ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

«يۇرتۇم يۈمەي، ۋەتىنىم جۇڭگو»

− ئېلىمىزدىكى ئاھالىسى ئەڭ ئاز يېزا − يۈمەي يېزىسىنى قايتا زىيارەت

2017.10.30 13:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    جوگا(سولدا) بىلەن ياڭزۇڭ ئاچا-سىڭىل.
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 29- ئۆكتەبىر، لخاسا تېلېگراممىسى. يۈمەيدە 10- ئاينىڭ 29- كۈنى ئىللىق قۇياش پارلاپ تۇراتتى. بۇ، نەچچە كۈندىن بۇيان تولىمۇ تەستە ئاپتاپ ئېچىلغان كۈن ئىدى.
  جوگا بىلەن ياڭزۇڭ ئاچا- سىڭىل ئەتىگەندىلا بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، تەق بولۇپ تۇرۇشتى.
  بۇ ئاچا-سىڭىل نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ھازىرقى بەختىيار كۈنلىرىدىن مىننەتدار بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا بىر پارچە خەت يازغانىدى. ئويلىمىغان يەردىن باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارغا جاۋاب خەت يازدى، بۇنىڭدىن ئىككىيلەن بەكمۇ خۇشال بولۇپ كەتتى.
  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن ئاشقاندا، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ يازغان جاۋاب خەتنىڭ مەزمۇنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ياڭزۇڭنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ياڭزۇڭنىڭ ئىخچامغىنە مېھمانخانىسى ئادەمگە لىق تولدى.
  شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شەننەن شەھىرىنىڭ لۇڭزى ناھىيەسىگە قارايدىغان يۈمەي يېزىسى جۇڭگو- ھىندىستان چېگراسىدا بولۇپ، توققۇز ئائىلە، 32 نوپۇس، 9 دېھقان- چارۋىچى پارتىيە ئەزاسى بار.
  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان بۇ جايغا كۆپ قېتىم كەلدى. ھەر قېتىم كەلگىنىدە يۈمەينىڭ قىياپىتىدە يېڭى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش بولغىنىنى كۆرەتتى.
     جوگا بىلەن ياڭزۇڭ ئاچا-سىڭىل يۈمەي يېزىسىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشتى. (10-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان)
    يۈمەي يېزىسىدىكىلەر 10- ئاينىڭ 29- كۈنى جوگا بىلەن ياڭزۇڭنى تەبرىكلەپ خاداك تەقدىم قىلدى.
    10-ئاينىڭ 29-كۈنى جوگا بىلەن ياڭزۇڭ ئاتىسىنى ئەسلىدى.
    ياڭزۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سولاڭدۈنجۇ. سولاڭدۈنجۇ يۈمەي يېزىسىدىن چىققان تۇنجى ئىستۇدېنت.
    بۇ جوگانىڭ(سولدا) يۈمەي يېزىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرغان چېغىدا يېزىلىق ھۆكۈمەتتە دۆلەت بايرىقى چىقىرىۋاتقان سۈرىتى(2009-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان).
    يۈمەي يېزىسىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى ‫مۇخبىرى‫ پۇزازاشى فوتوسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز