ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«ئالتۇن كەمەر» تاقىغان دەملەردە

مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم

2017.12.27 12:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  12- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 4 بولغان چاغ، گەرچە سەھەردىن بېرى ئۇچقۇنداۋاتقان قار ۋە كىشىلەرنىڭ يۈز- كۆزلىرىگە توختىماي ئۇرۇلۇۋاتقان ئاچچىق شامال مەركىزىي شەھەر خەلقىگە زېمىستان قىشنىڭ «تەمى»نى خېلى ئوبدانلا تېتىتىۋاتقان بولسىمۇ، سىرتتىكى ھاۋانىڭ ئەكسىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يولۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش زالى بۆلەكچىلا قىزىپ كەتكەنىدى. بۇ يەردە دەستە- دەستە گۈللەرنى كۆتۈرۈۋالغان بىر توپ كىشىلەر يولۇچىلار چىقىش ئىشىكىنىڭ ئالدىدا قانداقتۇر بىر ئەزىز مېھماننى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. قىزىل رەڭلىك تەنھەرىكەت كىيىمى كىيگەن قىز- يىگىتلەر كۆتۈرۈۋالغان «جۇڭگو بوكس شاھى ئالتۇن كەمىرىنىڭ ساھىبى مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل پىلاكات يىراقتىنلا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ، بۇ يەرنىڭ بۈگۈن نېمىشقا بۇنچە ئاۋاتلىشىپ كەتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى. مەمەتتۇرسۇن چوڭنى قارشى ئېلىشقا چىققانلار ئارىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى، شىنجاڭ بوكس تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ چىققان ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلىرى بار ئىدى.

  بۈگۈن شىنجاڭ بوكس تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شاڭ خۇڭبو ئەپەندىنىڭ كەيپى بەكمۇ چاغ ئىدى، ئۇنىڭ چېھرىدە غەلىبە تەنتەنىسى بىلەن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئارىلاشقان شادلىق كۈلكىسى پارلاپ تۇراتتى. مەن ئايروپىلان قونغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئارسال ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ شاڭ خۇڭبو ئەپەندىنى زىيارەت قىلدىم.

  − 2017- يىللىق «جۇڭگو بوكس شاھى»نى تالىشىش مۇسابىقىسىنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بوكس تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى، جۇڭگو بوكسچىلار جەمئىيىتى ۋە «داتاڭ» گۇرۇھى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن، بۇ مۇسابىقە نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بوكس مۇسابىقىلىرى ئىچىدىكى دەرىجىسى ۋە سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى، مەملىكەت مىقياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ماھىرلار قاتنىشىدىغان مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ، − دېدى شاڭ خۇڭبو بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ۋە مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ، − بۇ مۇسابىقە 2016- يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئۆتكەن يىلى مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغان ماھىرلارغا پەقەت «جۇڭگو بوكس شاھى» دېگەن نام بېرىلگەن، بۇ يىلدىن باشلاپ، «جۇڭگو بوكس شاھى» دېگەن نام بىلەن ئالتۇن كەمەرنى تەڭ بېرىشكە ئۆزگەرتىلدى. 12- ئاينىڭ 14- كۈنى كەچتە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەخىرلىك ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ كۈچلۈك رەقىبىنى يېڭىپ، «جۇڭگو بوكس شاھى» دېگەن نامغا ئېرىشىپ، بۇ مۇسابىقە تۈرىدىكى تۇنجى ئالتۇن كەمەرنىڭ ساھىبى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بوكسچىلىقى ئۈچۈن يەنە بىر ئابىدە خاراكتېرلىك كاتتا شەرەپنى قولغا كەلتۈردى. مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئاپتونوم رايونىمىز تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىققان، خەلقئارا بوكس ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر كۈچكە ئىگە داڭلىق ماھىر. ئۇ 2001- يىلى 13 يېشىدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىن شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا كەلگەندىن بۇيان، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، شىنجاڭ بوكس تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېشىت، ئابدۇشۈكۈر مىجىت قاتارلىق ئۇستازلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى بىلەن تەدرىجىي پىشىپ يېتىلدى، ئۇ 16 يىلدىن كۆپرەك بوكسچىلىق ھاياتىدا مەملىكەت ئىچى، سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 30 نەچچە قېتىم چېمپىيون بولدى، جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە 2008- يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە 2012- يىلى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ بۇ قېتىم «جۇڭگو بوكس شاھى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشىپ، ئالتۇن كەمەرنى باغلىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تەنتەربىيەدە كۈچلۈك رايون قۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئىجابىي رول ئويناپلا قالماي، يېڭىدىن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بوكس ماھىرلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدە مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى چوڭ- چوڭ مۇسابىقىلەردە چولپان بولۇپ پارلىشىغا زور مەدەت ۋە ئىلھامبەخش ئېتىدۇ.

  − كەلدى، كەلدى !!!

  قارشى ئالغۇچىلارنىڭ قىيقاس- چۇقانلىرى بىزنى سۆھبەتتىن توختاشقا مەجبۇر قىلدى. دەرۋەقە، مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئالتۇن كەمەرنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە ئۇستازى، شىنجاڭ بوكس تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ئابدۇشۈكۈر مىجىتنىڭ ھەمراھلىقىدا كىشىلەر توپىغا يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى.

  مەمەتتۇرسۇن چوڭ بىلەن ئابدۇشۈكۈر مىجىتنىڭ قۇچىقى كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقىچە گۈللەرگە تولدى، يولۇچىلارنىڭ ئالدىغا چىققانلار ۋە ئايروپورتتىن چىقىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە كىشىلىرىمۇ ئىختىيارسىز ھالدا مەمەتتۇرسۇن چوڭنى قارشى ئېلىشقا چىققانلار توپىغا قوشۇلۇپ، ئانچە چوڭ بولمىغان زال ئىچىدە تولىمۇ تەسىرلىك بىر مەنزىرە ھاسىل قىلدى.

  1996- يىلى تەنھەرىكەتچى سۈپىتىدە «جۇڭگو بوكس شاھى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن ئابدۇشۈكۈر مىجىت ئارىدىن 21 يىل ئۆتكەندە باش مەشقاۋۇللۇق سالاھىيىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم بۇ كاتتا شەرەپنىڭ ئەجىر سىڭدۈرگۈچىسى ھەم شاھىتى بولغاچقىمۇ بۈگۈن ئۇنىڭ كەيپىياتى خۇددى شاڭ خۇڭبو ئەپەندىگە ئوخشاشلا ناھايىتى چاغ ئىدى.

  − بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە ئاپتونوم رايونىمىزدىن يەتتە ماھىر قاتناشقان ئىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن مەمەتتۇرسۇن چوڭ بىلەن توختاربېك قاناتقان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، − دېدى ئابدۇشۈكۈر مىجىت ئۆزىنى قورشىۋالغان تاراتقۇ مۇخبىرلىرىغا مۇسابىقە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، − 12- ئاينىڭ 14- كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە ناھايىتى كەسكىن بولدى. مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ رەقىبى ئىچكى موڭغۇل ماھىرى خۇرچابىلىگ 2016- يىلى «جۇڭگو بوكس شاھى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن، «يايلاق بۆرىسى» دېگەن نامى بار 69 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە مەملىكەت ئىچىدە تونۇلغان داڭلىق ماھىر ھېسابلىنىدۇ. تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىمۇ مەمەتتۇرسۇن چوڭ دەل مۇشۇ رەقىبىنى يېڭىپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئۇدا ئۈچىنچى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەنلا خۇرچابىلىگ كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، مەمەتتۇرسۇن چوڭغا تەھدىت سالدى، مەمەتتۇرسۇن چوڭ بوي ئېگىزلىكى، بىلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە پۇختا تېخنىكىسى بىلەن مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، مۇسابىقىدە ئىزچىل ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇسابىقە جەريانىدا ئىككى قېتىم رەقىبىنى كۈچلۈك مۇشت بىلەن ئۇرۇپ يىقىتىپ، ئاخىرىدا يۇقىرى نومۇر بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ، ئالتۇن كەمەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇنداق كۈچلۈك مۇشت بىلەن رەقىبىنى ئۇرۇپ يىقىتىش بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى.

  − بۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن مۇسابىقىلەردە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن بولساممۇ، «جۇڭگو بوكس شاھى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشىپ، ئالتۇن كەمەرنى تاقاش مېنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئارزۇيۇم ئىدى، − دېدى مەمەتتۇرسۇن چوڭ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا، − مەن ئۇستازىم ئابدۇشۈكۈر مىجىتنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بوكسچىلىرى ئىچىدە ئىككىنچى بولۇپ «جۇڭگو بوكس شاھى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىمدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم. ئالتۇن كەمەر مېنىڭ ئاخىرقى نىشانىم ئەمەس، مەن چوقۇم تېخىمۇ تىرىشىپ، 2020- يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ۋەتەنگە شان- شەرەپ كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن!

  ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا كۆزلىرىدىن ئۈمىد ۋە ئىشەنچ نۇرلىرى «يالت» قىلىپ چاقنىغاندەك بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر