ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىككى «پىكىر»نى ئېلان قىلدى

2017.12.27 17:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېينىڭ 12 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى ئېچىلغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت بىرقانچە سىياسەت پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ 18 ماددىسى» دېيىلىدۇ) ۋە «بىلىم قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان تەقسىمات سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ 11 ماددىسى» دېيىلىدۇ)نى رەسمىي ئېلان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «سىناق رايونى» دېيىلىدۇ) قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاتاكىغا ئۆتۈش بۇرغىسىنى چالغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ ۋاڭشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ 18 ماددىسى»نىڭ ئېلان قىلىنىشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈلمە ـ مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى «قوش تۈرتكە بولۇش» ئىدىيەسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىدۇر، ئۇ، تۈزۈلمە ـ مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، شۇنداقلا باشتىن ـ ئاخىر مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىنى قوللىنىپ، «نۇقتا ئارقىلىق نۇقتىنى تېپىش» سىياسەت تەدبىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىسىنى چەكلەۋاتقان تۈزۈم خاراكتېرلىك، شەرت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئۈسكۈنە، تەتقىق قىلىپ يارىتىش قاتارلىقلاردىكى «كەمتۈكلۈك» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، «شىنجاڭ 18 ماددىسى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم يۈرگۈزۈلدى. مەسىلەن: پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارتىسى تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش كارتىسىنى ئىشلىتىپ، ئىشتىن ئاۋۋال ئەنگە ئالدۇرۇش، ئىشتىن كېيىن مۇكاپاتلاش ـ تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، 1:2دىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك نورمىسى بويىچە يۈرۈشلۈك قوللاش؛ ئاپتونوم رايون ئىچى ـ سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن يېڭىچە تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش ھەم دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ئوخشاش ئېتىبار سىياسىتى بېرىش؛ ئاپتونوم رايون ئالدىنقى مەزگىلدە 100 مىليون يۈەن يېتەكلەش مەبلىغى چىقىرىپ، سىناق رايونى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات فوندى قۇرۇش قاتارلىقلار.

  پەن تەتقىقات خادىملىرىغا بۇ يەردە ياخشى پەن تەتقىقات مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، «شىنجاڭ 18 ماددىسى»دا يەنە بىلىم قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان تەقسىمات سىياسىتى، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلەن: پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى پاي ھوقۇقىغا ئايلاندۇرۇشنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە پاسسىپ باج تاپشۇرۇشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە رۇخسەت قىلىش، ئىشلەۋاتقان ئورنىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ئۈچ يىلغىچە كادىرلار ئىشلىرى مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىش، ئۇنۋان باھالاش، ئىش ئورنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەسلىي ئىدارىسىدىكى ئىشلەۋاتقان خادىملارغا ئوخشاش تەمىناتلاردىن بەھرىلەندۈرۈش؛ پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا ساپ كىرىملىك مۇكاپات بېرىش نىسبىتىنى %80تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈش قاتارلىقلار.

  گاۋ ۋاڭشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، دۆلەت ھوقۇق بەرگەن سىناق رايونى ئاۋۋال نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان زور ئىسلاھات سىياسىتىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، شېنجېن، شاڭخەي، سۇجۇ قاتارلىق دۆلەتلىك مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش رايونلىرى ۋە ھەرقايسى مىنىستىرلىق ـ كومىتېتلار ئېلان قىلغان ئالاقىدار سىياسەت ـ تەدبىرلەردىن تولۇق ئۆرنەك ئېلىپ ۋە پايدىلىنىپ ھەم مۇئەييەن دەرىجىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ۋە ئۆستۈرۈپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ـ تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئاخىرقى ھېسابتا «شىنجاڭ 18 ماددىسى»نى شەكىللەندۈردى. «شىنجاڭ 18 ماددىسى» بۇ يىل 2 ـ ئايدىن باشلاپ تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنغىچە جەمئىي يەتتە قېتىم چوڭ ئۆزگەرتىلدى ۋە كۆپ قېتىم تۈزىتىلدى.

  «شىنجاڭ 11 ماددىسى» «شىنجاڭ 18 ماددىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ چىقىرىلغان يانداش سىياسەت بولۇپ، ئۇنىڭدا پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنى ئۆز ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىشقا يېتەكلەيدىغان تەقسىمات ئۇسۇلى؛ پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى پاي ھوقۇقىغا ئايلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان باج ئېتىبار سىياسىتى؛ پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇن، بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇۋاپىق قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىشى، قوشۇمچە ھەق ئېلىشى ۋە ئىشلەۋېتىپ كارخانا قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئاپتونوم رايون 2015 ـ يىلى 8 ـ ئايدا پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى، شېنجېن شەھىرى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن بىرلىكتە يېڭىلىق يارىتىش ئاساسى ۋە شارائىتى نىسبەتەن ياخشى بولغان ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، قاراماي ۋە قومۇلدىن ئىبارەت بەش جاي ھەم يەتتە باغچە رايونىنى تاللاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىسلاھاتىنى باشلامچىلىق بىلەن سىناق قىلدى. بۇ يىل 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىنىقىنى قوللاش توغرىسىدىكى خەت»نى ئېلان قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر