ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

لى پېڭشىن ئاقسۇ شەھىرىدە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئەقىل-چارە كۆرسىتىشنى چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ قەتئىي غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

2017.12.21 12:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  گېزىتىمىزنىڭ ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ خۇڭۋېن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن 12- ئاينىڭ 19- كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار كۈچنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئەقىل- چارە كۆرسىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات دېھقان- چارۋىچىلارنى پۇختا قەدەم بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ قەتئىي غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  لى پېڭشىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرى كۆنچى مەھەللىسى كەنتى، كونا بازار كەنتى، جىگدە باغ كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ھەم نامراتلارنى يۆلەش ۋە ياردەم بېرىش تەپەككۇرى ۋە تەدبىرلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  لى پېڭشىن كۆنچى مەھەللىسى كەنتىدىكى شىنجاڭ «چيەنيې» ئىلمە توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى (پايپاق زاۋۇتى)گە كېلىپ، كارخانىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىدىن كارخانىنىڭ شۇ جايدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يېقىن جايدا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەل قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. لى پېڭشىن شۇ جايدىكى 147 ئارتۇق ئەمگەكچىنىڭ مۇشۇ كارخانىغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى، ئېيىغا 2000 يۈەن ئەتراپىدا ئىش ھەققى ئالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى.

  لى پېڭشىن مۇنداق دېدى: ھازىر نامراتلارنى يۆلەش جېڭى خىزمىتى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، جايلار، تارماقلار چوقۇم ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»نى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، «باستۇرۇپ سۇغىرىش»نى «تۈجۈپىلەپ تېمىتىپ سۇغىرىش»قا ئۆزگەرتىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ خاس بايلىق ئەۋزەللىكىنى قېزىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى مۇھىم تۇتقۇ قىلىپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە شۇ جايدىكى كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

  لى پېڭشىن كۆنچى مەھەللىسى كەنتىدىكى «كۈمۈش يەر» يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمەت كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە كاللا ئىشلىتىپ چارە تېپىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، بازارنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تايىنىپ، يەرلەرنى كوپىراتىپقا كىرگۈزۈپ، پاي بويىچە پايدا تەقسىملەش ياكى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى كوپىراتىپقا كىرگۈزۈپ، پايدىسى بويىچە پايدا تەقسىملەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، بىر تۈركۈم نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن تېز قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

  لى پېڭشىن كونا بازار كەنتى، جىگدە باغ كەنتىدىكى كىيىم- كېچەك كارخانىلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كىيىم- كېچەك كارخانىلىرى مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن تولۇق ھەم ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كارخانىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز جايىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن تېخىمۇ كۆپ نامرات دېھقان- چارۋىچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار تارماقلار مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلار بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، ئىشچى ئىشلىتىش ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەمگەكچى چىقىرىشنى پىلانلىق تەشكىللەپ، نامرات دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

  لى پېڭشىن شىنجاڭ «خۇڭچىپو» يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى شىركىتى «جىنۋۇليەن» ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىدە «10 شەھەر، 100 دۇكان» قۇرۇلۇشى ۋە «10 ئىسكىلات، 100 كارخانا» قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك چوڭ رايونى، شۇڭا يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى «10 شەھەر، 100 دۇكان» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆلىمى ئەۋزەللىكى، كۇرسلۇق مەھسۇلات ئەۋزەللىكىنى بازار ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇشى كېرەك.

  لى پېڭشىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كونا بازار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىگە كېلىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەردىن ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق»، «ئۈچنى كاپالەتلەندۈرۈش» قاتارلىقلارغا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان «توققۇز بىر تۈركۈم» تەلىپى بويىچە، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، شۇ جايدىكى نامرات دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىم قىلالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل