ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە ئىناق يۇرت- ماكان بەرپا قىلايلى

− پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ شانلىق نەتىجىلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان (1)

مۇخبىرىمىز لى ياڭ

2017.10.11 12:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 436 مىليارد 298 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

  تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى.

  ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 21.2 پىرسەنت پوئېنت ئۆستى.

  ساياھەت بازىرى جانلاندى، ئۆكتەبىر بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ۋە ساياھەت ئىستېمالىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

  مۇقىملىق تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغاچقىلا، شىنجاڭدا مانا مۇشۇنداق كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا قارىتىپ، ئۈنۈملۈك، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدى. ھازىر شىنجاڭدا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار ساغلام راۋاجلاندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. كادىرلار ۋە ئامما قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان گۈزەل يۇرت- ماكاننى بىرلىكتە بەرپا قىلماقتا.

    بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش

  ئەلمىساقتىن بۇيان، چېگرا رايون مۇقىم بولسا، دۆلەت تىنچ بولغان؛ چېگرا رايون مالىمان بولسا، دۆلەتتە ئەمىنلىك بولمىغان.

  يەلكەننى چىقىرىپ سەپەرگە ئاتلىنىشتا، يۆنىلىش ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇنى تۈپ مىزان ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىدىيە، تونۇش، قەدەم، ھەرىكەت بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، بارلىق خىزمەتلەر باش نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا پىلانلاندى، قانات يايدۇرۇلدى ۋە ئىلگىرى سۈرۈلدى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئامما كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مەركەزنىڭ تەلەپلىرىنى خىزمەتلەردە بىر- بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، ھەممەيلەن مەسئۇل بولۇش، ھەممەيلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش نىشاننى شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلماقتا.

    مۇشتنى چىڭ تۈگۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، بىرىكمە كۈچ توپلاش

  قوماندانلىق مەركىزى «تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبىي ئازادلىق يولى بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئالدىدا بىرەيلەن دېلو مەلۇم قىلدى، يېقىن ئەتراپتىكى چارلاش ساقچىلىرى دەرھال بىر تەرەپ قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى بەردى.

  «تاپشۇرۇۋالدۇق!» ئەتراپتىكى چارلاش ساقچى گۇرۇپپىلىرى جاۋاب قايتۇرغاچ، 300 مېتىر يىراقلىقتىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا تېزلىكتە يېتىپ باردى.

  ھەر قايسى گۇرۇپپىدىكى ساقچىلار 30 نەچچە سېكۇنتتىلا نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى.

  بۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەڭرىتاغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى نەنگۇەن ساقچىخانىسى يېقىندا قانات يايدۇرغان مانېۋىر ئىدى.

  ئەمەلىيەتتە، بۇ، پەقەت مانېۋىردىلا كۆرگىلى بولىدىغان مەنزىرە ئەمەس، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى داۋامىدا نورماللاشقان ئىش.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان قاتتىق ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مەۋقەنى بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدە تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشقا قويۇپ، «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ» ۋە «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئۈچ بىرلەشمە ھەرىكەت»تە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا ئالاقىدار «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى كۈچلۈك قوغدىدى.

  − ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرىدىكى 42 ياشلىق بۇۋىسارەم ئاۋۇت ھازىر جىلبابنى سېلىپ تاشلاپ، چىرايلىق سەھنە كىيىملىرىنى كىيىپ ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىۋاتىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى يېزا سەھنىسىدە تەشۋىق قىلىپ، ئەتراپتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماسلىققا يېتەكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا ياشايمەن.

  بۇۋىسارەم ئاۋۇت «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، قايتا نىجادلىققا ئېرىشكەنلەرنىڭ ۋەكىلى. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تېررورلۇقنىڭ يىلتىزى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ھەر خىل شەكىلدە مول مەزمۇنلۇق «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئازغان قەلبلەرنى قۇتقۇزۇپ، قايمۇققان ئاممىغا تەربىيە بەردى. «بەشنى تونۇش» ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

  − «بىز قەيسەر ئىرادىمىز ئارقىلىق <ئۈچ خىل كۈچ>نىڭ ھىيلە- نەيرەڭلىرىنى بەربات قىلىمىز!» ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. 7- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 10 مىليونغا يېقىن كىشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى، ھەر دەرىجىلىك تاراتقۇلار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە ئائىت 25 مىڭ پارچىدىن كۆپرەك ئىمزالىق ماقالىنى ئېلان قىلدى.

  − قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ياپچان بازىرى تالقۇرۇق كەنتىدىكى دېھقانلار كەچلىك كۇرستا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەردىن دۆلەت تىلى ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ تالقۇرۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى دىلنۇر ئەزىز مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتتىكى ياشلارنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسى خېلىلا ئۆسۈپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشتە قىينالمايدىغان بولدى.

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. 270 مىڭ پارتىيە ئەزاسى، كادىر ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاممىنىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتتى ۋە مۇستەھكەملىدى؛ 1 مىليون 90 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى يېزا، بازار، كەنت، گۇرۇپپىدىكى دېھقان- چارۋىچىلار بىلەن تۇغقان بولدى... ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش ئارقىلىق ئامما سەپەرۋەر قىلىنىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ پۇختا ئاساسى مۇستەھكەملەندى.

    ھەممەيلەن مۇقىملىقنى كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقى نامايان قىلىنغان ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى خۇددى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن مەشئەلدەك تەڭرىتاغ پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبىدە قايناق ھېسسىياتلارنى ئويغىتىپ، كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  دىققەت باش نىشانغا قارىتىلىپ، باش نىشان كۆزلىنىپ، باش نىشان ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما روھلىنىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى. بەش يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى، «ئۈچ خىل كۈچ» كوچىدىن ئۆتكەن چاشقانغا ئايلاندى، كادىرلار، ئامما شادلاندى. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەممەيلەن جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، دۆلەتنىڭ تىنچ بولۇشىنى كۆزلىدى. ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتكە كېلىپ، كۈچنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا جاسارەت بىلەن قاتناشتى.

  خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدىن كەلگەن ليۇ يۆلىن قەشقەر شەھىرى داگاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا رەخت سودىسى قىلىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بۇ يەردە ئىنتايىن خاتىرجەم ياشاۋاتىمىز، ئامانلىق مۇھىتى ياخشى، يېقىن ئەتراپتا چارلاش ساقچىلىرى، بازارغا 200 مېتىر كېلىدىغان نەنخۇ يول ئېغىزىدا ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتى بار. پۇقرالار خاتىرجەم مال سېتىۋالالىسا، سودىمۇ تەبىئىيلا ياخشى بولىدۇ.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ئامانلىق قۇرۇلۇشى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىكى كۈچلەر ئامانلىق قۇرۇلۇشى بويىچە بەرپا قىلىشقا ئاكتىپ قاتناشتى. ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولدى، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 2016- يىلىدىلا شىنجاڭدا يېڭىدىن تىنچ- ئامان ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)تىن ئىككىسى، مۇنەۋۋەر تىنچ- ئامان ناھىيە(شەھەر، رايون)دىن 12سى، تىنچ- ئامان ناھىيە (شەھەر، رايون)دىن تۆتى، مۇنەۋۋەر تىنچ- ئامان يېزا- بازار (كوچا باشقارمىسى)دىن 48ى بەرپا قىلىندى.

  بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما قورشاپ تۇتۇشقا ئۆزلۈكىدىن قاتنىشىپ، ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىپ، زوراۋانلارغا زەربە بېرىشكە ئاتلىنىپ، ھايات- ماماتلىق كۈرەشتە دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملىدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئىستىل قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېڭىلاندى، پارتىيە ۋە خەلق ئىلھاملاندى. ھەر مىللەت ئامما بەس- بەستە مۇنداق دېيىشتى: يەر- جاھان ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى، قارىشى ئۆزگەردى، روھىي ھالىتى ئۆزگەردى، رەھبەرلىك ئىستىلى ئۆزگەردى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قەتئىي تەۋرەنمەي ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلدى. 1000دىن ئارتۇق مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك كادىرنى تاللاپ كەنتلەرنىڭ بىرىنچى شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئەۋەتتى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ياكى ئەترەت ئەزالىرىدىن 8000غا يېقىن كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىنچى شۇجىلىقىنى قوشۇمچە ئۆتەشكە سەپلىدى. ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرتىپكە سالدى. ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر قايسى كۈچلەر زىچ بىرلىشىپ، «تور» شەكىللەندۈرۈپ، خۇددى ماگنىتتەك ھەر مىللەت ئاممىنى زىچ ئۇيۇشتۇردى.

  ھەر قانداق بوران- چاپقۇنغا باش ئەگمەيمىز، قەتئىي بوشاشمايمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرساق ۋە ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، شىنجاڭنى ياخشى قوغداپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر