ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

2018-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانى توختىتىلىدۇ

2018.01.04 18:24 مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

  ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: 2018-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانى توختىتىلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا بۇ تەتقىقاتخانا تارقاتقان «ئاپتونوم رايونىمىزدا مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانىنى توختىتىش» قا دائىر ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 2003-يىلى تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانى (PETS) يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 2017-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا قەدەر 30 قېتىمغا يېقىن ئىمتىھان خىزمىتىنى تەشكىللىگەن. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانى ئاپتونوم رايونىمىزدا نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەرگە يولۇقۇشقا باشلىغان. بىرىنچىدىن، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئازايغان، بەزىدە ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلار 200 گە چۈشۈپ قالغان. ئىككىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈم ئىسلاھاتىغا ماس ھالدا ئىمتىھان كۆلىمىدە كۆرۈنەرلىك ئېشىش بولمىغان؛ ئۈچىنچىدىن ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتلىمى نىسبەتەن تار بولغان.

  يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسى تەتقىق قىلىپ قارار قىلىشى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن 2018-يىلىدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدا مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانىغا تەشكىللەش خىزمىتى توختىتىلغان. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2018-يىلىدىن باشلاپ سەنشىدا مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانى (PETS) توختىتىلغان، 2017-يىلى ئەنخۇي ئۆلكىسىدە مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانى توختىتىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر