ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

نىيە ناھىيەسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يېڭى يولى ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز لۇ يەن خەۋىرى، ئازات يۈسۈپجان فوتوسى

2017.12.22 13:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    نىيە ناھىيەسىنىڭ روكىيا يېزىسى تەكىدۆڭ كەنتىدىكى گۈلنىساخان مەمتىمىن 11- ئاينىڭ 26- كۈنى(ئوڭدىن 1- كىشى) ئۆيىدە مېھمان كۈتمەكتە.
  بىز 11- ئاينىڭ 26- كۈنى نىيە ناھىيەسىنىڭ روكىيا يېزىسى تەكىدۆڭ كەنتىدىكى گۈلنىساخان مەمتىمىننىڭ ئۆيىدە زىيارەتتە بولۇۋېتىپ، 140 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىنىڭ ئازادە ھەم يورۇق ئىكەنلىكىنى، ئۆيىنى زامانغا لايىق بېزىگەنلىكىنى كۆردۇق.
  گۈلنىساخان مەمتىمىن ئىككى يىلدىن بۇيان، تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغىنىدا چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى. گۈلنىساخان مەمتىمىن 2016- يىلى كەنتتىكى 17 نامرات ئائىلە بىلەن بىللە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ يىل كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش تۈرىگە تايىنىپ، قوي، توخۇ بېقىپ، ئۈزۈم تېلىنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، يىللىق كىرىمىنى 10 مىڭ 42 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
  كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش نىيە ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى چوڭ ئالاھىدىلىكى. ناھىيەگە ئەڭ يىراق ئەندىر يېزىسىدا بولسۇن ياكى قاتناش قولايلىق روكىيا يېزىسىدا بولسۇن، كەسىپ ئارقىلىق يۆلەشنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولدى.
  ئەندىر يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نۇرجامال ئابلىمىت مۇنداق دېدى: چىلان ئۆستۈرۈش ۋە قوغۇن تېرىقچىلىقى يېزىمىزنىڭ تۈۋرۈك كەسپى. يېزىمىزدىكى ھەربىر ئائىلە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئون مو يەرگە چىلان تىكتى، ئەڭ كۆپ تىككەنلىرىنىڭ 200 مودىن ئاشتى؛ ھەربىر ئائىلە 20 مودىن 200 موغىچە قوغۇن تېرىدى. بۇنىڭدىن باشقا، يېزىمىز يەنە باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنى قوللىدى. بۇ يىل يېزىمىزدا كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم 11 مىڭ 100 يۈەنگە يېتىپ، ناھىيە بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.
  بۇ مەزگىللەردە ئەندىر يېزىسىنىڭ لايياتقان كەنتىدىكى ئابدۇللا نۇر يېڭى ئۆيىنى بېزەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ ئۆي بېزەشكىلا 09 مىڭ يۈەن خەجلىدى. ئابدۇللا نۇر بۇ يىل 140 مو يەرە قوغۇن تېرىپ، ئالتە مو چىلانلىقىنى ئوبدان پەرۋىش قىلىپ، 290 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. ئابدۇللا نۇرنىڭ يەنە ئىككى كىيىم- كېچەك دۇكىنى بار.
  روكىيا يېزىسىنىڭ قاتاردۆڭ كەنتىدىكى ئامىنە ياقۇپمۇ يېقىندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئامىنە ياقۇپ بۇ يىل 0002 نىيە قارا توخۇسى بېقىپ، 8000 يۈەن ساپ كىرىم قىلدى. ئۇ كېلەر يىلى نىيە قارا توخۇسىدىن 3000 نى بېقىش ئويىغا كەلدى، شۇڭا ئىككى كۈندىن بۇيان، ئامىنە ياقۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر توخۇ كاتىكىنى كېڭەيتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ يېزىنىڭ توخۇ باقمىچىلىقى بويىچە يېتەكچى مەسئۇل تېخنىكى، چارۋىچىلىق- مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ باشلىقى تۇرسۇنجان ھۈسەن مۇنداق دېدى: كەنتتىن ئائىلىلەرگە ھەقسىز توخۇ بىلەن غاز چۈجىسى تارقىتىپ بېرىپ، بېقىشتىن سېتىشقىچە بولغان جەرياندا ئۇلارغا ياردەم بەردۇق.
  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىيە ناھىيەسى ئېلېكتىرونلۇق سودىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىغا ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش كارخانىلىرىغا يەرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىپ بەردى.
  نىيە ناھىيەسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ماۋ ۋېييۈن مۇنداق دېدى: ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى- سىرتىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى زاكىزىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كېلىشىمى تۈزدى. بۇ يىل بۇ ناھىيەدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش كارخانىلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى بىلەن 6000 توننىدىن ئارتۇق چىلان سېتىۋېلىش توختامى تۈزىدى.
  بۇ ناھىيە نامرات ئائىلىلەرگە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىشتە ئۆز يېرىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا ئېنىق تەدبىر قوللىنىپ، قوشماقلىشىپ يۆلەش، پەرقلىق يۆلەش، «قان ھاسىل قىلىش» شەكلىدە يۆلەش، بازارلاشتۇرۇپ يۆلەش ۋە ئاساسنى پۇختىلاش شەكلىدە يۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سۇ، توك، يول، گاز، ئۆي ۋە مۇھىت شارائىتىنى ياخشىلاشنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى. ھەر مىللەت ئامما ئەسلىھەلىرى تولۇق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى، ھەممە ئۆيدە قويلارنىڭ مەرەشلىرى، توخۇلارنىڭ چىللاشلىرى ئاڭلاندى، پارنىكلارغا ياپيېشىل كۆكتاتلار تېرىلدى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، جاي- جايلاردا ھاياتىي كۈچ جۇش ئۇردى.
  بۇ يىل نىيە ناھىيەسى قانات يايدۇرغان مەخسۇس تۈردىكى باھالاش- تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ناھىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال نامراتلىق نىسبىتى %1.31 كە تۆۋەنلىگەن. يېقىندا، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى نىيە ناھىيەسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
  نىيە ناھىيەسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يېڭى يولى ئېچىلدى.
    نىيە ناھىيەسىنىڭ روكىيا يېزىسى قاتاردۆڭ كەنتىدىكى ئامىنە ياقۇپ 11- ئاينىڭ 27- كۈنى توخۇلىرىغا دان بەرمەكتە.
    مەتيۈسۈپ تۇرسۇن ئۆسۈمسىز قەرز ئېلىپ 30 تۇياق كالا، 450 تۇياق قوي سېتىۋالدى، 500 دىن ئارتۇق غاز باقتى، ئۇ بۇ يىل 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراق كىرىم قىلىشنى مۆلچەرلىدى.
  سۈرەتتە: نىيە ناھىيەسىنىڭ روكىيا يېزىسى بوستان كەنتىدىكى مەتيۈسۈپ تۇرسۇن 11- ئاينىڭ 28- كۈنى كالىلارغا يەم بەرمەكتە.
    نىيە ناھىيەسىنىڭ روكىيا يېزىسى بوستان كەنتىدىن بىر كۆرۈنۈش. (سۈرەت 12- ئاينىڭ 1- كۈنى تارتىلغان).
    نىيە ناھىيەسىنىڭ ئەندىر يېزىسى ياغاچ ئېغىل كەنتىدىكى خەيرۇلخان ئىبراھىم ئائىلىسى بۇلتۇر 15 مو چىلانلىقتىن 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. 11- ئاينىڭ 25- كۈنى خەيرۇلخان ئىبراھىم (سولدا) ئەمدىلا ئۈزۈۋېلىنغان چىلانلىرىنى ئاپتاپقا يېيىپ قۇرۇتماقتا.
    نىيە ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ كۆلىمى 26 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ساقلاش كۆلىمى 5000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى بۇ ناھىيەدىكى ھەرقايسى يېزا- بازارلار بىلەن خوتەن شەھىرى ئارىلىقىدا قوش يۆنىلىشلىك ئەشيا ئوبوروتى بويىچە يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. (سۈرەت 11- ئاينىڭ 29- كۈنى تارتىلغان).
    خوتەن «تيەنمېڭ» مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى يەرلىكتىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ چىلان پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش كارخانىسى بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى شاڭخەي، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ، بۇ شىركەت ھازىرغىچە يۈزگە يېقىن يېزا ئارتۇق ئەمگەكچىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.
  سۈرەتتە: ئىشچىلار 11- ئاينىڭ 27- كۈنى نىيە ناھىيەسىدىكى خوتەن «تيەنمېڭ» مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىدە چىلان توشۇماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل