ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

بايرىقىمىز روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، بۇرچىمىزنى ئەستە ساقلاپ، ئۈلگىلەردىن بولىمىز

9- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار

2017.10.11 12:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    ئىلاۋە

  يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن 9- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1- قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى 9- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا ۋاكالىتەن كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، ئىتتىپاقلىشىپ تۆھپە قوشۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا بەل باغلىدى.

  9- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاڭلىق ھالدا باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چاقىرىقىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشنىڭ كۈچلۈك ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بارلىقىنى پارتىيە ۋە دۆلەتكە بېغىشلاش، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتەك سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.


  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەت ئارقىلىق پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالماقتا. زور بىر تۈركۈم پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار بەس- بەستە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەركەزلىك ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىكى ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنى قوزغىدى.

  9- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بىز كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ، چوڭقۇر تەربىيە ۋە ھەسسىلەپ ئىلھام ئېلىش بىلەن بىللە، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باش جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى، زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ ۋىجدانىنى يوقىتىپ، غالجىرلىق بىلەن بىگۇناھ كىشىلەرنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ، ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يەتتۇق.

  «مەرد مەيداندا سىنىلىدۇ، ئالتۇن ئوتتا». شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، شۇنداقلا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن تارىخىي بۇرچ. بىز سادىقلىق، باتۇرلۇق، قەتئىيلىك بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمىز.

  بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمىز. ھازىر شىنجاڭ يەنىلا «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ھەم مۇرەككەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغدايمىز، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، ھەرگىز «ياخشىچاق» بولماي، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي پاش قىلىمىز ۋە تەنقىدلەيمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا پارتىيەۋىلىكىمىزنى چېنىقتۇرۇپ، بۇرچىمىزنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى كۈچەيتىپ، جاسارىتىمىزنى تاۋلاپ، ئېنىق پوزىتسىيەمىز، جەڭگىۋار كۈرەش ئىرادىمىز بىلەن چىن كۆڭلىمىزدىن تۆھپە قوشۇپ، باش چۆكۈرۈپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك ئىشەنچ، پولاتتەك ئىنتىزام ۋە پولاتتەك ئىرادە تىكلەپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەگە سادىق بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمىز.

  دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمىز. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگرامما. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»نى ئارقا- ئارقىدىن ئېتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئۆسۈپ كەتكەن خورىكىگە قاتتىق زەربە بەردى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار سىياسىي ئىرادىمىزنى ساقلاپ، جاپالىق جەڭ قىلىش، ئۇزاققىچە كۈرەش قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، قەتئىي بوشاشماي، ئىرادە ۋە چىدامچانلىقىمىزنى كۈچەيتىشىمىز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت، بۇرچ ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سىجىل، ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەستە قولغا كەلتۈرگەن بەختىيار تۇرمۇشىنى قەتئىي قوغداپ، باشلامچىلىق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمىز.

  دەل جايىدا، قاتتىق كۈچەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمىز. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان زور تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرما. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يۈرۈشلۈك «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەيمىز، ئۆز خىزمىتىمىزنى باشلامچىلىق بىلەن باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ چوڭ دولقۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ تەپەككۇر قىلىمىز، پىلانلايمىز ۋە ئىلگىرى سۈرىمىز. مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ»نى ياخشى قىلىش، «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»نىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاققا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرگە دەل جايىدا كۈچەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، چوڭقۇر قېزىش، سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ كۈچ سەرپ قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمىز.

  دۈشمەنگە ئورتاق نەپرەت ياغدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ: شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ئىچىدە ئۇزاققا ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلە يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسىدۇر، دەپ كۆرسەتكەن. مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قانچە ئۇرۇنغانسېرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بىرلىكتە قوغدايدىغان پولات سېپىلنى شۇنچە مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئوخشاش بولمىغان تارماق، ئوخشاش بولمىغان ئۆلكە، شەھەر، ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاردىن شىنجاڭدىن ئىبارەت كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مۇنبەت زېمىنغا جەم بولدۇق، قەلبىمىز سەمىمىي ھېسسىياتقا تولغان. بىز سەمىمىي ھېسسىياتىمىزنى باشتىن- ئاخىر قەتئىي ساقلاپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا سەمىمىي سىردىشىپ، دوستلىشىپ، ئالاقىلىشىپ، ئارىلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سىڭىشىپ، ئىچقويۇن- تاشقويۇن بولۇپ، ئەلرايىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قولغا كەلتۈرۈپ ۋە مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، قەتئىي ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز، دۈشمەنگە ئورتاق نەپرەت ياغدۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈچەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بالدۇر ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمىز.

  ئىرادىمىزدىن يانمايمىز، جاپادىن قاچمايمىز. تەشكىلنىڭ ئىشەنچىسى، رەھبەرلىكنىڭ تاپشۇرۇقى، ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھاۋالىسى، ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، خىزمەتتە قىلچە بىخەستەلىك قىلمايمىز. «تۆتتە ئۈلگە بولۇش» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىمىز. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، ۋەدىمىزگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىش، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىش روھى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە دەۋر تەرەققىياتىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇپ، يېڭى خىزمەت ئورنىمىزدا تۈرلۈك سىناقلارغا دادىل يۈزلىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى خاتىرجەم قىلىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر