ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

5 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن قاتارلىق 30 ئەخلاق نەمۇنىچىسى شان ـ شەرەپكە ئېرىشتى

2017.12.27 16:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن يېڭىلا 5 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى، دېگەن شان ـ شەرەپكە ئېرىشكەن ئاۋات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ھاكىم ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئەخلاق نەمۇنىچىسى، دېگەن بۇ شان ـ شەرەپكە ئېرىشىشىم تەشكىلنىڭ مېنى رىغبەتلەندۈرۈشى، خەلقنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىسىدۇر. مەن بۇنىڭدىن كېيىن نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، مۇقىملىقنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشىمەن. شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى قاتارلىق سەككىز ئورۇن بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «تەڭرىتاغدا ئەخلاق نۇرىنى چاقنىتىش __ 5 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى» شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن 30 ئەخلاق نەمۇنىچىسى مۇكاپاتلاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ يىل 4 ـ ئاينىڭ بېشىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى سىياسىي بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى(دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق سەككىز ئورۇن بىرلىشىپ، 5 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى باشلىغانىدى. 7 ـ ئاينىڭ ئاخىرى جايلار، تارماقلارنىڭ قاتلاممۇ قاتلام كۆرسىتىشى ئاساسىدا، تەشكىلىي ھەيئەت ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە 5 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامزاتلىرىنى ئېلان قىلدى ھەم توردا بېلەت تاشلاش خىزمىتىنى باشلىدى. ئىش ـ ئىزلىرى گەۋدىلىك بولۇش، بېلەت سانى كۆپ بولۇش، ئامما بىردەك ئېتىراپ قىلغان بولۇش قاتارلىق پىرىنسىپ بويىچە ئاخىرىدا 5 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسىدىن 30ى باھالاپ چىقىلدى.

  ھەر مىللەتتىن بولغان بۇ ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرى، ھەرقايسى ساھە ـ سىستېمىلاردىن كەلگەن بولۇپ، ئىشچى، دېھقان، ج خ ساقچىسى، ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر ـ ئەسكىرى، مەھەللە ئاھالىسى، يەككە تىجارەتچى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگۈچى، يەنە ئوقۇتقۇچى، دۆلەت مەمۇرى، دوختۇر، زىيالىي قاتارلىقلار بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى ئېلان قىلغان ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن، 2000 نەچچە ئۇيغۇر بالىنىڭ قەلبىدىكى «نۇرلۇق ماياك» پەن يۈليەن، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىسىدا دۆلەت ئورتاق تىلى تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرغان قۇربان نىياز، ئاز سانلىق مىللەت پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ چىقارغان چا چاۋجېڭ قاتارلىقلار بار. ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ـ ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب روھى يېقىملىق، قەدىرلىك، ئىشەنچلىك، ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ مول نەتىجىسىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، ئۇلار ئامما ئارىسىدىكى ئېتىراپ قىلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولى زور بولغان ئىلغار شەخسلەر بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئەخلاق بايرىقى تىكلەپ بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر