ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئاپتونوم رايونىمىز يادرولۇق رايون پەن- تېخنىكا مەركىزى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىكرىنى ئېلان قىلدى

شىنجاڭ 2020- يىلىغىچە تىرىشىپ ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيادىكى يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ

2017.11.24 11:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز يۆ يەنيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 11- ئاينىڭ 21- كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت، پەن- مائارىپ مەركىزى(پەن- تېخنىكا مەركىزى) قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش پىكرى» دېيىلىدۇ)نى مەخسۇس ئېلان قىلدى. «يولغا قويۇش پىكرى»دە، شىنجاڭنى 2020- يىلغىچە ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيادىكى سىجىل تەسىر كۈچكە ئىگە رايون خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىدىكى مەدەنىيەت، پەن- مائارىپ مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتىدە پەن- تېخنىكا مەركىزى قۇرۇلۇشى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ئومۇمىي رىقابەت كۈچىنى ھەر تەرەپلىمە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى مۇھىم يول ھېسابلىنىدۇ.

  «يولغا قويۇش پىكرى»گە ئاساسەن، 2020- يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز پەن- تېخنىكا مەركىزىنى پەن- تېخنىكىدا ھەمكارلىشىش، ئۇچۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش، يېڭى تېخنىكىلارنى ئېچىش، تېخنىكا يۆتكەش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش، پەن- تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش، نەتىجىلەرنى كېڭەيتىش قاتارلىق كۆپلىگەن فۇنكسيەسى بىر گەۋدە قىلىنغان يېڭىلىق يارىتىش تۈجۈپىلىك رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يادرولۇق رايوننىڭ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇش، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن 2020- يىلى شىنجاڭ ئومۇمىي يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسى جەھەتتە مەملىكىتىمىزدىكى يېڭىلىق يارىتىشچان ئۆلكىلەر قاتارىغا كىرىپ، پەن- تېخنىكىدا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %60كە يېتىدۇ(2016- يىلى بۇ سانلىق مەلۇمات %51.8 ئىدى).

  ئىگىلىنىشىچە، پەن- تېخنىكا مەركىزى قۇرۇشتىكى ۋەزىپىلەر دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى، جۇڭگو- ئوتتۇرا ئاسىيا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق مەركىزى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلار بازىسى، كەسىپىي تېخنىكا ئېچىش مەركىزى، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى كەسىپلەر رايونى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كونكرېت يولغا قويۇش جەريانىدا، 2020- يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق كارخانا ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى ئاكادېمىكلار خىزمەت پونكىتلىرى 30دىن 50كە كۆپىيىدۇ ھەم تىرىشىپ بىردىن ئۈچكىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئالىملار ئىشخانىسى تەسىس قىلىنىدۇ؛ بىر تۈركۈم ئىجادچان باشلامچى كارخانىلار يېتىشتۈرۈلىدۇ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانى 1000دىن (ھازىر 560 كارخانا) كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەتقىقات سېلىنما سىجىللىقى %1كە يەتكۈزۈلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى مەملىكەتنىڭ %80ىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭ 2016- يىلى دۆلەت دەرىجىلىك خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرى، رۇسىيەگە قارىتىلغان مەخسۇس تۈر، ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق تۈرىدىن 18نى ئوڭۇشلۇق يولغا قويدى، ئاپتونوم رايون خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق پىلانى تۈرىدىن 58نى ئورۇنلاشتۇردى، ئومۇمىي سېلىنما 247 مىليون يۈەنگە يەتتى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت دەرىجىلىك 10 خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق بازىسى قۇرۇپ، 30دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە رايون ھەم 10 خەلقئارا تەشكىلات، تەتقىقات ئاپپاراتى بىلەن خەلقئارالىق پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىنى قانات يايدۇردى، بۇ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قېزىلما بايلىقلارنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق بىر نەچچە ساھەگە چېتىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر