ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلەت ئىچىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن خاتىرە

2017.10.11 13:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامغا 50 نەچچە قېتىم بېرىپ، جەمئىي 151 كۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىدا يارقىن ئىزلارنى قالدۇردى.

  پۇختا بېسىلغان قەدەملەر ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسىنى بىر- بىرىگە ئۇلىدى. بۇ قەدەملەر خەلق ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان ۋەدىگە ئەمەل قىلىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش بۇرچىنى زىممىگە ئېلىش، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن بېسىلدى.

    ھۆكۈمەت ئىشىنى كېچە- كۈندۈز ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ، تىرىشىپ تارىخقا، خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب بېرىش

  − ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ، مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتىش، بۇ تەنتەنىلىك ۋەدە ئەمەلدە كۆرسىتىلگەن ئىز

  شېنجېن ليەنخۇاشەن تېغى بۈك- باراقسان يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى.

  ئەينى چاغدا تىكىلگەن تاغ ئەنجۈرى تازا ئاينىغانىدى، بەش يىلنىڭ ئالدىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىپ بۇ يەرگە كېلىپ، مۇشۇ كۆچەتنى تىكىپ، ئۈمىد ئۇرۇقى چاچقانىدى.

  ئۇ قاتمۇقات تاغلاردىن ھالقىپ، بۇ يەرگە نەچچە قېتىم كەلدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى كېزىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا سەمىمىيلىك بىلەن قۇلاق سېلىپ، تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئادا قىلدى.

  «بىز جەزمەن باشتىن- ئاخىر خەلق بىلەن بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە بولۇپ، خەلق بىلەن جاپانىمۇ، ھالاۋەتنىمۇ تەڭ كۆرۈپ، خەلق بىلەن بىللە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، كېچە- كۈندۈز ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ، تىرىشىپ تارىخقا، خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك».

  يول ھەر قانچە يىراق بولسىمۇ، قەتئىي ئىرادە بولسىلا، مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ؛ تاغ ھەر قانچە ئېگىز بولسىمۇ، كۈچلۈك ئىرادە بولسىلا، ئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.

  سان- ساناقسىز ئۇنتۇلغۇسىز كۆرۈنۈشلەر، تەسىرلىك دەقىقىلەردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ بەش يىلدىكى يارقىن ئىزلىرى خاتىرىلەندى.

  پەسىللەر بىر- بىرىنى قوغلىشىپ، ۋاقىت تېز ئۆتتى.

  ئىللىق باھار شامىلى كائىناتنى جانلاندۇرغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭ ھۆددىگەرلىك باشلانغان جاي − ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيەسىنىڭ شياۋگاڭ كەنتىگە كېلىپ، ئېتىز قىرلىرىنى بويلاپ، بۇغدايلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزەتتى ھەم ئەينى يىلى 18 ئائىلىلىك دېھقان بارماق باسقان قورۇغا كىرىپ، «ئىسلاھ قىلغاندىلا چىقىش يولى تاپقىلى بولىدۇ، ئىسلاھاتنى دائىم تەكىتلەش، ئىسلاھاتتا داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

  تومۇزدا ئەتراپ تونۇردەك قىزىپ كەتكەنىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىسى ئېجۇ شەھىرى چاڭگاڭ بازىرى دۇڭشەن كەنتىنىڭ مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى، ئەخلەتنى پىرېسلاپ يۆتكەپ توشۇش پونكىتى، پاسكىنا سۇنى ئېنېرگىيەسىز بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى، شاخ- شۇمبىلارنى گازغا ئايلاندۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا بېرىپ، شەھەر- يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، «يېزىلارنى دېھقانلار بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

  كۈزنىڭ ھاۋاسى ساپ ھەم سالقىن ئىدى، ھەممە يەر مەمۇرچىلىققا تولغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك «1- ئاۋغۇست» مەكتىپىگە بېرىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى خۇشال- خۇرام بىللە ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قوشۇننى بەرپا قىلغۇچىلار، دەپ تەرىپلىدى.

  قەھرىتان سوغۇق جاندىن ئۆتەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ نۆلدىن تۆۋەن 30 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇققا قارىماي، چېگرا رايون − ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىڭئەن ئايمىقى ئارشەن شەھىرىگە بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە كىرىپ، گېرەم، تام مەش، چاغانلىق ماللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كاڭدا ئولتۇرۇپ ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتى؛ ئۇ ئاممىنىڭ ئىسسىنىش، قىشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەخسۇس بېيجىڭ «جىڭچياۋ» پار ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، قىشلىق پار بېرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  ھەممە يەردە باش شۇجىنىڭ قەدەم ئىزلىرى قالدى − باش شۇجى شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى كارخانا، سانائەت رايونى، ئىلمىي تەتقىقات بازىلىرىغا بېرىپ، بۇ چوڭ «تەجرىبە ئېتىزى»غا ياخشى ئۇرۇق چېچىپ، ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ، تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇپ، ياخشى ھوسۇل ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

  پامېر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ قەشقەردە باش شۇجى شى جىنپىڭ كېچە- كۈندۈز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان يولداشلارنى يوقلاپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن تۇرمۇشتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشتى ھەم ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  بىپايان شەرقىي شىمال رايونىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭ شېنياڭ كونا سانائەت بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىچۈندىكى تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يەنبيەندىكى «خەيلەنجياڭ دەرياسى بويىدىكى شاللىق»قا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈستىدە سۆھبەتلىشىپ، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنى مۇھاكىمە قىلىپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى.

  ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى خەينەن ئۆلكىسىدە باش شۇجى بېلىقچىلىق پورتى، خاس يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى رايونى، خەلقئارا پاراخوت پورتىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆپچىلىكنى ھالقىما تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش، گۈزەل جۇڭگونىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

  مەيلى قاچان، قەيەردە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، دەۋر بىلەن تەقدىرداش بولۇش − بۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ باشتىن- ئاخىر ئېغىشمايدىغان ئەسلىي مەقسىتى، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىشىنىڭ كۈچ مەنبەسى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدىمى يىراقلارغىچە يەتتى − ليۇپەنشەن رايونى، چىنباشەن رايونى، ۋۇلىڭشەن رايونى، دابيېيشەن رايونى... ئۇ مەملىكىتىمىزدىكى تۇتاش كەتكەن قىيىنچىلىقى ئېغىر رايونلارغا بىر- بىرلەپ بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى؛ شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار بىلەن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» يېڭى ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى؛ چېگرا پورتلىرىدىكى قاراۋۇلخانىلارغا، ليەندۈي گازارمىلىرىغا، ھەربىي مانېۋىر ئالدىنقى سەپ بازىلىرىغا بېرىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈش بۇيرۇقى بەردى.

  باش شۇجى ئەتراپلىق كۆزەتتى − ھەر بىر جايغا بارغاندا، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، مائارىپ، ئومۇمەن پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىر- بىرلەپ سۈرۈشتۈردى؛ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش، چوڭ ئايروپىلان ياساش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش... باش شۇجى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  باش شۇجى ھەممىنى تەپسىلىي سورىدى − «يېڭى ئۆي سېلىشقا قانچىلىك پۇل خەجلىدىڭىز؟»، «ئاشلىق يېتەمدۇ؟»، «بالىلار ئوقۇيدىغان مەكتەپ يىراقمۇ؟»، «ئادەتتىكى ھاجەتخانا ئىشلىتەمسىلەر ياكى سۇ ماڭدۇرۇلىدىغان ھاجەتخانىمۇ؟»... باش شۇجى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى كىچىككىنە ئىشلارنىمۇ ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارمىدى.

  باش شۇجى ئەتراپلىق ئويلاندى − ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قانداق قىلغاندا يېڭى يول ئاچقىلى بولىدۇ؟ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەل قىلغۇچ جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانداق دەل تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك؟ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشتا قانداق كەمتۈكلۈكلەر بار؟ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى «بوغما» ھالەت زادى قەيەردە؟ ... باش شۇجى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  ئامما بىلەن جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولدى، قەدىمى توختاپ قالمىدى.

  باش شۇجى گۇاڭدۇڭغا خىزمەت تەكشۈرۈشكە بارغاندا يوللار قامال قىلىنمىدى، ئاممىغا ئاۋارىچىلىك بولمىدى، خېبېيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئوپچە قورۇمىنى يېدى؛ فۇپىڭغا تەكشۈرۈشكە بارغاندا 16 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيدە تۇردى؛ لۇشەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندا ۋاقىتلىق قۇراشتۇرما ئۆيدە تۇردى؛ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، لياڭجياڭخېدىكى يۇرتداشلارغا چاغانلىق مال ئېلىپ بەردى، پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسىنىڭ ئۆيىدە ئاددىي تاماق يېدى ھەم ئۇنىماي تاماققا پۇل بەردى... مۇشۇنداق كىچىك، ئىنچىكە ئىشلار ئارقىلىق بىر كوممۇنىستنىڭ ئەمەلىيەتچىل ئىستىلى ۋە سىياسىي خىسلىتى نامايان قىلىندى.

  باش شۇجى نەچچە قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ- قۇۋۋەتكە ئېرىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، ھەممە بىر نىيەتتە ئىشلەپ، ئىگىلىك تىكلەش قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

  باش شۇجى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەر مىللەت خەلققە يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  باش شۇجى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇھىم تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى مىللىي گۈللىنىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈشكە يېتەكلىدى.

    «ئاساسىي تۇرمۇش مەسىلىسى ھەل بولمىغان بىر ئائىلە، ھەتتا بىر ئادەم قالسىمۇ، پەرۋاسىز يۈرۈشكە بولمايدۇ»

  − ئۇزاق مۇساپىنى بېسىش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، بۇ خەلقچىللىقنى نامايان قىلغان ئىز

  2015- يىل 2- ئاينىڭ 13- كۈنى شەنشى يەنچۈەن، ئېگىز تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى لياڭجياخې كەنتى قىشتا ئىللىق قوياش نۇرىغا چۆمگەنىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايرىلغىنىغا 40 يىل بولغان بۇ يەرگە يەنە كەلدى. «مەن لياڭجياخېنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، پېشقەدەملەرنى، يۇرتداشلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، كونا ئىنقىلابىي رايون خەلقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن».

  يارقىن ئىزلاردىن مېھىر- مۇھەببەت تارايتتى. ھەربىر جايغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بارغاندا، نامرات كەنتكە، نامرات ئائىلىلەرگە كىرىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «چوقۇم قىلىدىغان ئىشى» ئىدى.

  باش شۇجى توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيۈەن شەھىرى جىڭيۈەن ناھىيەسى داۋەن يېزىسىنىڭ ياڭلىڭ كەنتىدىكى نامرات خۇيزۇ ئاھالە ما كېنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛

  باش شۇجى تاغ يولىنى بويلاپ ئاپتوموبىل بىلەن بىر سائەتچە يول يۈرۈپ، ئەنخۇي ئۆلكىسى جىنسەي ناھىيەسى خۇاشى يېزىسىنىڭ داۋەن كەنتىگە بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە بېيىش يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدەندى؛

  ...

  باش شۇجى ئوڭغۇل- دوڭغۇل تاغ يوللىرىدا مېڭىپ، ئەڭ نامرات يەرلەرگە باردى. قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەڭ غېمىنى يېدى.

  «ئۇلار تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالسا، كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانسا، خۇشال بولىمەن».

  «2020- يىلىغا بارغاندا ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى تولۇق چۆرۈپ تاشلاش − پارتىيەمىزنىڭ ۋەدىسى».

  كۆڭۈل بۆلۈش قانچە كۈچلۈك بولسا، قەسەم شۇنچە ۋەزنىلىك بولىدۇ.

  باش شۇجى باشتىن- ئاخىر خەلقنىڭ غېمىنى يېدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدىمى يىراققا يەتكەنسېرى، خەلق بىلەن شۇنچە يېقىنلاشتى.

  دىققەت نامرات ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا مەركەزلەشتى. باش شۇجى خۇنەن ئۆلكىسى خۇايۈەن ناھىيەسىنىڭ شىبادۇڭ كەنتىدىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر شى چىۋېننىڭ ئائىلىسىدە، ياشىنىپ قالغان شى چىۋېندىن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. شى چىۋېننىڭ ئۆيىدىكى گۈرۈچ ساندۇقىنى ئېچىپ، ئاشلىقىنىڭ يېتىدىغان- يەتمەيدىغانلىقىنى كۆردى.

  دىققەت قۇرغاق رايونلاردىكى پۇقرالارنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى. گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دىڭشى شەھىرى سۇ قىس، قۇرغاق رايون، باش شۇجى ئالايىتەن يىنتاۋ سۇ تەمىنلەش قۇرۇلۇشى ئورنىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، يەرلىك كادىرلارغا خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا، سۇنى تىزگىنلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۇقرالارنى بالدۇرراق تاۋخې دەرياسىنىڭ پاكىز، تاتلىق سۈيىنى ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تاپىلىدى.

  دىققەت ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ يۇرت- ماكانىنى قايتا قۇرۇشىغا مەركەزلەشتى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى تۇڭجياڭ شەھىرى باچاخېجېزۇ يېزىسىنىڭ باچا كەنتىنى بىر قېتىملىق پەۋقۇلئاددە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى ۋەيران قىلىۋەتكەنىدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەممەيلەن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ، ئاممىنىڭ كىرىمىمۇ ئاشتى. باش شۇجى بۇ يەردىكى يۇرتداشلارغا «كومپارتىيە جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، كومپارتىيە دېگىنىنى چوقۇم قىلىدۇ» دېدى.

  دىققەت شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆك- تاق قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتى. باش شۇجى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ شەھىرىدىكى «ۋۇچۈەن» كۆكتات بازىرىدا كۆكتاتلارنىڭ باھاسىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى، بازارنىڭ تەمىنلەش ئەھۋالىنى كۆزەتتى.

  دىققەت ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتى. باش شۇجى يۈننەن ئۆلكىسىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە ئالايىتەن ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئىلگىرى ئۆزىگە خەت يازغان دۇلۇڭزۇ ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بەختىيار، گۈزەل تۇرمۇش ئۈستىدە كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشتى؛ چىڭخەي ئۆلكىسى گولمۇد شەھىرى تاڭگۇلاشەن بازىرىنىڭ چاڭجياڭيۈەن كەنتىدە زاڭزۇ قېرىنداشلار بىلەن ئېكولوگىيەلىك سەۋەبتىن ئاھالە كۆچۈرۈشكە بولغان تەسىراتى ھەققىدە كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشتى؛ جىلىن ئۆلكىسى يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا شۇ جايدىكى كادىرلار بىلەن چاڭچۈن- جىلىن- تۇمېنجياڭ تەرەققىيات يېتەكچى رايونى قۇرۇلۇشىنى پىلانلىدى.

  ...

  باش شۇجى ئامما بىلەن ئۆزئارا پىكىرلىشىش جەريانىدا قەلبىدىكى خەلق ھەممىدىن ئەلا دېگەن ئېتىقادىنى تەبىئىي نامايان قىلدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كۆكخوت شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ساناتورىيەسىدە گاس- گاچا قىزچاق ۋاڭ يانى باش شۇجىغا قاراپ باش بارمىقىنى ئېگىپ، گاچىلار تىلىدا رەھمىتىنى بىلدۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇش تەبەسسۇم بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، باش بارمىقىنى ئۇزۇن چىقارسا «ياخشى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقى، باش بارمىقىنى ئەگسە «رەھمەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋالدى.

  سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لۇشەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپەت رايونىغا بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنى يوقلىدى. باش شۇجى ياش ئۇچقۇچى جاڭ شاڭنيەننىڭ ئاپەت رايونىغا دەل ۋاقتىدا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن تويىنى كېچىكتۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا «ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تويىڭىزنى قىلىۋېلىڭ!» دەپ تاپىلىدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئارشەن شەھىرى سەنجياۋشەن قاراۋۇلخانىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ئەسلىھەلىرى ۋە ئىچكى قۇرۇلمىلارنى تەپسىلىي كۆزەتتى، كۆزەتچىلىك خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇپ بەردى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاراۋۇلغا «بۈگۈن مەن سىلەر بىلەن بىللە ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ، پوستتا تۇرىمەن» دېدى.

  خەلقنىڭ باش شۇجىسى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. تەرەپ- تەرەپتە توختىماي بېسىلغان يارقىن قەدەملەر باش شۇجىنىڭ خەلق بىلەن بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى جۇڭگونىڭ كەڭ زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر