ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

پارنىك كۆكتاتلىرىنى ئۈششۈكتىن ساقلاشتىكى مۇھىم نۇقتىلار

2017.12.01 12:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  1. پارنىك سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃20تىن تۆۋەنلەپ، ئۈچ كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشقاندا، پارنىكتىكى ساپاقلىق كۆكتاتلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃6تىن تۆۋەن ياكى يوپۇرماق تۈرىدىكى كۆكتاتلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃1- ℃2تىن تۆۋەن بولغاندا، ۋاقتىدا پارنىك ئىچىگە مەش قاتارلىق ۋاقىتلىق ئىسسىتىش ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپ، پارنىكنىڭ كېچىلىك (بولۇپمۇ كېيىنكى يېرىم كېچىدىكى) تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كۆكتاتلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  2. كۈندۈزى قۇياش كۆتۈرۈلۈپ بىر سائەتتىن كېيىن، پارنىك يوتقىنى ۋە يېپىنچىلارنى ۋاقتىدا ئېچىۋېتىپ، قۇياش نۇرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارنىكنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بولۇپمۇ چۈشتىن كېيىن كۈن ئولتۇرۇشتىن بىر سائەت بۇرۇن پارنىك يوتقىنىنى ۋاقتىدا ھىملاپ يېپىپ، كېچىدە سوغۇق شامال كىرىپ، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپ، ئۈششۈك تېگىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قىش پەسلىدە قار- بورانلىق كۈنلەردە، يالتىراق يوپۇق، پارنىك يوتقىنىنىڭ ئۈستىگە يىغىلىپ قالغان قارلارنى ۋاقتىدا تازىلىۋېتىش، قار- مۇزلارنىڭ ئېرىپ پارنىك يوتقىنىنى مۇز تۇتۇۋېلىپ ئىسسىق ساقلاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنداقلا يىغىلىپ قالغان قار- مۇزلارنىڭ پولات جازىلارنى بېسىپ چۈشۈرۈۋېتىپ، تېخىمۇ چوڭ ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئارقا يانتۇلۇقتىكى قارلارنىمۇ ۋاقتىدا تازىلىۋېتىپ، پارنىكنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. شارائىتى بار دېھقانلار قىش پەسلىدە ئۈششۈك چۈشۈشتىن بۇرۇن، پارنىك يوتقىنى قاتارلىق يېپىنچىلارنىڭ ئۈستىگە يالتىراق ياكى رەڭلىك يالتىراقلارنى يېپىۋالسا، ئىسسىقلىق ساقلاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، قار ياغقان ۋاقىتتا يىغىلىپ قالغان قارلارنى ئوڭاي تازىلىغىلى ۋە قار- مۇزلارنىڭ ئېرىپ پارنىك يوتقىنىنى ھۆل قىلىۋېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  سوغۇق ئېقىم كىرگەن ۋاقىتتا: (1) پارنىك ئىچىنىڭ ئالدى تەرىپىگە بىر قەۋەت يالتىراق ياكى پارنىك سىرتىنىڭ ئالدى تەرىپىگە بىر قەۋەت پارنىك يوتقىنى يېپىپ قويۇلسا؛ (2) پارنىكنىڭ ئۈستى تەرىپىگە قوش قەۋەتلىك يالتىراق ئېسىپ قويۇلسا؛ (3) پارنىكقا كىرىش ئىشىكىنىڭ ئىچى- سىرتىغا قوش قەۋەت ئىشىك ياپقۇچ- يوتقان يېپىپ قويۇلسا، پارنىك كىرىش ئىشىكىگە يېقىن يەرگە شامال توسۇش يالتىراق ئېسىپ قويۇلسا، ئىسسىقلىق ساقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  3. كەچقۇرۇنلۇقى پارنىك ئىچىنى سۇملېكس (速克灵)، داكونىل (百菌清) قاتارلىق ئىسلايدىغان دورىلار بىلەن ئىسلىغاندا، كۆكتاتلاردىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، پارنىكنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۈششۈكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  4. ئۇدا بىر نەچچە كۈن ھاۋا تۇتۇلۇپ نۇر يېتىشمىگەندە، پارنىك ئىچىگە يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىپ نۇر تولۇقلاش كېرەك. يەنە پارنىك ئىچى ئارقا تېمىغا قايتۇرغۇچ يالتىراق ئېسىپ قويسا، نۇر تولۇقلاپ تېمپېراتۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

  دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئوچاققا ئوت يېقىپ كۆمۈر قالىغاندا، كۆمۈر ئىسىنىڭ كۆكتاتلارنى زەھەرلەپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ۋە ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
  «يېزا پەن- تېخنىكىسى» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر