇكانلىرى، توپ سېتىش بازارلىرى قاتارلىق نۇرغۇن سېتىش يوللىرى بار بولۇپ، پۈتۈن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنى قاپلىيالايدۇ. بىراق مالنىڭ سېتىلىشىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت مال چوقۇم ياخشى بولۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 10 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ %90ى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سېتىلغان ۋاقىتتا، شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك بازىرى ساتقۇچىلار بازىرىدىن سېتىۋالغۇچىلار بازىرىغا ئايلانغان بولىدۇ. دەل مۇشۇ بۇرۇلۇش بىلەن باغۋەنچىلىكتە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالدى. شۇڭا، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش باغۋەنچىلىكنىڭ ۋەيران بولۇش- بولماسلىقى ۋە باغۋەنلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى تەڭشەشكە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش بولۇپ قالدى.

  تاڭ جيافېڭ مۇنداق دېدى: چىرا ناھىيەسى يەر سۈپىتى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. چىرانىڭ تۇپرىقى تەركىبىدىكى سېلېن مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، قوشنا ناھىيە بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، يەر سۈپىتىدە ئىنتايىن چوڭ پەرق بار. شۇڭا بىز بۇ ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتتىن ئوبدان پايدىلىنىپ، چىلان ئۆستۈرۈش سۈپىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كۈچ سەرپ قىلىشىمىز، چىلان بازىسىنى تايانچ قىلىپ، چىلان كەسپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تەدرىجىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  تەبىئىي ئەۋزەللىكنى قانداق قىلىپ كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش مەسىلىسى چىرا ناھىيەسىلا ئەمەس، پۈتۈن شىنجاڭ باغۋەنچىلىكى دۇچ كېلىۋاتقان ئومۇمىي مەسىلە. «13- بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىدا «مىقدار»نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىن «سۈپەت»نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا يۈرۈش قىلىدۇ. ئەلا سۈپەتلىك يېشىل باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىشتىن تارتىپ، ئەلا، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك، باغۋەنچىلىكنى ئۆلچەملەشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، مېۋە- چېۋە مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپەت قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتتە كۆپ كۈچ چىقىرىپ، باغۋەنچىلىكنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىغا پۇرسەت ياراتتى

  2017- يىلى 11- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ باغۋەنچىلىك گۇرۇھى قارىمىقىدىكى مېۋە- چېۋە زەنجىرسىمان كۇرسلۇق مەھسۇلاتى «گوشۇ» سىناق دۇكىنى گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ خەيجۇ رايونى داجياڭداۋ كوچىسى 1- نومۇرلۇق ھويلىسىدا تىجارەت باشلىدى، بۇ، 2017- يىلى 7- ئايدىن بۇيان ئېچىلغان 38- سىناق دۇكىنى.

  بۇ سىناق دۇكىنىدا قومۇل قوغۇنى، تۇرپان ئۈزۈمى، كورلا نەشپۈتى، ئاقسۇ ئالمىسى قاتارلىق ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن سىرت، يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن مېۋە- چېۋىلەر، شىركەت ئۆزى ئىشلەپچىقارغان قۇرۇق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر، ئۇششاق يېمەكلىكلەر، يەنە شىنجاڭدىن ئېلىپ بېرىلغان كالا سۈتى قاتارلىق مەھسۇلاتلار بار ئىدى. دۇكاندا ئادەم ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، باغۋەنچىلىك گۇرۇھى ساغلام، يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھەللە دۇكىنى ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك، ساغلام، يېشىل مەھسۇلاتلارنى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە ئېلىپ چىقتى.

  گۇاڭدۇڭ غايەت زور يەرلىك ئىستېمال مىقدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە خەلقئارا سودىنىڭ يىغىلىش ئورنى. «گوشۇ» دۇنيانىڭ جاي- جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن مېۋە- چېۋىلىرىنى ماختاپ سېتىۋاتقاندا، شىنجاڭ باغۋەنچىلىكىمۇ ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق دۆلەت سىرتىدىكى بازارلارغا يۈزلەنمەكتە ئىدى.

  تۇرپاندىكى شىنجاڭ باغۋەنچىلىك گۇرۇھىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىغا ھەر قايسى جايلارنىڭ ئېھتىياج ئۇچۇرلىرى جۇغلانغان. ساۋ دىڭگۈي مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئاجىز، سىرتقا يۈزلىنىشتە، يەنىلا كۆپلىگەن باشلامچى كارخانىلارنىڭ يۆلىشىگە موھتاج بولىدۇ.

  قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاخۇنجان ئوسمان مۇنداق دېدى: ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن ئۆرۈكى ماكانى. ئاقتۇنىڭ ئۆرۈكلۈك باغ كۆلىمى 100 مىڭ مو بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 100 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. «شىگوخۇي» شىركىتى 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئاقتۇ ناھىيەسىدە زاۋۇت قۇردى، بۇ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باغۋەنچىلىك سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى تۇنجى قەدەم. قارشى تەرەپنى بۇ جايغا كېلىپ زاۋۇت قۇرۇشقا جەلپ قىلىۋاتقىنى خاس باغۋەنچىلىك بايلىقىنىڭ مول بولۇشىلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن پورتنىڭ بۇ يەردە بولغانلىقى سەۋەب بولغان.

  ئاخۇنجان ئوسمان مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك تەرەققىياتىغا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. بىزنىڭ دەسلەپكى مېۋە شەربەتلىرىمىز رۇسىيە، قازاقىستان، پولشا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلدى، بىز قانداقلا مېۋە شەربىتى بولسا ئىشلەپچىقىرالايمىز. بارىن ئۆرۈكى باشلامچى مەھسۇلاتىمىزدۇر. مۇشۇنداق زور باغۋەنچىلىك بايلىقىمىز ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىگە تايىنىپ، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىمىزنى دۆلەت سىرتىغا چىقىرىشقا ئىشەنچىمىز كامىل.
  (رازىيە ھەسەن تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر