ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەرنى ئوپېراتسىيە قىلالايدىغان بولدى

2017.12.27 17:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ: 12 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى يېرىم ئاي داۋالاش ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق مەمەت ئابدۇرېھىمنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى. جېجياڭ ئۆلكىسى چۈجۇ شەھىرىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن، مېڭىسىگە قان چۈشكەن مەمەت ئابدۇرېھىم ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا مېڭە ئوپېراتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلدۇردى. بۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تۇنجى قېتىم قىلغان مېڭە ئوپېراتسىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

  مەمەت ئابدۇرېھىم ئۇچتۇرپان بازىرىنىڭ ئىتتىپاق مەھەللىسىدىن بولۇپ، بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن، ئۇ 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى مېڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىغا كىرگەندە، بىھۇش ھالەتتە ئىدى، ئۇنىڭ يەنە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولغاچقا، ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلىنمىسا ھاياتىغا خەۋپ يېتەتتى. چۈجۇ شەھىرىدىن ياردەمگە كەلگەن دوختۇر شۈ چېڭ دەرھال ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ داۋالاش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش ئەترىتى ۋە يەرلىكتىكى دوختۇرلار بىلەن بىللە ئوپېراتسىيەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جيا فېڭبو مۇنداق دېدى: دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە مەمەت ئابدۇرېھىمنىڭ ئۆپكىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. چۈجۇ شەھىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ئەترىتى بۆلۈمىمىزگە كېلىپ ئاغرىقنىڭ كېسەل ئەھۋالىغا قارىتا دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى تۈزدى. ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە دوختۇرخانىمىزدا تۇنجى قېتىم كېكىردەكنى يېرىپ ئۆپكىنى داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدۇق. ھازىر ئۇنىڭ ئەھۋالى تۇراقلىشىپ ياخشىلىنىشقا باشلىدى.

  مېڭە ئوپېراتسىيەسى ۋە كېكىردەكنى يېرىپ ئۆپكىنى داۋالاش ئوپېراتسىيەسى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا تۇنجى قېتىم قىلىنغان ئوپېراتسىيە بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بۇ دوختۇرخانىدا بۇ ئىككى خىل ئوپېراتسىيەنى قىلالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. مەمەت ئابدۇرېھىمنىڭ قىزى پاتىگۈل مەمەت مۇنداق دېدى: دادام دوختۇرخانىغا كەلگەندە كېسىلى بەك ئېغىر ئىدى. جېجياڭدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر ـ سېسترالارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ھازىر دادامنىڭ كېسەل ئەھۋالى تۇراقلاشتى.

  بۇ يىل 3 ـ ئايدا شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، چۈجۇ شەھىرىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ داۋالاش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش ئەترىتى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ھەر خىل ئوپېراتسىيەدىن 228 نى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى، بۇنىڭ ئالتىسى بۇ دوختۇرخانىدا تۇنجى قېتىم قىلىنغان ئوپېراتسىيە ھېسابلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر