ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۇسسۇللۇق تىياتىر−«ئەتلەس ھەققىدە ھېكايە» قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى

مۇخبىرىمىز مۇيەسسەر ئاباھامىت

2018.01.04 12:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تەكلىماكاندىكى سىرلىق قۇملۇق، يېقىملىق كۈيگە جور بولغان ئۈچ گۈزەل پەرىزات، سەھنىنىڭ تۆۋىنىدىلا ئەتلەس توقۇپ ئولتۇرغان 5- ئەۋلاد ئەتلەس توقۇش ۋارىسى... گۈزەل كۆرۈنۈشلەر بىلەن باشلانغان ئۇسسۇللۇق تىياتىر − «ئەتلەس ھەققىدە ھېكايە» تاماشىبىنلارنى سىرلىق تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگە باشلاپ بېرىپ، شۇ گىرۋەكلەردە ياشىغان ئىشچان، تىرىشچان، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئەمگەكچان خەلقنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلدى. تاماشىبىنلار گۈزەل ھېس- تۇيغۇلار ئىچىدە ئۇسسۇللۇق تىياتىر − «ئەتلەس ھەققىدە ھېكايە»گە سىڭىپ كەتتى.

  دۆلەت سەنئەت فوندىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر − «ئەتلەس ھەققىدە ھېكايە» 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ قوللىشى، دۆلەت سەنئەت فوندىنىڭ ئىككى قېتىم سېنارىيەنى تەكشۈرۈشى، ئىككى قېتىم ئادەم ئەۋەتىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشى نەتىجىسىدە 2016- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ «غەربىي دىيار سەنئەت ئەسىرى» تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ، بىر يىلدىن كۆپرەك تەييارلىق قىلىش، مەخسۇس خوتەنگە بېرىپ ئەتلەسنىڭ تارىخى ۋە توقۇلۇش جەريانلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئارتىسلارنىڭ جاپالىق مەشىق قىلىشى بىلەن روياپقا چىقتى. بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىرغا جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، داڭلىق ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللا سەنئەت يېتەكچىسى بولدى، «لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن داڭلىق يازغۇچى شېن ۋېي سېنارىيەسىنى يازدى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى ئىجادىيەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېھرىئاي ئىبراھىم باش رېژىسسورلۇقىنى قىلدى، داڭلىق كومپوزىتور ئابلەت ئابلىكىم مۇزىكىسىنى ئىشلىدى، ئىچكىرىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان رېژىسسور دۇڭ جېچياڭ ۋە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى ھەر مىللەت ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىلىرى بىرلىكتە ئۇسسۇل رېژىسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ گۈزەل، نەپىس، جەلپكار ئۇسسۇللۇق تىياتىر كۆپ مىللەتلىك زور قوشۇننىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلدى.

  ئۇسسۇللۇق تىياتىردا ئەتلەس توقۇيدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى، ئۈچ قىزنىڭ ھەسەن- ھۈسەننىڭ رەڭگىنى ئىزدەش سەپىرى ۋە گۈزەل ئەتلەسنى توقۇپ چىقىش جەريانى ھېكايە قىلىنىپ، شۇ يۇرتتا ياشاپ ئۆتكەن خەلقنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى، گۈزەللىك قارىشى، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، گۈزەل مەنزىرىسى، ئەمگەكچان خەلقنىڭ ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتلەردىن غالىب كېلىپ، ئۆزىنىڭ بىر جۈپ ئىشچان قولىغا تايىنىپ، ئەقىل- پاراسىتى بىلەن گۈزەل تۇرمۇش ياراتقانلىقىدەك تۇرمۇش كارتىنىسى ئۇسسۇل سەنئىتى ئارقىلىق يارقىن نامايان قىلىنغان. بۇنىڭدا شىنجاڭنىڭ ناخشا- ئۇسسۇل جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىلىپ، چىنلىق، مېھىر- شەپقەت، گۈزەللىكنىڭ نامايەندىسى بولغان «ئەتلەس» مەدەنىيىتى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە تونۇشتۇرۇلغان.

  − شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى بولسىمۇ، ئۇزاق يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئىشلەنمىگەنىدى، − دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر سەمەت، − بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى يەردە قويماي، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سەنئەت غايىمىزنى پارتىيە، خەلق ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئىشلەش پىلانىنى تۈزدۇق. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن قەدەمنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويغان «پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش» دېگەن تەلىپى بويىچە سەنئەت جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت سەنئەتكارلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ نادىر ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ خەلقىمىزگە سۇندۇق.

  − ئەتلەس جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئەمگەكچانلىقىنىڭ مەھسۇلى، − دېدى ئۇسسۇللۇق تىياتىرنىڭ باش رېژىسسورى مېھرىئاي ئىبراھىم، − قىسقىغىنا ۋاقىتتا بىز جاپا- مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، كەسىپكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىمىز بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى ۋۇجۇدقا چىقاردۇق. ئۇسسۇللۇق تىياتىرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇسسۇل تىلى بىلەن ھېكايە سۆزلەش بولۇپ، بۇ قىيىنلىقى يۇقىرى سەنئەت تۈرى. تۇنجى قېتىم ئىشلەنگەن بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر بىزگە بىر قېتىملىق سىناق ۋە تەجرىبە بولدى. ئۇسسۇل تىلى بىلەن قانداق قىلغاندا بىر ھېكايىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىش توغرىسىدا كۆپ ئويلاندۇق ھەم ئىزدەندۇق، ھېكايە سۆزلەش جەريانىدا مەيلى بالېت بولسۇن ۋە ياكى ھازىرقى زامان ئۇسسۇللىرى بولسۇن، ھەممىنى قوبۇل قىلىپ، ئەنئەنىۋىلىكنى ساقلىغان ئاساستا زامانىۋىلىقنى نامايان قىلىشقا تىرىشتۇق.

  − مەن بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىردا ئەتلەس توقۇيدىغان قىزلارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسىنىڭ رولىنى ئالدىم، − دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئاتاقلىق ئۇسسۇلچىسى ئامانگۈل سىدىق، − بۇ بىر فانتازىيەلىك، ھېسسىياتلىق ئوبراز. قالغان روللارنى ياش ئۇسسۇلچىلار ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالدى. سەنئەت ساھەيىمىزدە بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دەۋر روھى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان، بەدىئىيلىكى يۇقىرى، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشكەن، خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالالايدىغان، ئۆزگىچە ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ روياپقا چىقىپ، جۇشقۇن ياشلارغا ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم.

  − بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر ناھايىتى ياخشى ئىشلىنىپتۇ، − دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ پېنسىيۇنېرى، ئاتاقلىق ئارتىس سودىيە مەھمۇد، − ئەتلەسنىڭ تارىخى، كېلىپ چىقىشى، ئۇنىڭ پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان جەريانى ئەسلىمە خاراكتېرلىك ئوبدان ئىشلىنىپتۇ. ئارتىسلارنىڭ ماھارىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى، سەھنە دېكوراتسىيەلىرىمۇ ئىنتايىن چىرايلىق، مۇزىكىلىرى تېخىمۇ يېقىملىق ھەم مۇڭلۇق. بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇش، خۇشال كۈنلىرىمىزنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇيۇل تاشتەك ئىناقلىقىنى ناھايىتى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىپتۇ. بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى كۆرۈپ ئۆزىمىزنى گاھ ساپسېرىق توغراقلىق ۋە قۇملۇقتا، گاھ مېۋىلىك باغلاردا يۈرگەندەك ھېس قىلدۇق، نەق مەيداندا ئەتلەس توقۇۋاتقان خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدىن كەلگەن 5- ئەۋلاد ئەتلەس توقۇش ئۇستىسى ئەمەر ئېلىنىڭ ھۈنىرىنى كۆرۈپ، ئەتلەسنىڭ توقۇلۇش جەريانىغا بولغان چۈشەنچىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل