ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئاپتونوم رايونىمىز «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يەنىمۇ يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلدى

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىشىغا كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ ۋە ئىلھام بېرىلىدۇ

2017.10.11 12:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز گاۋ ۋا خەۋەر قىلىدۇ: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يەنىمۇ يېتەكلەپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يېقىندا «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يەنىمۇ يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن سۇپا ھازىرلىدى ۋە ئۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاساسىي قاتلامدىكى ئىش ئورۇنلىرىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئېچىپ، بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسى ۋە جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ساھەسىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرگە ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، پىراكتىكا قىلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىپ، پىراكتىكا جەريانىدا تۇرمۇش تولۇقلىما پۇلى ۋە ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئۇدا ئىشسىز قالغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان، ئارخىپ، كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى ئىش ئورنىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى نامرات كەنتتە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ نامرات كەنتتە ئىگىلىك تىكلىگەن ھەم ئارخىپ، كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىگەنلەر بەلگىلىمە بويىچە نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئىلتىماس قىلسا، نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىت سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ؛ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بەلگىلىمە بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش، داۋاملىق تەربىيەلەش، تۈر ئىلتىماس قىلىش، نەتىجىسىنى بېكىتىش قاتارلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار مۇناسىپ كەسپىي تېخنىكا سالاھىيىتىگە ئالدىن ئىگە بولىدۇ.

  ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست قاتارلىق جاپالىق، چەت، يىراق رايونلار، ئاساسىي قاتلامدىكى ئورۇنلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلارغا ئوقۇش تارىخى، كەسپى قاتارلىق ئالاقىدار شەرتلەر بوشاشتۇرۇلۇپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانىغا قويۇلىدىغان تەلەپ تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ شىنجاڭغا قايتىپ خىزمەت قىلىش ئارزۇسى بار شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەر- ناھىيەلەرنىڭ نوپۇسىدىكى ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر پائال شارائىت يارىتىلىپ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا ئىشلەشكە يېتەكلىنىدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىلىدۇ؛ ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا- بازارلارغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىش خىزمىتى داۋاملىق ياخشى ئىشلىنىپ، ئىز قوغلاپ تەربىيەلەش كۈچەيتىلىپ، ئۇلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ جاپالىق، چەت- ياقا رايونلاردىكى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتقانلار، يېڭى قوبۇل قىلىنغان مەمۇرلارنىڭ سىناق مۇددىتىدىكى مائاشى رەسمىيلەشكەندىن كېيىنكى مائاشى بويىچە بېكىتىلىدۇ، سىناق مۇددىتى توشۇپ باھالاشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىنكى دەرىجە مائاشىنى بېكىتىش، 3- تۈردىكى رايون ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىدىكى جاپالىق، چەت- ياقا رايونلار ياكى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەرنىڭ ئىككى دەرىجە يۇقىرى بېكىتىلىدۇ، 4- تۈردىكى رايون ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى جاپالىق، چەت- ياقا رايونلارنىڭ ئۈچ دەرىجە يۇقىرى بېكىتىلىدۇ؛ كەسپىي ئورۇنلارنىڭ رەسمىي خىزمەتچىلىكىگە قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدىكى مائاشى بىۋاسىتە پىراكتىكا مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى مائاشى بويىچە بېكىتىلىدۇ، مۇددەتتىن بۇرۇن رەسمىيلەشتۈرۈلسە بولىدۇ، رەسمىيلەشتۈرگەندىن كېيىن دەرىجە مائاشىنى بېكىتىشتە، 3- تۈردىكى رايون ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىدىكى جاپالىق چەت- ياقا رايونلارنىڭ ياكى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەرنىڭ ئىككى دەرىجە يۇقىرى بېكىتىلىدۇ، 4- تۈردىكى رايون ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى جاپالىق، چەت- ياقا رايونلارنىڭ ئۈچ دەرىجە يۇقىرى بېكىتىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ رۇڭ مۇنداق دېدى: «پىكىر»نىڭ ئېلان قىلىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشلەشكە يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى يەنىمۇ تېز بەرپا قىلىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈشى، ئاساسىي قاتلامدا تۇرۇپ قېلىشى، ياخشى ئىشلىشى، يۆتكىلەلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر