ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»غا مېھىر- مۇھەببىتىنى بېغىشلاش

− قونجىراپ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ 2- دەرىجىلىك ساقچى باشلىقى سۈن چاۋنىڭ يەرلىكتىكى تاجىك ئاممىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىگەنلىكى توغرىسىدا

مۇخبىرىمىز خەن چىنيەن

2017.12.18 16:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى قونجىراپ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ 2- دەرىجىلىك ساقچى باشلىقى سۈن چاۋ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى بىر نەچچە سېۋەت كۆكتات، تۇخۇم قاتارلىقلارنى ئېلىپ، كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان تاجىك قېرىندىشى ئامىرشاھ سەيپۇللانى يوقلاپ كەلدى ...

  1996- يىلى 12- ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان سۈن چاۋ «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»دا يېشىللىق بەرپا قىلىپ مۆجىزە يارىتىپ، كوماندىر- جەڭچىلەر ۋە شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ يېڭى كۆكتات يېيەلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، يەنە يەرلىكتىكى تاجىك ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

    «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»دا يېڭى كۆكتات بار بولدى

  سۈن چاۋ 12- ئاينىڭ 2- كۈنى قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى قونجىراپ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى نازارەتچىلىك ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ پارنىكىدا ماڭا: مېنىڭ ئارزۇيۇم قولۇمغا قورال ئېلىپ، ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلىدىغان ھەربىي بولۇش ئىدى، مەن ئۇزاقتىن بۇيان ئاتا- ئانام، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم ۋە دوستلىرىمغا قىسىمدا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى دېمەي كېلىۋاتىمەن، مەن شىنجاڭنىڭ ج خ سىستېمىسىدا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىققا تايىنىپ، 2- دەرىجىلىك ساقچى باشلىقى بولغان بىردىنبىر ئەسكەر، دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ئەپسۇسلىنىشتىن بەكرەك بىر خىل ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

  سۈن چاۋنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، قونجىراپ گازارما رايونى قورۇسىدا ئىلگىرى دەل- دەرەخ تۇرماق، ئوت- چۆپمۇ يوق بولۇپ، ناھايىتى قاقاس ئىدى. ئۇ سەپداشلىرىنىڭ يېڭى كۆكتات يېيەلمەي، كالپۇكلىرىنىڭ يېرىلىپ قاناپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ناھايىتى تىت- تىت بولۇپ، ئېگىزلىكتە كۆكتات ئۆستۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

  سۈن چاۋ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 1999- يىلى 8- ئايدا قونجىراپتا تۇنجى قېتىم جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى باشلىدۇق. پۈتۈن پونكىتتىكى كوماندىر- جەڭچىلەر ھەرىكەتكە كېلىپ گۈرجەك، جوتۇ بىلەن قۇم- شېغىللارنى كولاپ سىرتقا توشۇدۇق، ئاندىن نەچچە ئون كىلومېتىر يىراق جايدىن قىغ ۋە توپا توشۇپ كېلىپ، بىر ئاي ئىچىدە تۇنجى پارنىكنى سالدۇق.

  سۈن چاۋ پارنىكتىكى كۆكتاتلارنىڭ كەينى- كەينىدىن قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپمۇ ئىرادىسىدىن يانمىدى، ئەكسىچە قايتا- قايتا سىناق قىلىپ، ئاخىر سەپداشلىرى بىلەن بىللە چۆلدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بوستانلىق بەرپا قىلدى.

  2011- يىلى پار بىلەن ئىسسىيدىغان تۇنجى پارنىك قۇرۇلۇپ، ئېگىزلىكتىكى كوماندىر- جەڭچىلەر قىشتىمۇ يېڭى كۆكتات يېيەلەيدىغان بولدى. تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق رايونى كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، گۆش، تۇخۇم بىلەن ئۆزىنى ئۆزى قامداش ئاساسەن ئىشقا ئېشىپ، ئېگىزلىككە خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئەندىزىسى شەكىللەندى.

  قونجىراپقا كەلگەن ھەر قانداق كىشى ياپيېشىل كۆكتاتلىقنى ھەم خىلمۇ خىل كۆكتاتلارنى كۆرۈپ ھەيران قالماي تۇرالمايدۇ.

  سۈن چاۋ قىسىمنىڭ قوللىشى بىلەن، يەنە ئېگىزلىكتىكى چارۋىچىلارنىڭمۇ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلىدى.

  تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىنىڭ تىزناپ كەنتىدىكى چارۋىچى ئامىرشاھ سەيپۇللا ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: بىز قىشتىمۇ يېڭى كۆكتات يېيەلەيدىغان بولدۇق، سۈن چاۋ بىز تاجىك قېرىنداشلىرىغا مېھىر- شەپقەت يەتكۈزدى.

    تاجىك ئاممىنى ھاللىق تۇرمۇشقا يېتەكلەش

  سۈن چاۋ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىنى پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاغ- دەريالارغا بېغىشلاپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئۈن- تىنسىز تۆھپە قوشماقتا، ئۇ ياشلىقى، ئىسسىق قېنى ۋە ساداقىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، يەرلىكتىكى تاجىك ئاممىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش گۈزەل داستانىنى پۈتتى.

  2011- يىلى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئون نەچچە يېزا- بازار قونجىراپ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدىن تېخنىكا ئۆگىنىپ، 20 نەچچە پارنىك سالدى، توخۇ كاتىكى ياسىدى. لېكىن تېخنىكىسى، تەجرىبىسى كەمچىل بولۇش، پەرۋىش قىلىش مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىدى.

  سۈن چاۋ بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەرلىكتىكى دېھقان- چارۋىچىلارنى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەپ، ئۇلارغا ئېگىزلىكتە كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ۋە پارنىكتا كۆكتات پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتتى. ئۇ يەنە كۆكتات ئۇرۇقى سېتىۋېلىپ مايسا يېتىشتۈرۈپ، ئاندىن ئۇنى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كۆكتات پارنىكلىرىغا كۆچۈرۈپ بەردى... ئاخىر يەرلىكتىكى دېھقان- چارۋىچىلارمۇ پارنىكلىرىدا ھەر خىل كۆكتاتلارنى ئۆستۈرەلەيدىغان بولدى.

  تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاغارما يېزىسىنىڭ سەرەلە كەنتىدە، ئەتراپلىق پىلانلىنىپ، رەتلىك سېلىنغان پارنىكلار يەرلىكتىكى دېھقان- چارۋىچىلارنى يېڭى كۆكتات بىلەن تەمىنلىمەكتە، تۇردىخان ئەزىزمەمەت پارنىكقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدى.

  تۇردىخان ئەزىزمەمەت كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مۇنداق دېدى: بىز ئەمدى كۆكتات سېتىۋېلىشقا پۇل خەجلىمەيدىغان بولدۇق، يەنە تېخى كۆكتات سېتىپ كىرىم قىلىۋاتىمىز. ياخشى پەرۋىش قىلساق، بىر پارنىكتىن بىر پەسىلدە 5000 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن، ئادەتتىكى ئەھۋالدىمۇ 3000 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، بىز سۈن چاۋغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر