ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا قويۇق كەيپىيات ياراتتى

2017.10.11 12:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشقا بارىدىغان تاراتقۇ مۇخبىرلىرىغا سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش خىزمىتىنى قايتا سەپەرۋەر قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، قۇرۇلتاينى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشىنىڭ مۇھىم يولى، 19- قۇرۇلتاينىڭ ئاخبارات- تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ھالقا. قۇرۇلتاينىڭ داغدۇغىلىق ئېچىلىش ئەھۋالىنى، 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا تەشۋىق قىلىش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى قۇرۇلتاي روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەش، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى تەشەببۇسىنى تېخىمۇ ياخشى تارقىتىش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مەسئۇلىيەت تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر، بۇرچ چەكسىز شەرەپلىك. ھازىر پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش باش تېما تەشۋىقاتى ئاتاكىغا ئۆتۈش باسقۇچىغا كىردى، ھەر قايسى تاراتقۇلار بىر تۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكە تەقسىملەپ، بايلىق ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، باش تېمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي رىتىمنى روشەنلەشتۈرۈپ، جانلىق، سۈپەتلىك، يېڭى، سەرخىل بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش تەشۋىقاتىنى ھەقىقىي يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈپ، قۇرۇلتاينىڭ تەرتىپ خاراكتېرلىك ۋە نۇقتىلىق ھالقىلىرىنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشنى ئەستايىدىل، ياخشى تەشكىللەپ، قۇرۇلتاي مەزگىلىدىكى ئالاقىدار باش تېمىلارنى تەشۋىق قىلىش ۋە يانداش خەۋەر قىلىشنى ئىنچىكە، ياخشى تەشكىللەپ، تور يېڭى تاراتقۇلىرىنىڭ سۇپىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاراتقۇلار باشقۇرۇشنى، ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش، ئۆتكەلنى ئىگىلەشنى چىڭىتىپ، ئاخبارات، خەۋەر قىلىش خىزمىتى ئىنتىزامىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز تاراتقۇلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىشى؛ بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، يىغىننىڭ ئىچى- سىرتىدا ئۆزئارا ماسلىشىدىغان، تور ۋە تور سىرتىدا ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان كۆپ قاتلاملىق خەۋەر قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، پۇختا، تەرتىپلىك بولۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئەڭ ياخشى روھىي ھالەت بىلەن تېخىمۇ قويۇق، قىزغىن بولغان جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر