ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

باغۋەنچىلىك بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى دېھقانلارنىڭ بېيىش ئارزۇسىنى قاناتلاندۇردى

مۇخبىرىمىز گەي يۇجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ جىڭ

2017.12.28 12:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتبېشى يېزىسى قۇمبۇلۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى لى جىچېڭ (ئوڭدا) 12- ئاينىڭ 7- كۈنى كەنت ئاھالىلىرىگە قىش پەسلىدىكى كۆچەت باشقۇرۇش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە. (مۇخبىرىمىز زو يى فوتوسى)
  12- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتبېشى يېزىسى قۇمبۇلۇڭ كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ قورۇسىدا، كەنت ئاھالىلىرى كېلەر يىللىق پىلانلىرىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتاتتى.

  − كېلەر يىلى بىز بىر نەچچە مو يەرگە ئورمان ياڭىقى، قىزىل ئالۇچا كۆچىتى قويۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز، سۈرۈشتۈرۈپ باقسام باھاسى يۇقىرى ئىكەن، سىلەر قانداق ئويلىشىۋاتىسىلەر؟

  − ئەمدى پايدىسى ئاز بەرەڭگىنى قەتئىي تېرىمايمىز، كېلەر يىلى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدىكىدەك مېۋىلىك كۆچەتلەرنى تىكەيلى دەۋاتىمىز، مېۋىلىك كۆچەت تىكسە، بالدۇرراق بېيىغىلى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ ...

  قۇمبۇلۇڭ كەنتى «قۇملۇقتىكى بۇلۇڭ» دېگەن مەنىدە، چەت- ياقىغا جايلاشقان ھەم قاتناش ئىنتايىن قولايسىز كەنت. بۇ يىل 3- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر قۇمبۇلۇڭ كەنتىگە كەلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، تاغ ئېتىكىدە ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى تىمتاسلىققا چۆمگەن بۇ كەنت ئەتراپتىكى ئاھالىلەر كېلىپ كۆرۈپ كېتىدىغان، ئۆگىنىدىغان جايغا ئايلاندى.

    «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر نەزەر دائىرىمىزنى ھەقىقەتەن كېڭەيتتى»

  بۇ يىل 3- ئايدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، كەنتتىكى كونا ئۆرۈكلۈكنىڭ ئىزچىل تاشلىنىپ قالغانلىقىنى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ ئاساسەن يوقلۇقىنى بايقىدى. خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت ئاھالە كومىتېتى كېڭەشكەندىن كېيىن، كونا ئۆرۈكلۈكنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. ئالدى بىلەن بۇ يەرگە تىكىشكە ماس كېلىدىغان ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاتلىق چۈرۈك ئالما، قىزىل ئالما، ئاسما ئۆرۈك، ئۈجمە، قىزىل ئالۇچا، ئورمان ياڭىقى قاتارلىق ئالتە خىل يېڭى سورتنى كىرگۈزۈپ، 100 مو ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇردى، كۆچەت ئارىسىغا 50 مو تاۋۇز، بەرەڭگى، قوناق قاتارلىقلارنى تېرىدى.

  ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىسى رەيھانگۈل ئاقنىياز باغچىغا كۈندە دېگۈدەك باردى. رەيھانگۈل ئاقنىياز مۇنداق دېدى: ئۈجمىنى ھەممەيلەن بىلىمىز، مېۋە ئۈجمىسى دېگەننى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئاۋۋال بىزگە ئۇنىڭ رەسىمىنى، 7- ئايدا بۇ مېۋىنىڭ ئۆزىنى كۆرسەتتى، مېۋە ئۈجمىسى بىزنىڭ ئادەتتىكى ئۈجمىمىزدىن ئىككى، ئۈچ ھەسسە ئۇزۇن ھەم تەمىمۇ تاتلىق ئىكەن، ئۇنىڭ تەمى ھازىرغىچە ئاغزىمدىن كەتمىدى.

  باغۋەنچىلىكنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ چوڭ خاسلىقىغا ئايلاندى، كەنت ئاھالىلىرى باغۋەنچىلىكتىن ئەمدىلا پايدا ئېلىشقا باشلىغاندا، ئەتراپىدىكى ھەممە يەرنىڭ ياڭاقلىق، ئۈزۈملۈك، چىلانلىققا ئايلىنىپ، ئەنئەنىۋى باغۋەنچىلىكتىن قىلغان كىرىمىنىڭ بارغانسېرى تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى بايقىدى. شۇڭا كەنت ئاھالىسى يۈسۈپجان داۋۇت نەچچە يىل بۇرۇنلا يېڭى مېۋە كۆچىتى سورتى كىرگۈزۈش ئۈستىدە ئىزدەنگەنىدى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا قىزىل ئالۇچا كۆچىتى كىرگۈزگەنلىكىنى ئاڭلىغان يۈسۈپجان داۋۇت بىردىنلا روھلىنىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئىچكىرىگە بارغاندا قىزىل ئالۇچىنى يېگەن، ئۇ ئاز تېپىلاتتى، باھاسىمۇ بەك قىممەت ئىدى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر نەزەر دائىرىمىزنى ھەقىقەتەن كېڭەيتتى.

    «تاماشا كۆرگۈچى ئامما» «كەمتەر ئوقۇغۇچى»غا ئايلاندى

  قۇمبۇلۇڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەلى يۇنۇس باشقا كەنتتىكىلەر بەس- بەستە كېلىپ كۆرۈپ كېتىۋاتقان بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى دەسلەپ ئېچىلغاندا، نەچچە كەنتلا ياردەملەشكەنىدى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن ئورمانچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆچەتلەرنى ئەي قىلالايدىغان- قىلالمايدىغانلىقىغا بەكرەك قىزىقتى، مېۋىلىك كۆچەتلەرنىڭ بەس- بەستە ئاينىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرى تىككەن كۆچەتلەرگە قارىغاندا بۈك- باراقسانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا تېخىمۇ قىزىقتى.

  ئەلى يۇنۇس خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى ئىككى قېتىم كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى يەنىلا %95تىن يۇقىرى بولدى، شۇ چاغدا مەن ۋە يۇرتداشلار ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن مۇتەخەسسىس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. ئالدى بىلەن كەنتتىن كۈندە 20 نەچچە كىشى كېلىپ ئېتىز- ئېرىقلارنى باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاندىن ئوتبېشى يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىلىرى، ئېكولوگىيەلىك ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى، باغۋەنچىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى ئەترىتىدىكىلەر كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئۆگەندى، ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىمدا 1000دىن كۆپرەك كىشى كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بۇ كىچىككىنە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى باغۋەنچىلىك كۆرىكى ئۆتكۈزىدىغان جايغا ئايلاندى.

  خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تاغلىق رايوندىكى كەنت ئاھالىسىنى ئىلمىي باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىدىن خەۋەردار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۆز ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر ئەترىتىنى تەكلىپ قىلدى، ئۇلار بىر يىل ئىچىدە ئون نەچچە قېتىم كەنتكە كېلىپ، لايىھەلەش، ئورۇن تاللاش، يەرنى تۈزلەش، ئورەك كولاشتىن تارتىپ، كۆچەت تۈرىنى تاللاش، چوڭقۇر ئورەكتە يېتىشتۈرۈش، يىل بويى پەرۋىش قىلىش ۋە پۈتۈن مۇساپىدە يېتەكلەش، تەربىيەلەشكىچە «قىممەتلىك تەجرىبىسىنى ئۆگەتتى».

  «ئىشلىسەڭ چىشلەيسەن» دېگەندەك، ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدىكى كۆچەتلەر ئارىسىغا تېرىلغان تاۋۇزنىڭ يىللىق ھوسۇلى نەچچە ئون توننىغا يەتتى، بەرەڭگى باشقا جايلارنىڭكىگە قارىغاندا بىر ھەسسە يوغان بولدى، قۇربان ھېيتتا خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىنى كەنت ئاھالىلىرىگە بۆلۈپ بەردى. بىر- بىرىدىن يوغان تاۋۇزنى، قىپقىزىل شوخلىلارنى ئېلىپ مېڭىپ ھەم كۆز ئالدىدىكى بۇ مولچىلىققا قاراپ، قۇمبۇلۇڭ كەنتى ئاھالىلىرى ھەتتا ئوتبېشى يېزىسىدىكىلەرمۇ «تاماشا كۆرگۈچى»دىن «كەمتەر ئوقۇغۇچى»غا ئايلاندى.

    كەنت ئاھالىلىرى «باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسى»گە ئايلاندى

  خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ يىل بويى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا ئالدىراش يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىمۇ ھويلىلىرىغا يېڭى مېۋىلىك كۆچەتلەرنى تىكتى، ھەتتا بىكار يەر تېپىپ مېۋىلىك كۆچەت تىكىپ، خىزمەت ئەترىتى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئەترىتىدىن تېخنىكا ئۆگەندى.

  قۇمبۇلۇڭ كەنتىدىكى ئەنۋەر تۇردى مۇنداق دېدى: ئەتىيازدا مېۋىلىك كۆچەت تىككەندە، قۇر ئارىلىقى 3.5 مېتىر، تۈپ ئارىلىقى ئۈچ مېتىر بولۇشى كېرەك، ئورەكنى چوڭقۇر كولىغاندىن كېيىن، ئورەككە ئالدى بىلەن بىر قەۋەت سامان يېيىتىپ، ئۈستىگە كالىنىڭ تېزىكىنى چېچىپ توپا يېيىتقاندىن كېيىن تىكىش كېرەك، تىككەندە كۆچەتنىڭ تېگىگە يېتەرلىك ئوغۇت بېرىش كېرەك، تېگىگە ئوغۇت بېرىش مېۋىلىك باغنىڭ ھوسۇل بېرىش مەزگىلىگە بالدۇر كىرىش- كىرەلمەسلىكىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ بىيوتېخنىكا دەپ ئاتىلىدىكەن.

  كەنت ئاھالىسى تاھىر ئەھمەد مۇنداق دېدى: مۇتەخەسسىسلەر كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ يامراش ۋە كۆپىيىش ئورنىنى يوقىتىش ۋە تازىلاش ئۈچۈن، مېۋىلىك دەرەخ ئۈچەك مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، باغنى تەلتۆكۈس تازىلاپ، باغدىكى قۇرۇق شاخ- شۇمبىلارنى پاكىز سۈپۈرۈپ، مەركەزلىك كۆيدۈرۈش ياكى كۆمۈۋېتىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

  كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن مەمەت ئۆيىدە تۇغقانلىرىغا ئۆگەنگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: مېۋىلىك كۆچەتنى تىكىشتىن ئىلگىرى، سۇغا ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك چىلاپ قويۇش كېرەك، كۆچەت يىلتىزى سۇنى تولۇق سۈمۈرسە، كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، كۆچەتنى تىككەندە يىلتىزىنى لايدا كۆمسە، كۆچەت يىلتىزى قۇرۇپ كېتىشتىن، كۆچەتنىڭ تۇتماي قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەلى يۇنۇس بىر يىلدىن بۇيان كەنتتە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى يېزىمىزنىڭ چوڭ بازىرىغا ئايلاندى، كەنتتە بىر يىلدىن بۇيان تېرىقچىلىق ماھىرى، «باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسى» كۆپەيدى.

  زامانىۋى ئورمانچىلىق تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا 12- ئاينىڭ 19- كۈنى چوڭقۇر ئورەكتە يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە تىكىلگەن قىزىل ئالۇچا، ئۈجمە دەرەخلىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جىچېڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى يېنىدىكى 100 مو ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر كۆزگە كۆرۈنمىگەندەك قىلغان بىلەن ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ يەردىن 500 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، بۇ، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئىككى يىللىق كوللېكتىپ كىرىمىگە باراۋەر.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر