ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى كۈنسېرى جانلاندى

قونجىراپ پورتىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت مال مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %83.6 ئاشتى

2017.12.27 18:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    سۈرەتتە: قونجىراپ تاموژنىسىدىكى خادىملار جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزمەكتە. (چىن گوۋېن فوتوسى)
  مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي، لى جىڭسۇڭنىڭ قونجىراپ تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى كۈنسېرى جانلانغان. بۇ يىل 1- ئايدىن 11- ئايغىچە قونجىراپ پورتىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت مال تىرانسپورت مىقدارى 72 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %83.6 ئاشقان؛ سودا سوممىسى 490 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %124.1 ئاشقان.

  قونجىراپ تاموژنىسىنىڭ باشلىقى ساۋ لېي مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، قونجىراپ پورتىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت مال مىقدارى ۋە سودا سوممىسى يىلمۇيىل ئاشتى، بولۇپمۇ جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ كەلگۈسى پىلانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پورتنىڭ ئېكسپورت سودىسىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى، قونجىراپ پورتى جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى كۈنسېرى جانلاندى.

  قونجىراپ تاموژنىسى تەكشۈرۈش 1- بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يەن جۇڭجۈن تونۇشتۇرۇپ: ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللار ئىچىدە ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە يول، كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ توشۇلۇش مىقدارى تېز ئاشتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دېدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدا لىق مال قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى پورتتىن چىقىش ئالدىدا تۇراتتى، دۆلەت دەرۋازىسى سىرتىدىكى جۇڭگو- پاكىستان تاشيولىدا دۆلىتىمىزگە كىرىشنى كۈتۈپ تۇرغان يۈك ئاپتوموبىللىرىمۇ ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى.

  مال مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، قونجىراپ تاموژنىسى مۇلازىمەتنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. ساۋ لېي مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا تاموژنا ئىسلاھاتى سالمىقى ئىنتايىن زور بولدى، تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش، پىرىيوم- كارانتىن قاتارلىق ئۈچ ئورۇن «بىر كۆزنەك»تە ئىش بېجىرىشنى يولغا قويدى، مەشغۇلات تەرتىپى «ئارقىمۇئارقا ئۇلىنىش»تىن «يانداش ئۇلىنىش»قا ئۆزگەرتىلدى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئۆزئارا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئارىلىقتىكى نۇرغۇن ھالقا ئازايتىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى قىسقارتىلدى، قونجىراپ پورتىنىڭ بۇ يىل ئېكسپورت ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئوتتۇرىچە ۋاقتى 0.7 سائەتكە، ئىمپورت ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئوتتۇرىچە ۋاقتى 6.3 سائەتكە قىسقارتىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر