ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئاپتونوم رايونىمىز ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

دەۋر ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ، خەلق ئۈچۈن يازىمىز

2017.11.29 12:33

  مۇخبىرىمىز مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىز ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى 11- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان داڭلىق يازغۇچىلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قارىمىقىدىكى ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ مەسئۇللىرى، ئاساسىي قاتلامدىكى يازغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 30 نەچچە كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان يازغۇچىلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىجادىيەتتىكى ئەسلىي مەقسەت، مەدەنىيەت ئىشەنچى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش قاتارلىق نۇقتىلاردىن تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

  شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئىمىن ئەھمىدى مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى ئەدەبىيات- سەنئەت خادىملىرىنى تۈپ نەزەرىيە ئاساسى ۋە ئىجادىيەت تەلىپى بىلەن تەمىنلىدى. ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىي ئىجادىيىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەزەرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە ئاغدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بىر قېتىملىق بۇرۇلۇش ياسىشى كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بوشاشماي تىرىشىپ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىلىرىنى يارىتىپ، رېئال تۇرمۇشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، مەزمۇنى مول، ئۇسلۇبى نەپىس، ئىدىيەسى ساغلام بولغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشى كېرەك.

  بىڭتۈەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، بىڭتۈەن ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى فېڭ شۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، نەزەر دائىرەم تېخىمۇ كېڭىيىپ، ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى. بىڭتۈەن ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۈەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئەدەبىياتىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شيۇڭ خۇڭجيۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىمىز ھەم ئويلىغانلىرىمىز تېخىمۇ يېقىشلىق، خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆككەن بولۇشى كېرەك، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەنگەن بىر قاتار خىزمەتلەر شىنجاڭدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت، شۇنداقلا ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىزنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى، ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىزنى مول خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «قىرغىز ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى دولقۇن تۇردى مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلغاندىن كېيىن، مەن ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 3500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چېگرا رايوندا نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چېگرادىكى چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدىم. يازغۇچىلار رېئال تۇرمۇشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، قەھرىمانلارنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى يېزىپ، جەمئىيەتنى يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس جاڭ شىنشېڭ مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت يازغۇچىلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدىيە ۋە نەزەرىيەلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىگىلىشى؛ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئىپادىلەپ، دەۋر ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ، خەلق ئۈچۈن يېزىشى؛ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدىكى تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ روھىي قىياپىتى نامايان قىلىنغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق خەلقنى ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەنىۋى كۈچ قوشۇشى ۋە ئۇنى مەدەنىيەت تىرىكىگە ئىگە قىلىشى لازىم.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل