ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

پىلانلاش، ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيە جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ بەردى

− باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلەت ئىچىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن جايلارنى قايتا زىيارەت

2017.10.11 12:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    ئىلاۋە

  ئالتۇن كۈز پەسلىدە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىككىلەمچى شەھەر مەركىزى مەمۇرىي خىزمەت رايونى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك بېزەش باسقۇچىغا كىردى؛ بېيجىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى يۈز نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى ۋاقىتلىق خىزمەت رايونى قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك نەق مەيداننى چارلاپ تەكشۈرۈش باشلاندى... بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي زېمىنى جۇشقۇن كەيپىياتقا چۆمدى.

  چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىغا جايلاشقان جياڭشى، خۇبېي قاتارلىق ئۆلكىلەردە سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىشان قىلىنغان مۇھىت ئاسراش مەخسۇس تۈرى بويىچە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلماقتا... يېشىل تەرەققىيات ئاساسىي مېلودىيە قىلىنغان يېڭى دەۋردىكى «چاڭجياڭ ناخشىسى» ياڭرىماقتا.

  چەت ئەللەرگە نەزەر سالساق، جۇڭگو كارخانىلىرى ئۈستىگە ئالغان زامبىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى خەلق پۇلى مەخسۇس قەرز پۇل تۈرىنىڭ تۇنجى قېتىم مىسىردا ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى... «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى چاچقان ئۈمىد ئۇرۇقىنىڭ لىنىيە بويىدىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەڭ دائىرىلىك دۇنياۋى نەزەر ۋە ئاجايىپ ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى راۋاجلاندۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، خەلقئارا جەمئىيەتكە «جۇڭگو لايىھەسى»نى تەقدىم قىلىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ دادىللىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى روشەن نامايان قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بەش يىلدىن بۇيان، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەنى پىلانلاش ۋە ئۇنى يولغا قويۇشنىڭ يۆنىلىشىنى بېكىتىپ بەردى. يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان بۇ جايلارنى قايتا زىيارەت قىلىپ، ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيە بەرپا قىلغان رايون تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى، كەلگۈسى جۇڭگونىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئىزدەندى.


    بۈيۈك ئىستراتېگىيە، بۈيۈك ئورۇنلاشتۇرۇش − مەسىلە ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش، يىراقنى كۆزلەش

  بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي زېمىنى ئېلىمىزنىڭ رايون تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىقىنىڭ تىپىك ئىخچام كارتىنىسىدۇر: بۇ يەردە ھەم «چوڭ شەھەر كېسىلى»نىڭ ئاۋارىچىلىكى، ھەم تەرەققىيات پەرقىدىكى گاڭگىراش بار، نوپۇس، بايلىق، مۇھىت بېسىمى ئېغىر، تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن مەسىلە كۆپ بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ رايونلارنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى ھەل قىلىش قىيىن مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ كۆپ قېتىم بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013- يىلى 5- ئايدا تيەنجىن شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا: يېڭى دەۋردىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بېيجىڭ- تيەنجىن «قوش شەھەر خاتىرىسى»نى يېزىپ چىقىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013- يىلى 8- ئايدا بېيدەيخېدا خېبېينىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلغاندا، يەنە بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۈچ جاينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورتاق تونۇشى تېز شەكىللەندى، يۆنىلىش كۈنسېرى ئايدىڭلاشتى. بولۇپمۇ 2017- يىل 4- ئاينىڭ 1- كۈنى شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنىشى بىلەن، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  شيۇڭئەن يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ باۋلىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2017- يىل 2- ئاينىڭ 23- كۈنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئەنشىن ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، سۆھبەت يىغىنى ئاچقاندىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى ئۆزى بىۋاسىتە پىلانلىدى، مۇزاكىرە قىلدى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاپ، پارتىيە ئىشلىرىغا، خەلققە، تارىخقا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى ۋە ئەستايىدىل، ئىلمىي، ئەمەلىيەتچىل ئىستىلىنى تولۇق نامايان قىلدى. مانا مۇشۇنداق مىسلىسىز ياخشى تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشىپ، بەزى كونكرېت خىزمەتلەرنى ئىشلىيەلىگىنىمىزدىن ۋەزىپىمىزنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇق.

  بىر تەرەپ بېيجىڭنىڭ ئىككىلەمچى شەھەر مەركىزى، يەنە بىر تەرەپ شيۇڭئەن يېڭى رايونى، بۇ خۇددى بېيجىڭنىڭ ئىككى يېڭى قانىتىغا ئوخشايدۇ. ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونلىرىغا مىسلىسىز تەرەققىيات يولى يارىتىپ بەردى.

  ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاشتا ئاچقۇچ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە.

  مەسىلىنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلغاندا، ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىپ، يېڭى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خۇشاللىنارلىق ئىشلار ئارقا- ئارقىدىن باشلاندى.

  گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ بېيخەي شەھىرى خېپۇ ناھىيەسىگە كېلىپ خەن سۇلالىسى مەدەنىيەت مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، ساپال بۇيۇملار، بىرونزا بۇيۇملار، ئالتۇن- كۈمۈش بۇيۇملار، خىرۇستال، ھېقىق قاتارلىق شۇ جايدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كىشىلەرگە خېپۇنىڭ دېڭىز يىپەك يولىدىكى ئەڭ دەسلەپكى پورت ئىكەنلىكىدەك تارىخىنى نامايان قىلدى.

  ئۇزاق يىللىق يىپەك يولى شەرقتىكى قەدىمكى دۆلەتنىڭ شانلىق شۆھرىتىگە شاھىت بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 21- ئەسىردە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى قانداق راۋاجلاندۇرۇشنى باشتىن- ئاخىر ئويلاپ كەلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017- يىلى 4- ئايدا گۇاڭشىغا كېلىپ، مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، پورتنى كۆزدىن كەچۈردى، ئېكولوگىيەنى قوغداش رايونىنى تەكشۈردى، كارخانىلارنى زىيارەت قىلدى.

  گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بېيخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ نەيشۆ مۇنداق دېدى: دېڭىز يىپەك يولىدا يېڭى تەرەققىياتلا بولۇپ قالماي، يەنە يېڭى مەدەنىيەت بولۇشى كېرەك. باش شۇجى بىزگە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز بېيخەي پورتىنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى پۇرسەت بىلىپ، «دېڭىزغا يۈزلەنگەن ئىقتىساد»نى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىپ، ئۇزاق يىللىق قەدىمىي ئايماق ۋە دېڭىز يىپەك يولىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىنى زور كۈچ بىلەن قېزىپ، مەدەنىيەت ئالاقىسى ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىساد- سودا ئالاقىسىگە تۈرتكە بولىمىز.

  چاڭجياڭ دەرياسى دۇنيادىكى ئۈچىنچى ئۇزۇن دەريا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسى بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىي، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدىكى توققۇز ئۆلكە، ئىككى شەھەرنى بېسىپ ئۆتىدۇ، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016- يىلى 1- ئايدا چۇڭچىڭدا ئېچىلغان چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىش كېرەك. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئورتاق تۇتۇپ، تەڭ قوغداپ، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىق كېرەك».

  چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى 11 ئۆلكە، شەھەر كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن «قارا»، «ئېغىر» كەسىپلەرنى قاتتىق كونترول قىلىپ، «كۆكەرتىش»نى مەنبەدىن تۇتۇپ، بۇلغىما ساقلىنىش مىقدارىنى ئازايتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 11 ئۆلكە، شەھەر ئىچىدىكى ئون رايوننىڭ GDPسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى.

  رايون تەرەققىياتىنى تىرەك قىلىپ، نۇقتىنى تۇتاشتۇرۇپ سىزىق ھاسىل قىلىش، سىزىقنى تۇتاشتۇرۇپ تەكشىلىك ھاسىل قىلىش، دۇنيا چوڭ دولقۇنىغا قوشۇلۇپ، دېڭىز بويى، دەريا بويى، چېگرا بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەدە چوڭقۇر ئىپادىلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا جىپسىلاشقان، بىر- بىرىنى تىرەك قىلغان بولۇپ، جۇڭگوغا، ھەتتا دۇنياغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تەدرىجىي نامايان بولماقتا.

    بۈيۈك ئىستراتېگىيە، بۈيۈك تەرەققىيات − پۇختا ئىش قىلىش، لايىھەنى ئاخىرغىچە تۇتۇش

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تۇڭجۇ رايونى لۇ چېڭ بازىرىدىكى بېيجىڭنىڭ ئىككىلەمچى شەھەر مەركىزى مەمۇرىي خىزمەت رايونىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىدا جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتاتتى. 5600 كىشىلىك قۇرۇلۇش ئەترىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، كېچە- كۈندۈز قاتتىق ئىشلەۋاتاتتى.

  ۋاڭ شۇجۈەن بېيجىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى گۇرۇھى بېيجىڭنىڭ ئىككىلەمچى شەھەر مەركىزى A1 تۈرىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل 2- ئاينىڭ 24- كۈنى بېيجىڭنىڭ ئىككىلەمچى شەھەر مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىغا كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا نەق مەيداندا 100دىن ئارتۇق ئىشچى ماتېرىيال تىزىۋاتاتتى، باش شۇجىنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ ھەممىمىز ھاياجانلانغىنىمىزدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۇق. مەن ئارقىدىكى رەتتە تۇرۇپ قولۇمنى ئۇزارتتىم، ئەسلىدە باش شۇجىنى ئالدىنقى رەتتىكىلەر بىلەنلا قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ، دەپ ئويلىغانتىم، ئويلىمىغان يەردىن باش شۇجى ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بىر- بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

  ۋاڭ شۇجۈەن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر قىشتا قۇرۇلۇش قىلىش شارائىتى چەكلىك بولسىمۇ، بىز تۆت كۈندىلا 1- قەۋەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈپ، مۆجىزە ياراتتۇق. باش شۇجىنىڭ كېلىشى بىز ئۈچۈن زور دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئىلھام بولدى. قۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ناھايىتى پەخىرلەندۇق. بىزنىڭ جاپالىق ئەجىر- مېھنىتىمىزنىڭ ئىنتايىن قىممىتى بار.

  ھەقىقىي تۇتقاندىلا، قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016- يىلى 1- ئايدا چۇڭچىڭنىڭ گويۈەن پورتىغا كېلىپ، پورت ئەسلىھەلىرىنىڭ تولۇقلۇقى، پورتنىڭ دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، «بۇ يەردە ئۈمىد بار ئىكەن» دېدى.

  بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، مۇخبىر بۇ يەرگە كېلىپ، گويۈەن پورتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا قاينام- تاشقىنلىققا تولغانلىقىنى كۆردى. چۇڭچىڭ پورت ئىشلىرى ئەشيا ئوبوروت گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ جى مۇنداق دېدى: ھازىر پورتنىڭ پاراخوت توختاش ئورنىنىڭ ھەممىسى پۈتتى ھەم چۇڭچىڭ- خۇەيخۇا تۆمۈريولىغا تۇتاشتۇرۇلدى، تۆمۈريول يۈك قاچىلاش- چۈشۈرۈش مەشغۇلات رايونى بۇ يىل ئاساسىي جەھەتتىن پۈتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن «چۇڭچىڭ- شىنجاڭ- ياۋروپا» تۆمۈريولىنىڭ باش بېكىتى بولۇشتەك ئاساسىي شەرتمۇ ھازىرلىنىدۇ.

  ۋۇخەن شىنگاڭ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ لىن مۇنداق دېدى: تۆت يىلدا ياڭلو پورتىنىڭ 3- قارارلىق قۇرۇلۇشى، خۇاشەن پورتىنىڭ 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 2016- يىلى ياڭلو پورتىنىڭ كونتېينېر كىرگۈزۈش- چىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 120 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇققا يېتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئەڭ چوڭ كونتېينېر پورتىغا ئايلىنىپ، دۇنيادىكى ئىچكى دەريا كونتېينېر پورتلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. ئالتۇن سۇ يولى قۇرۇلۇشى پۈتكۈل چاڭجياڭ ۋادىسىغا نەپ يەتكۈزدى. كەلگۈسىدە ۋۇخەن يېڭى پورتى يەنە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پۇرسەت بىلىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھىرىدە 2013- يىل 7- ئاينىڭ 18- كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (جېڭجۇ) قاتناپ، شۇ يىلى ھەپتىدە بىر قېتىم ياۋروپاغا قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولسا، ھازىر ھەپتىدە سەككىز قېتىم ياۋروپاغا قاتناش، ئالتە قېتىم قايتىپ كېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئەن چۈنلېي تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى(جېڭجۇ)نىڭ شوپۇرى. 2014- يىل 5- ئاينىڭ 10- كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جېڭجۇ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىغا كەلگەنلىكى ھېلىھەم ئۇنىڭ ئېنىق ئېسىدە. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى ئەينى ۋاقىتتا پويىزغا بېسىلغان مالنىڭ نېمىلىكىنى، پويىزنىڭ يۈرۈش قېتىم سانىنى سورىدى. گۇرۇپپىمىزدا سەككىز ئادەم بار، ھەممىمىز جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا مۇلازىمەت قىلالىغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز.

  ئەن چۈنلېي مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىلدا، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشى بىلەن، تۇرمۇشۇمدا زور ئۆزگىرىش بولدى. ئادەتتە مەنمۇ جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى سودا شەھەرچىسىگە بېرىپ، ئىمپورت قىلىنغان مېۋە شەربىتى، پىۋىلارنى سېتىۋالىمەن. ئۆزۈم ھەيدىگەن پويىزدا ئېلىپ كېلىنگەن نەرسىلەر ناھايىتى تەملىك بىلىنىدۇ.

  خەلقنى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك، قىسقا مۇددەتلىك ھەرىكەت ۋە ئوبراز قۇرۇلۇشى قىلماي، پۇختا ئىش قىلىپ، قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مانا مۇشۇنداق ئىدىيە ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەدە چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى.

  شيۇڭئەن يېڭى رايونى 9- ئاينىڭ 9- كۈنى «تارىختىكى تۇنجى كېلىشىمنامە»نى ئىمزالىدى. رۇڭچېڭ ناھىيەسى ماجۇاڭ كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، كەنت ئاھالىسى جياڭ جۈنمىڭ يېڭى رايون بىلەن 1.75 مو يەرنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىش كېلىشىمنامىسى ئىمزالىدى.

  يېڭى رايوننىڭ يىرىك پىلانى يەنىلا داغدۇغىلىق تۈزۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، پەردە ئارقىسىدىكى نۇرغۇن خىزمەت تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ: ۋاقىتلىق خىزمەت رايونى قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك نەق مەيداننى چارلاپ تەكشۈرۈش باشلاندى، ئۆي- زېمىن باشقۇرۇش- تىزگىنلەش بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇلماقتا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جېڭىدە قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىنماقتا...

  ئەنشىن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ياڭ باۋچاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شيۇڭئەنگە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگىلى كەلگەندە، مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى شۇكى، ئۇ ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشقا ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەنىدى. بۇ بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم بەردۇق.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر شيۇڭئەندىكى ئۈچ ناھىيەدىكى ھەربىر كەنتكە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىلگەن بولۇپ، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا بىللە بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇغدايلارنى يىغىشىغا، ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ماجىرا قاتارلىق تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگەن.

    بۈيۈك ئىستراتېگىيە، بۈيۈك پىلان − تارىخقا مەسئۇل بولۇش، «تۆھپىنىڭ ماڭا مەنسۇپ بولۇشى شەرت ئەمەس»

  9- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى گۇاڭشى بېيخەي تيېشەنگاڭ پورتى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى، پورتتىن 30 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جۇڭگو ئېلېكتىر كەسىپلەر رايونىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى گۇەنجيې گۇرۇھى بېيخەي بازىسىنىڭ ئاقما لىنىيەسىدە 20.7 دىيۇملىق ئېكران قۇراشتۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، ئوراپ قاچىلىنىپ، ياۋروپاغا ئەۋەتىلىش ئالدىدا تۇراتتى.

  دۇنيا بازىرىغا كىرىشتە كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىلىدۇ. ئون يىل ئىلگىرى بېيخەي سانائەت رايونىغا ئاران ئون نەچچە كارخانا ماكانلاشقان بولۇپ، چوڭ تۈرلەر ئاساسەن ماكانلاشمىغان «كەسىپ چۆللۈكى» ئىدى، ھازىر سانائەت رايونى ئىشقا ئاشۇرغان مەھسۇلات قىممىتى 60 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىدىكى مۇھىم ئېلېكتىرون ئۇچۇر كەسپى مەركىزى ئاساسەن شەكىللەندى.

  يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق − تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك − كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك.

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيە ھەم دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ۋەزىيەتكە ئاساسەن چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، ھەم ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدىغان ئىلگىرىلەش يولى.

  تيەنجىن خەلقئارا بىيولوگىيە- تېببىي دورىگەرلىك بىرلەشمە تەتقىقات يۇرتىدا، تۆت يىل بۇرۇن بۇ تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان جۇ زېچى ئەينى ۋاقىتتا باش شۇجى شى جىنپىڭغا تەتقىقات يۇرتى يېتىشتۈرگەن كارخانىنىڭ قۇش زۇكىمى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىش، ئېچىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئۆمۈربويى ئۇنتۇمايمەن. پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە، بىز خام خىيالنى تاشلىشىمىز كېرەك، بەزى يادرولۇق، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىنى باشقا دۆلەتلەر ھەرگىزمۇ بىزگە بەرمەيدۇ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز كېرەك.

  ھازىر جۇ زېچى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، دەننا(تيەنجىن) بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇردى، ئۇ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلاردىن يەتتىسى دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ساھەدىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى، ئالتىسى خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى. ئۇنىڭ كارخانىسى يەنە تەتقىقات يۇرتىنىڭ تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىشىدىن نەپ ئالغۇچى بولۇپ قالدى.

  يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى يوق. مەۋقەنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق كەلگۈسىگە قويۇش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن، تەرەققىياتنى چۈشەپ قويىدىغان بارلىق ئىدىيە- قاراش ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزمدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەۋج ئالماقتا.

  شيۇڭئەندە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر توپى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپلا قالماي، تۈزۈم ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش موتور قىلىنىپ، ئاپپارات تەسىس قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق نۇرغۇن تۈزۈلمە- مېخانىزم مەسىلىسى جەھەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. ئۆي- زېمىن كەسپىدىكى قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، ليۇ باۋلىڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە شيۇڭئەن يېڭى رايونى يەر مالىيەسى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، ئۆي- زېمىن كەسپىنى يېتەكچى قىلغان شەھەر تەرەققىيات كونا يولىدا ماڭمايدۇ، ئۆي ئىجارىگە بېرىش ۋە سېتىش بىرلەشتۈرۈلگەن تۇرالغۇ ئۆي سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئوخشاشمىغان ئىستېمال قاتلىمىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، پۇقرالار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ۋاڭ نەيشۆنىڭ تېخىمۇ ئېسىدە قالغىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 4- ئايدا بېيخەينىڭ جىنخەيۋەندىكى مانگروۋا ئورمىنى ئېكولوگىيەلىك مۇھاپىزەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن تاپشۇرۇقى ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەنىدى: «ئەڭ قاتتىق مۇھىت ئاسراش ئىجازەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، تەننەرخىنى، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، شىمالىي قولتۇقنىڭ زۇمرەتتەك دېڭىزى، كۆپكۆك ئاسمىنىنى تىرىشىپ قوغداش كېرەك».

  بۇ يىل 7- ئايدا مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ «چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش پىلانى»نى بېسىپ تارقىتىپ، سۇ بايلىقىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ مۇھىتىنى ئاسراش ۋە تۈزەش، شەھەر- يېزا مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مۇھىت خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، مۇھىتنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالتە چوڭ قۇرۇلۇش، 18 تۈرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى پاكىز سۈيىنىڭ ئەۋلادلار ئۈچۈن ئۈزۈلمەي ئېقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  يېڭىلىق يارىتىش، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرىلىنىشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيە بىلەن يۇغۇرۇلدى، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ئىشنىڭ باش- ئايىغىنى ئېنىق گەۋدىلەندۈردى، كەلگۈسى ئەندىزە دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى، خاسىيەتلىك زېمىننىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

  بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدە ماس تەرەققىياتنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش يولغا قويۇلدى؛ بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرىدىغان ھەم ئۇنى مەركەزلىك ئۈستىگە ئالىدىغان ئورۇن قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ؛ بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قاتناش، جامائەت مۇلازىمىتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى تۈجۈپىلىك ئىش باشلاش مەزگىلىگە كىردى...

  چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىدا «ياخشى ئېكولوگىيە تۈگىمەس بايلىق» دەيدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئالاقىدار تارماقلار ۋە دەريا بويىدىكى 11 ئۆلكە، شەھەر كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، ئېغىر بۇلغىنىشنى جىددىي تۈزەۋاتىدۇ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداۋاتىدۇ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتىدۇ.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدە سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى باسقۇچىدا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتكە نەپ يەتكۈزۈلۈپ، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىگە بەخت يارىتىلدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيە جەزمەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر