ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرەيلى

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (2)

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

2017.12.27 13:22 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مىقدارنىڭ توپلىنىشى مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەندە، جەزمەن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە بۇرۇلىدۇ، بۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى مۇقەررەر قانۇنىيەت، شۇنداقلا دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسى.

  بۇ قېتىمقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا بۇرالدى» دېگەن بۇ زور ھۆكۈمنى يېڭى دەۋردىكى ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى سۈپىتىدە يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا زور ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، بۇ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشقا قاراپ راۋاجلانغانلىق، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى نامايان قىلىشقا قاراپ راۋاجلانغانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش، ماس بولۇشنى ئىچكى ھاياتىي كۈچ ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندۇرۇش، يېشىل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھالەتكە ئايلاندۇرۇش، ئوچۇق بولۇشنى مۇقەررەر يولغا ئايلاندۇرۇش، ھەمبەھرە بولۇشنى تۈپ مەقسەتكە ئايلاندۇرۇشقا قاراپ راۋاجلاندۇرغانلىق. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: «يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ساقلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا ماسلىشىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئىقتىسادنىڭ قانۇنىيەتلىك راۋاجلىنىشىغا ئەمەل قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى». بۇ «ئۈچ مۇقەررەر تەلەپ»نى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرسەكلا، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاڭلىقلىقىمىز ۋە قەتئىيلىكىمىزنى كۈچەيتەلەيمىز.

  ھازىر ئېلىمىز تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەنئەنىۋى تەرەققىيات ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرۇش تەس بولۇۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيانىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە سانائەت ئىنقىلابىدا كۆپ جەھەتلەردىن بۆسۈش ھاسىل قىلىنىۋاتىدۇ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كۆپ خىللاشقان تەمىنات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەندىلا، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى يېڭى سەۋىيەدە ئىشقا ئاشۇرالايمىز، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. يەنە بىر جەھەتتە، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم بىزگە مىقدار ئۆزگىرىشىنىڭ توپلىنىشى مۇئەييەن باسقۇچقا بارغاندا، مۇقەررەر ھالدا سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. لېكىن پۇرسەتنى توغرا ئىگىلەپ، سۈپەت ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن بۇيان، دۇنيادىكى 100دىن كۆپرەك ئوتتۇراھال كىرىملىك ئىقتىسادىي گەۋدە ئىچىدە، ئاران ئون نەچچىسىلا يۇقىرى كىرىملىك ئىقتىسادىي گەۋدىلەر قاتارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرەلىدى. پاكىت مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مىقدارنىڭ كېڭىيىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئارىسالدى بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلىمىگەن، ھەتتا چېكىنگەن ئاشۇ دۆلەتلەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتالماي، مۇشۇنداق تۈپ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان. بەش يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادى ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلاپ كەلدى، ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 80 تىرىليون يۈەنگە يەتتى. بىز مىقدارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، سۈپەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك، ئاساسلىق كۈچەش نۇقتىسىنى مۇۋاپىق پەيتتە سۈپەت ئۆزگىرىشىگە بۇرىشىمىز كېرەك، سۈپەت زور دەرىجىدە ئۆسكەندىلا، مىقدارنىڭ ئۈنۈملۈك ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، پەيتنى چىڭ تۇتۇپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تەتبىقلىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى، ئىقتىسادنىڭ قانۇنىيەتلىك راۋاجلىنىشىغا ئەمەل قىلغانلىقىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئېلىمىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق ئىقتىساد ۋە نوپۇس كۆلىمى غايەت زور دۆلەتتە يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا قاراپ بۇرۇلۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنى بىر كېچىدىلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. بىز يەنە ئىككى چوڭ ئۆتكەلدىن ھالقىپ ئۆتۈشىمىز كېرەك. بىرىنچى ئۆتكەل دەل ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئادەتتىن تاشقىرى بولۇۋاتقان ھازىرقى باسقۇچتا ئالاھىدە بار بولغان ئۆتكەل، بولۇپمۇ زور خېيىم- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئىككىنچى ئۆتكەل مۇنتىزىم بولۇۋاتقان، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆتكەل بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى كۈچەپ ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرۇش، بولۇپمۇ بازار مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئادەم كۈچى كاپىتال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش بۇ ئىككى چوڭ ئۆتكەلدىن ھالقىپ ئۆتۈشنىڭ تەخىرسىز تەلىپى، شۇنداقلا ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش تەلىپى، خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى، ئاساسىي يول، كۈچەش نۇقتىسى، تۈزۈم كاپالىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغاندىلا، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى جەزمەن ياخشى بەرپا قىلىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

  يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە تەرەققىيات تەپەككۇرىنى بېكىتىش، ئىقتىسادىي سىياسەتنى تۈزۈش، ماكرولۇق تەڭشەشنى يولغا قويۇشنىڭ تۈپ تەلىپى. بىز بۇ تۈپ تەلەپنى پۇختا ئىگىلەپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋرگە ماسلىشىپ، دىققەتنى يېڭى نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، 2020- يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.
  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22- دېكابىر تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر