ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يېزا تاشيولىنى ياخشى ياساپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئاسراپ، تىرانسپورت تىجارىتىنى ياخشى قىلىپ، دېھقانلارنىڭ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2017.12.27 19:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 25- دېكابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، يېزىلار، بولۇپمۇ نامرات رايونلار قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى، دېھقان- چارۋىچىلارغا بەخت- ئامەت ياغدى، ئاساسىي قاتلامدا ئەل قەلبى پارتىيەگە مايىل قىلىندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتىپ، سىياسەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا تاشيولىنى ھەم ياخشى ياساپ، ھەم ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئاسراپ، تىرانسپورت تىجارىتىنى ياخشى قىلىپ، دېھقانلارنىڭ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، جايلارنىڭ تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، سىياسەت ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ۋە دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا تاشيولىنى ياساش، باشقۇرۇش، ئاسراش ۋە تىرانسپورت تىجارىتى قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى مەملىكەتلىك قاتناش- تىرانسپورت خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈردى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ھەم تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش، زور ئىلھام، ھەم سەمىمىي ئۈمىد، زور ھەيدەكچىلىك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتىپ، سىياسەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تۆت ياخشى يېزا يولى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېزا تاشيولىنى ياخشى ياساش، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئاسراش، تىرانسپورت تىجارىتىنى ياخشى قىلىشنى تەلەپ قىلدى. قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى ھەم كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن ياسالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان يېزا تاشيولى 1 مىليون 275 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، %99.24 يېزا- بازار ۋە %98.34 ئىشتاتلىق كەنتلەرگە ئاسفالت يول، سېمونت يول تۇتاشتۇرۇلدى، يېزا- بازار ۋە ئىشتاتلىق كەنتلەرگە ئاپتوبۇس قاتناش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %99.1 ۋە %96.5تىن ئاشتى، شەھەر- يېزا تىرانسپورتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سەۋىيەسى%80كە يېقىنلاشتى، «سەپەرگە چىقىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى، قاتناش ئارقىلىق نامراتلارنى تۈجۈپىلەپ يۆلەش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، يېزا ئەشيا ئوبوروتى تورى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، دېھقانلار ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر