ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى كۆپ نۇقتىدىن كۈچەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى

2017.10.11 12:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى ۋاڭ 10- ئاينىڭ 10- كۈنى مۇنداق دېدى: تۇرغات پورتى بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىغا جەمئىي 62 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك زايوم مەبلىغى 42 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ، ئەگەر پۇل مۇئامىلە كەسپى زور دەرىجىدە قوللىمىغان بولسا، بۇ تۈرنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويغىلى بولمايتتى. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئېشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ، ھەتتا پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ سابىق باش كاتىپى چۈەن بىڭجۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى ئەمەلىي ئىقتىسادقا ياردەم بېرىشتەك ماھىيەتلىك تەلەپنى چىڭ ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى، ئۆتكەن بەش يىل شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش سالمىقى ئەڭ زور، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە پۇل مۇئامىلىنى ئېچىۋېتىش قەدىمى ئەڭ تېز، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىدىن ساقلىنىش، پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان بەش يىل بولدى.

  شىنجاڭدىكى تۇنجى رايون خاراكتېرلىك پاي تۈزۈمىدىكى سودا بانكىسى − شىنجاڭ بانكىسى تىجارەت باشلىدى، شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىدە بازار ئېچىلدى، ئاز سوممىلىق قەرز پۇل شىركىتى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خاراكتېرىدىكى كېپىللىك شىركىتى، رەنىگە قويۇش تۈرىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كەلدى... شىنجاڭدا فۇنكسىيەسى مۇكەممەل پۇل مۇئامىلە بازىرى سىستېمىسى شەكىللەندى.

  فۇنكسىيەسى مۇكەممەل پۇل مۇئامىلە بازىرى سىستېمىسى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي شۆبە بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى، چەت ئەل پۇلى قەرز پۇل قالدۇقى 1 تىرىليون 679 مىليارد 240 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2012- يىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭلەشكەن. بۇ قەرز پۇل ئارقىلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىلگەندىن سىرت، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» قاتارلىق ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئاجىز ھالقىلارغا مەدەت بېرىلگەن.

  ئۆتكەن بەش يىلدا ۋاسىتىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىن سىرت، شىنجاڭنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىمۇ مىسلىسىز بولدى. 2013- يىلىدىن بۇ يىل 8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ كارخانىلىرى ئاكسىيە نازارەتچىلىك ھەيئىتى قارىمىقىدىكى كاپىتال بازىرىدا بىۋاسىتە يۈرۈشتۈرگەن مەبلەغ جەمئىي 182 مىليارد 448 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئاكسىيە نازارەتچىلىك ھەيئىتى قارىمىقىدىكى كاپتال بازىرىدا يىللاردىن بۇيان بىۋاسىتە يۈرۈشتۈرۈلگەن مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %68.55ىنى ئىگىلىدى. بۇلتۇر جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك ھەيئىتى شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشىغا تېخىمۇ يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىدىغان سىياسەتنى، يەنى «مەلۇم قىلغان ھامان تەستىقلاش، تەستىقلانغان ھامان تارقىتىش»نى يولغا قويدى، شىنجاڭدىكى A پاينى بازارغا سالغان كارخانا 52گە يېتىپ، سان جەھەتتە غەربىي شىمال رايونى ئىچىدە 1- ئورۇندا تۇردى.

  بۇلاردىن سىرت، 2016- يىلى شىنجاڭنىڭ سۇغۇرتا كەسپى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى 12 تىرىليون 690 مىليارد يۈەن خەۋپ- خەتەر كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، 2012- يىلىدىكىدىن %224.55 ئاشۇردى. تۆلەم چىقىمى 2012- يىلىدىكى 8 مىليارد 12 مىليون يۈەندىن 2016- يىلىدىكى 15 مىليارد 495 مىليون يۈەنگە كۆپىيىپ، %93.4 ئاشتى، بەش يىلدا جەمئىي 59 مىليارد 968 مىليون يۈەن تۆلەم بېرىلدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %23كە يېتىپ، 2016- يىلى چېگرا ھالقىغان مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى 2012- يىلىدىكىدىن %93 ئېشىپ، كۆلەم جەھەتتە غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى يىلدىن- يىلغا ئېشىپ، 2016- يىلى چېگرا ھالقىغان مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2012- يىلىدىكىدىن %67 ئاشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر