ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

چاپچال ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەنزىلىدىكى يارقىن نۇقتىلار

گېزىتىمىزنىڭ ئىلى مۇخبىرلار پونكىتىدىن لى جيەنپىڭ

2017.12.20 12:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  گۇەن شىنمېي 11- ئاينىڭ 23- كۈنى شىنخۇا كىتابخانىسىدىن تېرىقچىلىق تېخنىكىسىغا دائىر كىتاب سېتىۋالغاندىن كېيىن، قوشنىسى ئۆمەرجان مەمەتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىككى ئائىلىنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى. گۇەن شىنمېي ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ 2016- يىلىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 7200 يۈەنگە يېتىپ، تېرىقچىلىق قىلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئەڭ كۆپ كىرىم قىلدى. گۇەن شىنمېي مۇنداق دېدى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن دېھقانچىلىق قىلىپ كەلدىم، كەلگۈسىگە ئەزەلدىن ھازىرقىدەك ئىشەنچ باغلاپ باقمىغانىدىم.

  گۇەن شىنمېي چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مىلەڭچۈەن يېزىسى ئادونبا كەنتىدىكى دېھقان. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە، شۇنداقلا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە- شەھەرلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىغان ناھىيە. چاپچال ناھىيەسى 2014- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا 1 مىليارد 360 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 29 نامرات كەنتنى نامرات كەنتلەر تىزىملىكىدىن چېكىندۈرۈپ، 2943 ئائىلە، 10 مىڭ 548 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. بۇ يىل ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ 5000 يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  تەپەككۇردىكى «يارقىن نۇقتا»

  چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش (كۆچمەنلەر) ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى جۇ يۈەنلى مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى يالغۇز ھۆكۈمەتنىڭلا ياكى نامرات ئائىلىلەرنىڭلا ئىشى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىشى. بۇ خىزمەتتە شەخسلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىلا چىڭ تۇتۇپ ياكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغىلا كۈچەپ ۋە ياكى يالغۇز ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېيىتىشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، باشقا نۇقتىلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، قۇرۇق گەپ سېتىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  چاپچال ناھىيەسى ئىشنى فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىن باشلاپ، «ئوبلاست بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەتنى كەنتلەرگىچە ئىشلەش، نامراتلارنى ئائىلىلەرگىچە يۆلەش» مەسئۇلىيەت تەلىپى بويىچە ناھىيەدىكى تۆت بەنزە، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار، يېزا- كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى، ئىجتىمائىي كۈچلەر، يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى ئورتاق كۈچەش خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى خىزمەتلەرنى ئاساسلىق تۇتتى، مەسئۇل رەھبەرلەر كونكرېت مەسئۇل بولدى. ھەر بىر نامرات كەنتنى ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەرلەر، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇندىكىلەر، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىرلار، بىرىنچى شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ھۆددە ئېلىش- ئالاقىلىشىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈردى. ئىدارە- ئورۇنلاردىكى كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ، ئۇلارنى يۆلىدى ۋە قەرەللىك يوقلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، يۆلەش تەدبىرلىرىنى تۈزدى.

  جۇ يۈەنلى مۇنداق دېدى: ناھىيەمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە مەۋقەنى «ئېگىزدە تۇرۇش»، «يىراقنى كۆزلەش»كە قويۇپ، سىياسەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش شەكىللىرىنى قوللىنىپ، نامرات ئاھالىلەرنى ئىككى قولىغا تايىنىپ بايلىق يارىتىشقا يېتەكلىدى؛ گۈزەل يېزا قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ قىياپىتىنى ياخشىلاپ، نامرات ئاھالىلەرگە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكى ۋە ئىنتىلىشىنى قوزغىدى.

  ھەرىكەتتىكى «يارقىن نۇقتا»

  ئۆتكەن 30 يىلدا باشقىلار يېرىگە نېمە تېرىسا، گۇەن شىنمېيمۇ 20 نەچچە مو يېرىگە شۇنى تېرىدى، ھوسۇل ئاز بولسىمۇ، غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ قانائەتلىنىپ كەلگەنىدى. گۇەن شىنمېي مۇنداق دېدى: باياشاتچىلىق ئىلكىدىلا يەنىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. دۆلىتىمىز ماڭا شۇنچە كۆپ ياردەم بېرىۋاتىدۇ، چوقۇم تېخىمۇ باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىنى يارىتىشقا تىرىشىمەن.

  گۇەن شىنمېي 2016- يىلى ئىككى كالا باقتى، ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا تولۇقلىما ئورنىدا 1000 يۈەن مۇكاپات بەردى. ئۇ ھويلىسىغا كۆكتات تېرىپ، 500 يۈەن مۇكاپات ئالدى، ھۆكۈمەتنىڭ خاس تېرىقچىلىقنى كېڭەيتىش سىياسىتى بويىچە ئۆسۈمسىز قەرزدىن بەھرىمەن بولۇپ، زاراڭزا تېرىدى، ئېرى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ھەر ئايدا 2000 يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى. گۇەن شىنمېي تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: ناھىيەمىزدىكى نامراتلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى.

  چاپچال ناھىيەسى «ھويلىنى ئاق قويماسلىق»، «ئائىلىدە بىكار كىشى بولماسلىق»، «تېرىقچىلىقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش»، «بالىلار ئوقۇشتىن قالماسلىق»تەك مۇكاپاتلاش- تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. جۇ يۈەنلى مۇنداق دېدى: 2016- يىلىلا 6 مىليون 840 مىڭ يۈەن مۇكاپات- تولۇقلىما پۇلى نەقلەشتۈرۈلدى، بۇنىڭدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلار كىشى بېشىغا 1200 يۈەندىن كۆپ كىرىم قىلدى. نۇرغۇن كىشى «ساقلاپ تۇرىدىغان، تايىنىۋالىدىغان، تەلەپ قىلىدىغان، بىكار يۈرىدىغان» ھالەتنى ئۆزگەرتتى.

  نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئۇلارنى ئالدىراتقان بىلەن بولمايدۇ، ئۇلارغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. چاپچال ناھىيەسى ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانا، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەمكارلىشىش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، نامراتلارنى يۆلەش جېڭىدە كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش كېپىللىك فوندى ئۈچۈن 15 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ قەرز ئېلىشىغا كېپىل بولدى. «يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى + نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە 4000 دىن كۆپرەك كىشىنى تەربىيەلەپ، يېزا دەرىجىلىك 15 ئېلېكتىرونلۇق سودا پونكىتى ۋە كەنت دەرىجىلىك 42 ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسى قۇردى. ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە 280 مىڭ مو نامراتلارنى يۆلەش ئورمىنى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا 1- قاراردا 11 مىڭ مو، 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى 2- قاراردا 5000 مو ئېكولوگىيە ئورمىنى بەرپا قىلىپ، 100 نامرات ئاھالىنى ئورمان پەرۋىشى ئىشىغا قويدى. كىيىم- كېچەك كەسىپلەر رايونىنى يۆلەش، مەركىزىي كەنت ۋە مەھەللىدە «ئاۋام دۇكىنى»، «كىچىك زاۋۇت» تەسىس قىلىش، يېزىلاردىكى ئەمگەك مۇلازىمىتى ۋاسىتىچىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق نامرات ئاھالىلەرگە ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى ھازىرلاپ بەردى.

  كەنت- مەھەللىلەردىكى «يارقىن نۇقتا»

  چاپچال ناھىيەسى 2016- يىلى نامراتلارنى يۆلەش، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە 130 مىليون يۈەن مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، قىيىنچىلىقى بار 3236 ئائىلىگە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىپ بەردى. ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ھەربىر نامرات ئائىلىگە 45 مىڭ يۈەن، باشقا قىيىنچىلىقى بار ھەربىر ئائىلىگە 38 مىڭ 500 يۈەن تولۇقلىما بەردى. چاپچال ناھىيەسى تاغلىق رايوننىڭ قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆي قۇرۇلۇش لايىھەسىدىن 14 يۈرۈشنى لايىھەلىتىپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىختىيارىي تاللىشىغا قويدى. ناھىيە يەنە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، سۈپىتىنى تەكشۈرۈش، قۇرۇلۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق قۇرۇلۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆيلەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  چاپچال ناھىيەسى تۈرلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مەبلەغ ۋە تۈرلۈك بايلىقلارنى 29 نامرات كەنتكە مايىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسەت- تەدبىرلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ تۈرتكىلىك رولى ۋە سىياسەتلەرنىڭ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، نامرات يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان بىرقەدەر مۇكەممەل ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. 169 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 420 كىلومېتىر ئاسفالت يول ياساپ، 58 مەمۇرىي كەنتتىكى 120 مىڭ دېھقان- چارۋىچىغا نەپ يەتكۈزدى. چارۋىچىلىق رايونىنىڭ ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشىنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»دىكى ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇش قىلىپ، قاينۇق يېزىسى، كان يېزىسى قاتارلىق يېزا- كەنتلەرنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، قىيىنچىلىقى بار 26 مىڭ ئاممىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. كارخانا ۋاكالىتەن قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، 38 مىليون 650 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 26 يېزىنىڭ ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشىنى ياخشىلىدى ۋە تۇرۇبا سۈيىنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزدى. خۇڭخەيگۇ سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، 50 مىڭ دېھقان- چارۋىچىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسى، 126 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنى سۇغىرىش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش مەسىلىسىنى قەدەممۇ قەدەم ھەل قىلدى. يېزا ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ۋە ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. نامرات كەنتلەرنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش، ھاجەتخانىلارنى ياخشىلاش ۋە كەنتلەرنى يېشىللاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، 13 نامرات كەنتنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. نامرات كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رادىيو- تېلېۋىزىيە سىگنالىنى ھەممە كەنتكە، ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى.

  تۇرمۇشتىكى «يارقىن نۇقتا»

  ئەتىگىنى ئۇيقۇسى قانغاندا ئورنىدىن تۇرۇش، كۈندۈزدە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى يېنىدىكى دۇكاندا قۇرۇق گەپ سېتىش، كەچتە دوستلىرى بىلەن ھاراق ئىچكەچ پاراڭلىشىش... بۇ، كان يېزىسىدىكى دېھقان ئابدۇل سابىرنىڭ ئۈچ يىل ئىلگىرىكى تۇرمۇشىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئىدى.

  ئابدۇل سابىر بۇ يىل زاراڭزا تېرىپ، 30 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى.

  ھازىرقى ئابدۇل سابىر چۈشكىچە ئۇخلىمايدۇ، كەچتە دېھقان- چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسىغا بارىدۇ، ئۇنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، كەچلىك كۇرستا «باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى ئۆگەنگىلى، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ۋە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن خەۋەر تاپقىلى، يەنە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا پاراڭلاشقىلى بولىدۇ».

  ئابدۇل سابىر مۇنداق دېدى: ھازىر يانچۇقۇم پۇل كۆرگەندىن كېيىن كۆڭلۈممۇ يورۇدى. قىلىدىغانغا ئىشىم بولغاچقا، تۇرمۇشۇممۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتۈۋاتىدۇ، ئۆزۈمنى پۈتمەس- تۈگىمەس كۈچ- قۇۋۋەتكە تولغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، تىرىشىپ ئىشلىگەنسېرى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدىكەن.

  جۇ يۈەنلى مۇنداق دېدى: ناھىيەمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ت−ەرەققىيات يولىدا ماڭدى، بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئاممىنى تېخىمۇ باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشىشكە يېتەك−لەش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىدە ئىلگىرىكىدەكلا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز ھەم بۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل